ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2817 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 34 ياشلىق سابىق ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ياكۇنتا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ياكۇنتا 2006-يىلىدىكى چېمپىيون ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگىمۇ قاتناشقان.
ياكۇنتا 1979-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۇدېنىس كوماندىسىدا نام چىقارغان، ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن 2005-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، كېيىنكى يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان، شۇ ۋاقىتتا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە گانا بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان. 2007-يىلى يازدا 11 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا قوشۇلغان ۋە ئالدىنقى نەچچە پەسىلدە خېلى ياخشى بولغان توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ساقلىغان. 2011-يىلى كونتې تېرنىر بولغان كېيىن ياكۇنتا، تونى ۋە ئاماۋرى قاتارلىقلار تەس كۈنگە قالغان، 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدە ئالدىنقى يېرىم پەسلىدە بۇ ئۈچەيلەن بىر مىنۇتمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. 2012-يىلى ئۇ ئىجارە شەكلىدە چېسەينا كوماندىسىغا قېتىلغان، لېكىن ئەسلىدىكى ياخشى ھالىتىگە قايتالمىغان، يەتتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن، كوماندىمۇ پەسىل ئاخىرىدا دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن.
ئىجارە ۋاقتى توشۇپ يۇۋېنتۇسقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ كوماندىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىپ توختام توشقۇچە كوماندىدا قېلىش يولىنى تاللىدى، بىر پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشماي 2013-يىلى يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان توختامنى توشقۇزدى. 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئۆزىگە ماس كەلگۈدەك بىرەر كوماندا تاپالمىدى، بۇ يىل يازدىمۇ يېڭى كوماندا ئىزدەش ئىشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئاخىرى چېكىنىشنى قارار قىلدى.
ئۇ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 6 توپ كىرگۈزگەن.
|
|