ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5353 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چېمپىئون تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-14 13:34


بېيجىڭ ۋاقىتى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنى بۈگۈن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ يللىق ئالتۇن توپ نامزاتنىڭ 10 چوڭ تىزملكىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ ،رونالدو ،مېسسى ،سۇئارىز،دىماريا،رودىگېرىز،روببىن،مۇللىر،نويىر،لام،كوستا قاتارلىق پۇتبولچىلار بۇ تىزملككە كىردى.يۇقارقى 10 توپچنىڭ ئۈچى ئەڭ ئاخىرقى نامزاتقا كىرىپ ئالتۇن توپ تارقىتىش نەق مەيدان پائالىيتگە قاتنىشپ بىرسى ئېرىشدۇ.
داڭلىق ئاخپىرات ۋاستسى «ئا س» گېزتىنىڭ ئاشكارلىشچە بۇ يىللىق ئالتۇن توپنى رونالدونىڭ ئېلشى مۇمكىنچىلكى يۇقىرى ئىكەن.
رونالدو ئالدىنقى پەسىل مادىرد ئۈچۈن تۈرلۈك مۇسابىقگە قاتنىشىپ 47 مەيدان مۇسابىقدە 51 توپ كىرگۈزگەن ،ھەمدە 11 مەيدان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقدە 17 توپ كىرگۈزۈپ ئۇزغۇنلۇق تارخىدىكى رىكورتنى بۇزۋەتكەن ،ھەمدە مادىردىقا ۋاكالتەن مۇسابقە ئويناپ بىرلەشمە مەرگىنى، ياۋروپا ئالتۇن كەش ،ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىئونى ،شاھلىق لوڭقىسى چېمپئونى ،ياۋروپا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىئونى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرشكەن.
مېسسى بولسا بارسلونادا كوللكىتپ ۋە شەخسى شەرەپكە ئېرشەلمىگەن ،دۇنيا لوڭقىسدا بولسا ئارگىنتنانى 2-قىلپ ئالتۇن توپنى ئالغان.
سۇئارىز بولسا ئېنگىلاند بىرلەشمە مەرگىنى بولغان ،ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسغا قاتنىشالمىغان.
دىماريانىڭ كوللكىتىپ شەرپى مادرىد كۇلۇبدا رونالدو بىلەن ئوخشاش ،،،دۇنيا لوڭقىسدا 2-بولغان.
بايرىن كۇلۇبدىكى گېرمانىيە پۇتبولچىلىرنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا چېمپىئون بۇلۇش ،بىرلەشمە چېمپىئونى بۇلۇش قاتارلىق شەرەپكە ئېرىشكەن.
رونالدوغا نىسپەتەن بۇ يىل ئالتۇن توپ ئېلىش يۇقىرى دىيشتىكى يەنە بىر قىزغىن نۇقتا بولسا ،ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى پىلاتتنىڭ ئۈلۈشكۈن مادىرد ياۋروپا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسنىڭ چېمپىئونلۇق مىدالنى تارقىتۋاتقان ۋاققتتا پىلاتتىنى رونالدونىڭ بوينىغا مىدال ئېسىپ بولغان تۇرۇپ يەنە بىرنى ئېسىپ قويغان ،بۇ ۋاققىتتا رونالدو مەن ئېلىپ بولدۇم دەپ 1-مىدالنى پىلاتنىغا كۆرسەتكەندە پىلاتتنى ئككىنىچى مىدالنى ئېلۋالغان ،رونالدو پىلاتنىغا باش بارمىقنى چقىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتكەن. |
|