ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2279 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 09:01
گىرمانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بايرىننىڭ ئۆتكەنكى پەسىللەردە ساھىبخان مەيدانى توپ مەستانىلىرى بىلەن لىق تولۇپ تۇراتتى، بۇ يىل 2014\2015-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى باشلىنىشقا يەنە ئىككى ھەپتە قالغان ۋاقىتتا بايرىننىڭ 17 مەيدان ساھىبخان مەيدان بىلەتلىرى تەلتۆكۈس سىتىلىپ بولۇنغان.
گىرمانىيىنىڭ ئاخپارات ۋاستىسى ‹رەسىملەر گىزىتى› نىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە يىڭى پەسىللىك 17 مەيدان ساھىبخان مەيدان بىلەتلىرى ھەممىسى تولۇق سىتىلىپ بولۇنغان بولۇپ يەنە نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى بىلەت ئالالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئىچىدىكى دورتمورد كوماندىسى بىلەن بولغان دىربى جىڭى مۇسابىقىسىنىڭ بىلىتىنى ئالغان كىشىلەر 300 مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن. بايرىننىڭ ئارىيان مەيدانىغا 71 مىڭ تاماششىبىن سىغىدىكەن. بايرىننىڭ بۇ يىللىق ساھىبخان مۇسابىقىلىرىلا بۇنداق كۆپ سىتىلپلا قالماستىن، بەلكى مىھمان مەيدان مۇسابىقىلىرىنىڭمۇ بىلەتلىرىنىڭ سىتىلىشى ياخشى بولغان. يىڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا پادربورىن كوماندىسى بىلەن بايرىن كوماندىسى(مىھمان) ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ 120مىڭ پارچىدىن ئىشىپ كەتكەن، بۇ مەيدانغا سىغىدىغان 15 مىڭ ئادەم سىغىدۇ. بايرىن بۇرۇنمۇ بىرقىتىم ئۆز مەيدانىنى كىڭەيتىپ 71مىڭ كىشىلىك قىلىپ ياساپ چىققان ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا بايرىننىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى: مەن ئىنتايىن خوش بولدۇم، بىزنىڭ پات يىقىندا مەيدانىمىزنى 75 مىڭ كىشىلىك مەيدانغا كىڭەيتىش پىلانىمىز بار، دەپ بىلدۈردى.
|
|