ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 0:30 مىنۇت ئۆتكەندە 2014-2015 مۇسابىقە پەسلى فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى رەسمى باشلاندى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك بىرلەشمە چىمپىيونى پارىژ ساينىت ژىرمان كۇلۇبى مىھمان مەيداندا رىمىس كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. شىۋىتسىيەلىك دارازا ئىبراھىموۋىچ مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئاخىرىدا 2:2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ كوماندىنىڭ ئۇدا 4 پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانمىدا غەلبە تەمىنى تېتىيالماسلىق رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇردى.
بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 1:00 دە فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى. كۈچلۈك موناكۇ كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا لورىئان كۇلۇبى بىلەن تۇتۇشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 9-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا لورىئان كۇلۇبى نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئىرىشتى، بۇ توپنى ئەبۇ بەكرى تىپىپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە 78-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا سابىق مانچىستىر بىرلەشمىسى ھۇجۇمچىسى بىرباتوف چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىشىگە ئۇچراپ موناكۇ كۇلۇبىمۇ ئوخشاشلا نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئىرىشتى. بو توپنى كولومبىيەلىك كىچىك يولۋاس فاركاۋ تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە 87-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا لورىئان كۇلۇبى ياش ماھىرى لاۋىنى قايتارما ھۇجۇم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇرۇپ موناكۇ كۇلۇبىنى بۇغۇزلىدى.
مۇسابىقە جەۋھىرى:
باشقا مۇسابىقىلەر:
رىمىس 2:2 پارىژ ساينىت ژىرمان
نىس 2:3 تۇلۇز
نەنتىس 0:1 لەنس
مونپىلىئېر 1:0 بوردۇ
لىل 0:0 مىس
گەنگامىپ 2:0 سائىنت ئېتىئېن
ئېۋىئېن 3:0 كائان
باستىيا 3:3 مارسىل
لىئون 0:2 رېنىئېن |
|