ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 901 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-8 19:42
شىجاڭ ۋاقتى سەئەت 4:00 دە 2015-2014-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش مۇراسىمى شىۋىتسارىيەنىڭ نىيوندا ئېلىپ بېرىلدى. ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال كۇلۇبى بىلەن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بەشىكتاش كۇلۇبى گورۇپپىغا كىرىش بېلىتىنى تالىشىش رىقابىتىگە دۈچ كەلدى. ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ناپولى كۇلۇبى بىلەن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبى بىر بېلەتنى تالىشىدۇ. گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى لىۋىركوسىن كۇلۇبى بىلەن دانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوپىنھاگىن كۇلۇبى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
يېڭى پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە 20 كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار چېمپىيۇنلار گورۇپپىسى(ئۆزى تەۋە بىرلەشمىدە چېمپىيۇن بولغان كوماندا) ۋە دەرىجىلىكلەر گورۇپپىسى (ئۆزى تەۋە بىرلەشمىدە 2-3-4-بولغان كوماندا) دەپ ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنگەن. ھەر بىر گورۇپپىدا 10 كوماندا بار. ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جۇغلانما نومۇر رەت-تەرتىۋىدە، ئىككى گورۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ ھەربىر گورۇپپىدىن 5 كوماندا، ئىككى گورۇپپىدىن 10 غەلبە قىلغان كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشىمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 19-20-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى ئۇچۇرشىش بولسا 8-ئاينىڭ 26-27-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
چېمپىيۇنلار گورۇپپىسى:
مارىبور كۇلۇبى(سلوۋېنىيە) — كېلتىكلىقلار كوماندىسى(شوتلاندىيە)
سالزىبۇرگ قىزىل كالا كۇلۇبى (ئاۋىستىرىيە) — مالمو (شۋېتسىيە)
ئالبروگ كۇلۇبى (دانىيە) — ئاپوئېل كۇلۇبى (سىپرۇس)
بۇخارىست يۇلتۇزى كۇلۇبى (رومىنىيە) — لۇدوگورتىس كۇلۇبى (بۇلغارىيە)
بىراتىسلاۋا كۇلۇبى (سلوۋاكىيە) — باتې كۇلۇبى (بېلورۇسىيە)
دەرىجىلىكلەر گورۇپپىسى:
بەشىكتاش كۇلۇبى (تۈركىيە) — ئارسىنال كۇلۇبى (ئېنگىلانىد)
سىتاندارد لېگى كۇلۇبى (بېلگىيە) — زىننىت كۇلۇبى (روسىيە)
كوپىنھاگىن كۇلۇبى ( دانىيە) — لىۋىركوسىن ( گېرمانىيە)
لىر كۇلۇبى (فىرانسىيە) — پورتۇ كۇلۇبى (پورتىگالىيە)
ناپولى كۇلۇبى (ئىتالىيە) — بېلباۋ رىقابەت (ئىسپانىيە)
|
|