ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2754 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيى تەنتەربىيسى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى :
بىرازىلىيەنىڭ سانتوس كۇلۇبى ئورگان تورىدا ، ئىتالىيە زەردارى مىلان كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى روبىنھونى بىر يىللىق ئىجارە شەكىلدە قىتىۋالغانلىقىنى ئىلان قىلىدى .
روبىنھو يىقنقى بىر مەزگىلدە ، مىلاندا تۈزۈك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي كىلىۋاتقان بولۇپ ، ئەمدىلىكتە دۆلىتىگە قايتىپ شۇ يەردىن يىڭى پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە كىرىشكەن .
روبىنھو كەسپى ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىنى سانتوس كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، سانتوس كۇلۇبى «ئۆيۈڭگە كەلگىنىڭنى قارشى ئالىمىز» دىگەن بىغىشلىما بىلەن ئۇنى قارشى ئالغان .
سانتوس كۇلۇبى بىلەن روبىنھونىڭ ئىجارە توختامى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ ، روبىنھو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ، بۇ يەر مىنىڭ ئائىلەم ، مەن بۇيەردە ئۆزۈمنى ناھايىتتى ياخشى ھىس قىلىمەن ، مەيداندىكى ئىپادەم ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن ، دىگەن .
روبىنھو 2005-يىلى سانتوس كۇلۇبىدىن خانلىق مادىرىت كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن بولۇپ ، 2008-يىلى مانچىستىر شەھرىگە قوشۇلغان ، 2010-يىلى 1-ئايدا سانتوس كۇلۇبىغا يىرىم يىللىق ئىجارىگە بىرىلگەن . 2010-يىلى 8-ئايدا مىلان بىلەن تۆت يىللىق توختام ئىمزالاپ ، ئۆتكەن يىلى يازدا 2016-يىلىغىچە توختام ئۇزارتقان .
روبىنھو مىلان ئۈچۈن رەسمىي مۇسابىقىلەردە 144 ،مەيدان مۇسابىقىگە ، 32 توپ كىرگۈزگەن . مىلان بىلەن بىرلىكتە بىر قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، بىر قىتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن .
تىلفۇندا يىزىلدى . |
|