akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1539|ئىنكاس: 27

چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى سالاھىيەت مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 19:45  

   
3.png       VS       2805.png

   تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرشىشى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۈركىيە كۈچلۈك كوماندىسى بەشىكتاش كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا گوللاندىيە روتتىردام فېينورد كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 28 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاشقا يېڭى كەلداخۇن دىم بابا ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 74 مىنۇت بولغاندا  فېينورد كۇلۇبىنىڭ توپچىسى ئېلۋىس مانۇ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. 80 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاشتىن يەنە شۇ دىم بابا بۇ مەيداندىكى ئىككىنچى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. 86 مىنۇت بولغاندا دىم بابا يەنە بىر توپ ئۇرۇپ بۇ مەيداندا قالپاق كەيدى. شۇنداق قىلىپ بەشىكتاش كۇلۇبى تۇنجى ئۇچۇرشىشتا 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە بەشىكتاش كۇلۇبى 5-2 نەتىجە فېينورد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.


   7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئۇچۇرشىشتا بەشىكتاش كۇلۇبى مېھمان مەيداندا روتتىردام فېينورد كۇلۇبىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 17 مىنۇت بولغاندا بەشىكتاش توپچىسى مۇستافا بىر توپ ئۇرۇپ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 70 مىنۇت بولغاندا كەرىم بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ۋاقىت توشاي دېگەندە فېينورد كۇلۇبى بىر توپ قايتۇرۋالدى.


   بەشىكتاش كۇلۇبى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۆتۈپ، قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش باسقۇچىغا كىردى. بۇ باسقۇچتىكى رەقىبى ساقلاپ تۇرغان ئارسىنال، ناپولى، لىۋىركوسىن، پورتۇ ۋە بىلباۋ رىقابەت قاتارلىقلاردىن بىرەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچتىن غەلبىلىك ئۆتۈپ كەتسە يېڭى پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بىر تال بېلىتىنى قولغا كۈلتۈرەلەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 19:48:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىم  بابا قارىم  بېرىپلا  ئېچىلىپ  كىتىپتۇ  مانا   داۋاملىق  ياخشى  بولغان  ئىپادىسىنى  جارى  قىلدۇرغاي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 19:51:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېم بابا ئېچىلىپ كېتىپ قالپاق كىيىلىپ قاپتۇ دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 19:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ چۈشەندۈرۋاتقان رىياسەتچى دىم بابا  86-يىلى تۇغۇلغان دەمدۇ نىمە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 20:00:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسېنالغا ئۇچۇرمىسا بولاتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 20:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىم بابا شاشقۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 20:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 20:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەجدە  قىلدىغان يىرىزە  بۇنىڭ    شۇندا قالتىس  .   ھازىرقىدەك كۈچ قۇۋەتنى ئاللاھ نىڭ  بەرگىنىنى  ئۇنۇتمىغاندە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 20:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر قېتىم ئۇچىرىشىدىغان رەقىپلىرى بەك كۈچلۇك كۇماندىلاركەن ، ئالغا بەشىكتاش ، ياخشى نەتىجە بىلەن ياۋرۇپادا چاقنىشىڭنى تىلەيمەن ،  دىم بابا قالپاق ئويۇنى ئويناپتۇغۇ ، مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 21:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3- توپنى ئۇرىۋال دەپلا پاس بېرىپتۇغۇ؟  مانا دېمبابا مۇ ئېچىلىپ كىتىپتۇ.
سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئىككى باسقۇچ ئېلىپ بېرىلامدا؟ تۈركىيەدە 2- بولغان كۇلۇپنىڭ ئۇزغۇنلۇق ئوينىشى تەسمۇ نېمە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 21:27:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن دىمبابا،ئۆز خىلدىكى ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى تىزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن گەپ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 21:45:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشىكتاشنىڭ رەقىبلىرىنى يېڭىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 04:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش