akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 806|ئىنكاس: 31

مۇنبىرىمىز تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن كاتتا خوش-خەۋەر !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 02:53  

بۈگۈن (ئەلقەلىب كۇلۇبى) يەنى مۇنبەر كوماندىمىزنڭ تۆھپىكارلىرىنىڭ بىرى بولغان يۈسۈپجاندىن ماڭا  مۇنبىرىمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا پايدىلىق بىر خوش- خەۋەر يىتىپ كەلدى . تۆۋەندە بۇ خوش -خەۋەرنى كەڭ مۇنبەرداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.  

يېقىندا ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا چوڭ تىپتىكى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىكەن... خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى ئەلقەلىب كۇلۇبى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولدى .
بۇ قېتىم ئەلقەلىب كۇلۇبى ئۈچۈن توپ تېپىدىغان ماھىرلار بولسا خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن نۇرھايات لوڭقىسىدىكىدىنمۇ  داڭلىق ماھىرلار بولۇپ ئومان بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن دىلمۇرات ، شىنجىن قىزىل ياقۇتتا توپ تەپكەن ، ئالدىنقى قېتىم خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە مەستانىلەرنىڭ ئەڭ قايىل بولۇشىغا ئېرىشكەن ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار  كوماندىمىز ئۈچۈن توپ تېپىدۇ . بۇ ئىككى ماھىردىن باشقا كوماندىمىز ئۈچۈن توپ تېپىدىغان ماھىرلار باشقا ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالمىسىلا تۆۋەندىكىچە بولۇدۇ .


ئابدۇغەنى(شاڭخەي شىنخۇا) ، ئەخمەتجان (شىنجاڭ تاشئالما) ، مەخمۇتجان ، (شىنجاڭ تاشئالما) ئەكرەم(شىنجاڭ تاشئالما) ، سابىتجان(شىنجاڭ تاشئالما) ،ئابلەت ( گۇيجۇ جىچېن) ، ئابدۇراززاق (شىنجاڭ لاتارىيە) ، ئابدىشۈكۈر ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار )،ئابدۇراخمان  ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار ) ، شىرئەلى  ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار ) ، مەۋلان  ( شىنجاڭ ئۇ 19 ياشلىقلار )
ئىمىنجان ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، مۇھەممەت تۇرسۇن ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، مۇھەممەت يۈسۈپ  ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، قاھار ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، دىلشات ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) بەختىيار ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) مۇستافا ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، ئابدۇلئەزىز ( قەشقەر ئەمىن پۇتبول مەكتىۋى) ، ئاللا بەردى ( مۇنبەردىكى مىسكىن بوي ) .

ZR`04}5EBD4Y0{I16K}_3WF.jpg



]QG9LN%$XYCWS3DFI)H{D.jpg



ئەلقەلىب دوختۇرخانىسى رەھبەرلىكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىمۇ مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسىنى كوماندىمىز كىيىمگە بېسىپ مۇنبىرىمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدىغان بولدى . مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسىنى بېسىش ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالماسلىق قارارىغا كەلگەن ئەلقەلىب كۇلۇبى رەھبەرلىكىگە ، دوختۇرخانا ۋەكىللىرىدىن بولغان پەرھات ئەپەندى ، ئابلەت ھاجىملارغا مۇنبىرىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز .   ئەگەر مۇنبىرىمىزنىڭ تور ئادرىسىنى پۇل ئارقىلىق  بۇ كوماندىنىڭ كىيىمىگە بېسىشنى مەخسەت قىلساق 30 مىڭيۈۋەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن  .
كاتتا يايلاق  لوڭقىسىدا  ئىخلاس شېركىتى «ئىخلاس» دىگەن خەتنى  ئەزكا كوماندىسىنىڭ كىيىمىگە بېسىش ئۈچۈن 30 مىڭ يۈۋەن ھەق تاپشۇرغان ئىكەن .

بۇ مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا بەلكىم دىيارىمىزدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر بېرىدىغان مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ...

. ھەم توپ مەستانىلىرىنىمۇ خېلى كۆپ جەلىپ قىلالايدۇ ...دېمەك بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ناھايىتى پايدىلىق ئىش .

قالغان  ئىشلارنى بېكەت باشلىقى نىجات  بىلەن سۆزلىشىمىز .   





پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 16:49:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 16:51:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە نەدە ئۆتكۈزىلىدۇ ؟ بىلەت باھاسى دىگەندەك خەۋەرلەر چىقتىمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 16:52:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيىرلىك ئىش بوپتۇ  
لىكىن دىيارىمىزدىكى ئاخبارات ۋاستىللىرى خەۋەر بېرىپ بۇلالماسمىكىن،ئۇلار  ھازىر  قايسى باشلىقنىڭ نەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىننى خەۋەر قىلىش بىلەن ئالدىراش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 16:57:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 16:58:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە قەيەردە ئۆتكۈزىلىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 16:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بۇلۇپتۇ. ۋاقتى كەلگەندە مۇسابىقە توغۇرلۇق بىرئۇچۇر بىرىۋىتەسىلە (مۇسابىقە ئۆتكۈزدىغان جاي ۋاقتى)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 17:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى  بوپتۇ
كورۈپ كىلەيلى  دىسەك ئارلىق يىراق بوپقالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 17:03:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇدا   ئۆتكۈزۈلدىغان    مۇسابىقىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-7 17:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقە خوتەندە ئۆتكۈزۈلمەيدۇ

تەپسىلى ئەھۋال ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم يوللىنىدۇ
.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-7 17:05:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 02:03
ئاقسۇدا   ئۆتكۈزۈلدىغان    مۇسابىقىمۇ؟


ئۇنداق ئەمەس  
بۇ مۇسابىقە ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 17:35:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 17:05
ئۇنداق ئەمەس  
بۇ مۇسابىقە ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلمەيدىك ...

ھە   مەن   تېخى   ئاقسۇدىكى   ئاتال   لوڭقىسى   مۇسابىقىسىمىكى   دەپتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش