elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 20

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت « 5:30 » مىنوت ئۆتكەندە، 2014-يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىشتىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ، بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 34 مىنوت بولغاندا بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسىدىكى چەتئەللىك داڭلىق ھۇجۇمچى ئەلىتون قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى توپتىن بىرنى ئۇردى. شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 74 مىنوتقا قەدەم قويغاندا شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. بۇ توپنى چەتئەللىك ھۇجۇمچى دوس سانتوس كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككىلا كوماندا خېلى تىركەشكەن بولسىمۇ ئەمما توپ ئۇرالماي ئىككى تەرەپ 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ھەمدە نۇقتا توپ جېڭىگە تەييارلاندى. بۇ جەڭدە شەندۇڭ لۇنىڭ 5 : 3، ئومۇمىي نومۇردا 6 : 4 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسنى شاللاپ كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ( ئىككى كوماندىدىن بىردىن توپچى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى ) A30E72K80B6P0005.jpg A30E731V0B6P0005.jpg

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە شاڭخەي يېشىل بەلباغ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي شېن شىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 90 مىنوتلۇق كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن شاڭخەي يېشىل بەلباغ كوماندىسى 4 : 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ  پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى. شاڭخەي يېشىل بەلباغ كوماندىسىدىكى ئىككى چەتئەللىك توپچى ئىككىدىن توپ ئۇردى. قارشى تەرەپ كوماندىنىڭ چەتئەللىك ھۇجۇمچىسى ئىككى توپ كىرگۈزدى. يېرىم ھەل قىلغۇچتا شاڭخەي يېشىل بەلباغ كوماندىسى ئاۋال ساھىبخان كېيىن مېھمان مەيدانىدا جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ
A30EE3960B6P0005.jpg A3089SUT0B6P0005.jpg

بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسدە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى چىڭداۋ سۇ كالىسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا دەرىجىدىن تاشقىرىدىكى خېنەن قورۇلۇش كوماندىسنى كۈتىۋالدى. ئىككى كوماندا 90 مىنوتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا بىردىن توپ كىرگۈزۈپ تەڭلىشىپ قالدى. كېيىن نوقتا توپ تېپىپ ئاخىردا چىڭداۋ سۇ كالىسى كوماندىسى 6 : 5 نەتىجە بىلەن خېنەننى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىردى. چىڭداۋ كوماندىسىدىكى شاۋكەت، خېنەندىن ئابدۇۋېلى بۇ ئىككى قېرىندىشىمزمۇ مەيدانغا چىقتى.  ، تىرىشىپ ئوينىدى. ئىپادىسى ياخشى بولدى .  نوختا توپ تېپىش باسقۇچىدا ئابدۇۋېلى نوختا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، تۇنجى توپنى چىڭداۋ دېڭىز كالىسى قاپقاقچىسى توسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چىڭداۋ دېڭىز كالىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ، شۇنداق قىلىپ شاۋكەت خىڭدانى كەينىگە تاشلاپ قويۇپ 4 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى .
A30H3GFJ0B6P0005.jpg
8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت « 3:30 » مىنوت ئۆتكەندە چىڭداۋ جوڭنېڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. دەسلەپتە چىڭداۋ جوڭنېڭ كوماندىسى توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كېيىن جىياڭسۇ شۈنتىيەن توختىماي ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئىككى توپ ئۇردى. ھەمدە 2 : 1 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ جوڭنېڭنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈككە كىردى.
يېرىم ھەل قىلغۇچ :
شەندۇڭ لۇنىڭ vs چىڭداۋ سۇ كالىسى
شاڭخەي يېشىل بەلباغ vs جىياڭسۇ شۈنتىيەن


مەنبە  : نۇر تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +33 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 33 ئەھمىيەتلىك خەۋەر !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 15:30
كەسپى پۇتبۇل مۇنبىرىنىڭ بولمىغاندىكىن ئۇنىڭ ئۇستىگە  ...

باشقىلار ئەجىر قىلىپ يازغان تىمىنى سىز قىينالمايلار بۇ يەرگە كۆچۆرۆپ ئەكىلىپ قويسىڭىز توغرا بولامدۇ ؟  نۇر تورىدىكى تىمىلارنى مەخسۇس موئاش ئالىدىغانلار يازىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماي كۆچۆرۆپ قويسا توغرا بولماس .
خەنچە سەۋىيىڭىز بولمىسا سىزنى ھېچكىم تىما ياز دەپ زورلىمىدى ، باشقىلار يازغان تىمىنى ئوقۇسىڭىز ، ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ  ،لىكىن تىما كۆچۆرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ ( ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تىمىلار بۇنىڭ سىرتىدا )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 14:56:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىن تىما كۆچۆرمەڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 14:57:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏كىرگەن ھەممە توپلارنى چەتئەللىك ماھىرلار كىرگۈزۈپتىگۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 14:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جۇڭگۇ بىرلەشمىسىدە ھەنىم بولسا چەتئەللىك ماھىرلار بار ئىكەنتۇق بولمىغان بولسا ھەرقانداق مۇسابىقىدە توپ كىرمەي تەڭلىشىپلا نوقتا توپ جېڭىگە چۈشۈپ كېتەتتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:03:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللىكلەر بولمىغان بولسا قانداق قىلارتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كوماندا دەرىجىدىن تاشقىردىكى كوماندىنى ئۇتۇۋالغان گەپما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:10:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ جۇڭگۇ بىرلەشمىسى ئا دەرىجىلىكتىكى كوماندىلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدىكى كوماندىلانى قارتىپ قويۇپ يىرىم ھەلقىلغۇچقا كىركەتتى. ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:14:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردار007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 14:57
‏كىرگەن ھەممە توپلارنى چەتئەللىك ماھىرلار كىرگۈزۈپتى ...

بەسەي يولداشلار قانداقمۇ توپ كىرگۈزەلىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:15:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق گەپ قىلدىكەنسىلە باللا، دۇنيادىكى قايسى بىرلەشمىدە چەتئەللىك يوقكەن ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:16:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرىي يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 15:10
مانا بۇ جۇڭگۇ بىرلەشمىسى ئا دەرىجىلىكتىكى كوماندىلار  ...

جوڭگو بىرلەشمىسىدە ئاجىز كۇلۇپ يوق…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:23:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا گۇاڭجو خىڭدا قاتناشماپتىما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-7 15:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 14:56
بۇندىن كىيىن تىما كۆچۆرمەڭ

كەسپى پۇتبۇل مۇنبىرىنىڭ بولمىغاندىكىن ئۇنىڭ ئۇستىگە نۇر تورى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇنىۋىرسال تورى بولغاندىن كىيىن مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللىساق نىمىشقابولمايدۇ ، خەنلەرنىڭكىنىلام مەنبەنى ئەسكەرتىپ تەرجىمە قىلىپ يوللاش شەرىتمۇ ، ھەممەيلەننىڭ شۇنداق يۇقىرى خەنچە سەۋيىمىز بارمۇ ، مىنىڭچە نۇر تورىمۇ بۇنىڭغا كايىپ كەتمەسلىكى بەلكى ئوزىنىڭ نام -شەرپىنىڭ ئىشىۋاتقانلىقى تۇپەيلى سۇكەتتە تۇرشى مومكىن قاچانغىچە ئۇيغۇر توربەتچىلىكرى بىر -بىرسىدىن قىزغىنىپ تەتۇر قارشىپ ئوتىدۇ ئۇنىڭ ئورنىغا بىر -بىرسىنى قوللاپ -قۇۋۋەتلەپ تەجىربىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بىر -بىرسىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بەرسە بولمامدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
گىرمان + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش