elan ornielan orni
كۆرۈش: 2842|ئىنكاس: 40

تارىختىكى ئەڭ قالتىس تېرنىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 12:39  

               ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
      بىر قوشۇنغا كاللىسى ئۆتكۈر قوماندان باشچىلىق قىلسا، ئۇنداقتا بۇ قوشۇن چوقۇم شانلىق مۇۋاپىقىيەت ۋە غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، قومانداندىن ئايرىلىپ قالغان قوشۇن چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. مەن پۇتبول مەيدانىنى بىر جەڭ مەيدانىغا ئوخشىتىمەن، شۇ جەڭگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېرنىرلارنى قوماندانغا ئوخشىتىمەن. تارىخنىڭ شانلىق بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، بىرقاتار قالتىس ھەم بۈيۈك تېرنىرلار كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ئۇلار بولغاچقا ئاشۇ تارىخلار كىشلەر قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ. چوڭ جەھەتتىن بىر كوماندىنى ، كىچىك جەھەتتىن بىر پۇتبولچىنى شانلىق نەتىجىگە باشلىدى.


1.جاكوبۇس— ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىنىڭ ئاتىسى
ناۋادا 70—يىلىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىنى بىر ‹‹فاكىس يوللاش ماشىنىسى ›› دېسەك، جاكوبۇس دەل شۇ فاكىس ماشىنىسىنى مەشغۇلات قىلغۇچى. ئۇلار بۇ ئېغىر بېسىق تېرنىرنىڭ ئىسلاھات قىلىشى ۋە يىتەكچىلىكىدە، ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ھەم گۈزەل بولغان پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قىلىش ۋە پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىيئە قىلىشتەك ماھارەتنى ئورۇنلىدى.گوللاندىيە كوماندىسى ئۇشبۇ ماھارىتى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبولچىلىقىغا باش بولغان، گوللاندىيەلىكلەرنىڭ پۇتبولچىلىقىدا  پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قىلىش ۋە پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىيئە قىلىش ھەمدە شەخىسنىڭ مول بولغان تەپەككۈر ئىقتىدارى تولىمۇ مۇكەممەل ھالدا بىر گەۋدە بولغان.

جاكوبۇسنىڭ ئەڭ بۈيۈك نەتىجىسى 1988-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كەلگەن، يەنى بىرقاتار ياش پۇتبولچىلارنى يىتەكلەپ، گىرمانىيەنى 2—1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ قانلىق قىساسىنى ئالغاندىن كىيىن، يەنىمۇ بىر بالداق ئىلگىرلىگەن ھالدا سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنى 2—0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ شۇ يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان. ئۇنىڭ يىڭى كوماندىسىنىڭ ھەربىر لىنىيە-ئۆتكەللىرىدە بىردىن كاپىتان شۇ مۇسابىقىگە قوماندانلىق قىلاتتى ۋە يىتەكلەيتتى، ئۇلار بولسا ھۇجۇم لىنىيەسىدىكى ۋانباستىن، ئوتتۇرا مەيدان گۇللىيتتىن باشلاپ مۇداپىئە لىنىيىسدىكى رىجىكاردقىچە.



2.ھىددىنك (Hiddink)— رىۋايەتلىك گوللاندىيەلىك شەخىس
گوللاندىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا چىمپىيون بولغان. يىلىنامە (1986-1987、1987-1988、1988-1999)
گوللاندىيە لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان. يىلنامە(1987-1988、1988-1989、1889-1990)
ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە چىمپىيون. يىلنامە(1988)
2001-يىلى ھىددىك كورىيەدە باش كۆتۈرۈشنى ئويلىغان، ھەم دېگەندەك كورىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى بولغان. ئەمىليەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى بۇ ئادەتتىكى ئادەملەردە كۆرۈلۈشى تەس بولغان يىتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى دەل ھىددىنىكتە مۇجەسسەملەنگەن، ئەڭ ئاخىردا ھىننىك كورىيە دۆلەت كوماندىسىغا باشلىق قىلىپ قاتمۇ-قات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، كورىيەنى تۆت كۈچلۈككە ئەكىرگەن.شۇنىڭ بىلەن ھىددىنىك كورىيە مىللىتىنىڭ قەھرىمانىغا ئايلانغان،ھەمدە تېرنىرلىق ھاياتىدا مۇشۇنىڭدەك ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى شانلىق تارىخ بەتلىرىگە يازغان.


3.ياكەي
1998-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، بۇ كۈندە فىرانسىيەلىكلەر بىر-بىرلەپ ناپالىيوننىڭ بىر جۈملە سۆزىنى ئەسلەشتى، يەنى‹‹ فىرانسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن، دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق››دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۇنيادىكى بارلىق توپ مەستانلىرى ئىچىدىن ئاز بولمىغان توپ مەستانىلىرى ئەجەپلەنگەن ھالدا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قالغان ئىدى، چۈنكى ئويلاپ يەتكۈسىز بىر ئىش يۈز بەردى. فىرانسىيە 0:3 چوڭ پەرىق بىلەن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا بەرگەن بىر كاتتا سوۋغىسىمىدۇ؟
فىرانسىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە پۇتبول گەرچە ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئەھمىيىتى زور. فىرانسىيەنى يىتەكلەپ زور زەپەر قۇچقان ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن تېرنىر ياكەي، كىشلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شەخىس بولۇپ قالغان.


4.رىجىكارد
فىرانىك رىجىكارد بۇرۇن پۇتبولچى ۋاختىدا گوللاندىيەنىڭ ‹‹ ئۈچ قېلىچۋاز›› دىن بىرى ئىدى. ئۇ گۇلىيت ۋە ۋانباستىن بىلەن بىرلىشىپ مىلاندا ۋە گوللاندىيە دۆلەت كۇلۇبىدا ئۆچمەس تۆھپە ۋە شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى زامان پۇتبولچىلىقىنىڭ قەھرىمانىلىرى.2000-يىلى باش تېرنىر بولۇش سۈپىتى بىلەن گوللاندىيەنى تۆت كۈچلۈككە مۇۋاپىقىيەتلىك ئەكىرگەن. 2003-يىلى بارسىلوناغا تېرنىر بولۇپ، بىرىنجى يىلى بارسىلونانى يىتەكلەپ ئۈچۈنجىلىككە ئېرىشتۈرگەن، كىين ئالدى-كەينى بولۇپ بارسىلونانى ئۇدا ئىككى يىل چىمپىيونلۇق تەختىدە ئولتۇرغۇزغان.2006 -يىلى ئۇ كوماندىنى يىتەكلەپ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.


5.فورگۇسېن— قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ مەڭگۈلۈك قوماندانى
1941-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى گىلاسگوۋدا تۇغۇلغان، دۇنياغا داڭلىق ھەم مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى تېرنىرلارنىڭ بىرى. پۇتبولچى ۋاقتىدا مەيداندىكى ھۇجۇمچىلىقتىن ئىستىپا بېرىپ، دۇمفېرملىن، جاھان كەزدىچىلەر كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن، تېرنىرلىق ھاياتى 1974-يىلى 6-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئالدى كەينى بولۇپ سىتىرلىڭ ۋە ئابىردېن قاتارلىق كۇلۇپلارغا تېرنىرلىق قىلغان، ھەم ئابىردىن كوماندىسىنى يىتەكلەپ ياۋرۇپا‹‹ يىڭىپ چىققۇچىلار ›› لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.1986-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى فورگۇسېن ئاتىجىنسېننىڭ ئورنىغا چىقىپ مانچىستىرنى يىتەكلەپ ماڭغان. مانچىستىرنى يىتەكلىگەن 27يىل جەريانىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ جەمىئىي 38 قېتىم چىمپىيون، جۈملىدىن 12 قېتىم ئېنگىلاند بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى ۋە 2 قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ مانچىستىرغا تېرنىر بولغاندىن باشلاپ جەمئىي 1500 قېتىم مۇسابىقىگە يىتەكچىلىك قىلغان. 1999-يىلى كوماندىغا يىتەكچى بولۇپ ئۈچ قېتىملىق چىمپىيونلۇق لوڭقا مۇسابىقىسىدە ئۇدا چىمپىيون بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە قىلغان تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ دېيىشكە بولىدۇ.2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مانچىستر كۇلۇبى ئورگان تەرەپ 26 يىل مانچىستىرغا تۈۋرۈك بولۇپ، باشلامچى بولغان بۇ تېرنىرنىڭ 12/13 پەسىللىك مۇسابىقىدىن كىيىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغانىدى، ھەممە مەستانىلەرنىڭ كۆڭلى بىرقىسما بولۇشقانىدى.2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى فورگۇسېن مانچىستىرنىڭ 1500-مەيدان مۇسابقىسىدىن كىيىن رەسمىي چىكىندى. ئۇنىڭغا ھۆرمەت !


6.سانتانا—سەنئەتكار پۇتبول ئۇستازى
سانتانا بۇرۇن دەپ ئۆتكەن :‹‹ پۇتبولنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت، بىرخىل خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىش، ئەكىسچە پۇتبولنى ئۇياقتىن-بۇياققا تېپىپ ئويناش ئەمەس. مەن پۇتبولدا يىڭىلسەم ۋە مەغلۇپ بولسام مەيلىكى ئەمما مەن باشقۇرغان كوماندىكى توپچىلارنىڭ قەستەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىنى ، رەقىبىنى قەستەن تېپىش ۋە ئەخمىقانە-گۆدەكلەرچە توپ كىرگۈزۈشنى قەتتىي خالىمايمەن.›› سانتانانىڭ كىشلىك تۇرمۇشىنى ئەسلەيمىز، جۈملىدىن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى داسىلۋا. ئۇ ‹‹سانتانا ئىزچىل ھالدا پۇتبولنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان ئادەم››دېگەن. توغرا،  ئۇ ئىزچىل ھالدا پۇتبولنىڭ ‹‹ چۈشەنچىسى ۋە تېخنىكا-ماھارەت ھەمدە رەقىبىنى ھۆرمەتلەش›› دەك ئىشلار ئۈستىدە تەڭشەش- ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان.
سانتانا 1982-يىلى ۋە 1986-يىلى ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيەنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىغا جەڭ ئېلان قىلغان. ھەمدە سانپاۋلو كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىككى قېتىم ئۇدا ئازاتلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈرگەن.ئۇنىڭ مۇسابىقىگە بولغان ئادىل پوزىتسىيىسى ۋە  پۇتبولنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىپ قېلىشىغا قاتتىق قارشى تۇرۇشتەك روھى بىلەن ئەل ئارىسىدا  نامى بار.


7.لىپپى — ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر كوماندىنى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىمۇ، ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىدىمۇ چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۇرگەن تېرنىر.

لىپپى  ئىتالىيەلىك ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تېرنىر، ئۇنىڭ 25 يىللىق تېرنىرلىق ھاياتىدا ئۇ كۇلۇب تېرنىرى ئويلاشقا تىگىشلىكنى ئويلاپ، قىلىشقا تىگىشلىكنى قىلىپ ئاخىردا بارلىق شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىسمى ھەربىر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىرمۇ-بىر نامايەن بولاتتى، ھەتتا بەزى ئادەملەر بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ، غەلبە ۋە چىمپىيونلۇق يەنە بۇ كىشىدىن ئاشارمۇ ؟ دەپ تەرىپلىگەنىدى، ھەقىقەتەن، لىپپى تېرنىرلار قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك شەرتلەردىن خېلى بەك ئېشىپ كەتكەن.
لىپپى يۈرەكلىك ھالدا ئادەم ئىشلەتكەشكە ئىتالىيەدە نامى كەڭ تارقالغان. ئۇ پادوۋادىن كەلگەن 19 ياشلىق بالا دېلپىيرونى باشتا مەيدانغا چىقىرىپ، ‹‹ئونىمىڭلارچە ئادەم مەستانە بولغان›› باگگىيونى زاپاس ئەزا قاتارىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان.90-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە باگگىيو بىرقېتىملىق جەڭدىلا نام چىقارغان ۋاقتىدا، لىپپى تېخى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت كۈتىۋاتقانىدى. كىلە-كەلمەيلا بۇنچە قاپيۈرەكلىك قىلىش، بەلكىم لىپىدىن سىرت  باشقا بىر تېرنىر بۇنچە قاپيۈرەكلىك بىلەن ئىش قىلماسلىقى مۇمكىن.......شۇنىڭ بىلەن لىپپى كىين يۇۋىنتۇس خانلىقىنى مەيدانغا كەلتۈردى.


8.ھىتىزفىلد—Hitzfeld
تېرنىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ياراتقان نەتىجىلەر ئىنتايىن پارلاق! 1989-1990ۋە 1991-1991-يللىرى Grasshoppers كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىككى قېتىم شىۋىتسىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەمدە ئۈچ قېتىم شىۋىتسارىيە پۇتبول ئۇيۇشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان، يىلنامىسى 1984-85、1988-89ۋە 1989-90 -يىللىرى.
گىرمانىيەگە قايتقاندىن كىيىن دورتمىئۇنتد كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ ئىككى قېتىم گىرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان (1994-94ۋە 1995-96-يىلىق) .  1996-97يىلى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيون لوڭىسى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ئىتالىيەنىڭ يۇۋىنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيون بولغان.كىين بەيرىنمىيۇنخېن كوماندىسىغا تېرنىر بولغان ۋە تېرنىر بولۇپلا بەيرىنمىيۇنخېننى بىرلەشمە مۇسابىقىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۇرگەن. 1999-2000-يىلى گىرمانىيەنىڭ‹‹ قوش چىمپىيون شاھى›› دەپ ئاتالغان.
كىين 2001-يىلى بەيرىنمىيۇنخېن ھىتىزفىلدنىڭ تۈرتىكىسى ۋە باشچىلىقىدا 4 -قېتىم ياۋرۇپانىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىققان.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ۋە كائىن، ئىففىنبىرىگ، مەخمەت سىكول، ئېلبىر قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى بىلەن بىللە بەيرىنمىيۇنخىېننىڭ شانلىق تارىخ بېتىگە بىرمۇ-بىر يازدى.


9.بوسىك
بوسىك 1950-يىلى 12-ئاينىڭ23-كۈنى تۇغۇلغان. ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى، 1999-يىلىدىن 2003-يىلىگىچە خانجەمەتى مادىرىت كوماندىسىدا تېرنىرلىق قىلغان، ھەم مادىرىت تارىخىدىكى ئەڭ تالانتلىق تېرنىرلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ 2010-يىلى ئىسپانىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەمدە 2012-يىلى يەنە ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ قوش نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە دۇنيا بويىچە بىردىن-بىر ئۈچ قېتىملىق دۇنياۋى مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان كوماندا بولدى. بوسىكمۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ياۋرۇپا چىمپپىيونلۇق لوڭقىسى قاتارلىقلاردا چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بىردىن-بىر دۇنياۋى تېرنىر بولۇپ قالدى.
ئەمما تارىخ تەكرارلانغاندەك، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىسپانىيە ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسىدىن بىرىنجى بولۇپ خوشلاشقان ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون كوماندا بولۇپ قالدى.


10.باسبىي
باسبىي ئېىنگىلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرى. 1909-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى لەنكاشرىدا تۇغۇلغان. 1928-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئېنگىلاند پۇتبولىنىڭ قىززىقتۇرىشىدا بۇ كەسىپكە كىرگەن. بۇ ۋاقىت دەل ئۇنىڭ مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ۋاقتى ئىدى،1936-يىلى 3-ئاي، ئۇ 8000 فونىستىرلىڭ باھا بىلەن لىۋىرپۇلغا يۆتكەلگەن. ئۇ 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى مانچىستىرنىڭ باش تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى قولىغا ئالدى. ھەمدە 1956ۋە 57-يىلى ئىككى يىللىق چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، 1957-يىلى پۇتبول لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن. كىيىن بەيرىنمىيۇنخېنغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويغان. باسبىيمۇ مانچىستىرنى تۈۋرۈكتەك تىرەپ، ئۇنى 23يىل يىتەكلىگەندىن كىين،  ئۆزىنىڭ 1968/69 پەسىللىك مۇسابقىدىن كېيىن چىكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  1994
-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باسبىي كىسەل سەۋەبى بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بۇدۇنيادىن خوشلاشقان.ئىشىنىمەنكى ئۇ ياراتقان تۆھپە ۋە شان-شەرەپلەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇ مەڭگۈ كىشلەر قەلبىدە ھايات!


ئىزاھات: پايدىلانغان ماتىرىيالىم 2013-يىل8-ئاينىڭكىكەن، بەزى نەرسىلەر ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا خاتا جاي بولسا چىرايلىق كۆرسىتىپ بەرسەڭلار تۈزىتىۋەتسەم، نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ ھېرىپمۇ قالدىم، بەلكىم بەزى يەرجاي ئىسىم، سان—سىفىرخاتا بولۇپ قالغان بولۇشى ياكى قىسمەن جايلاردىكى جۈملە باغلىنىشسىزراق بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، مەن  داۋاملىق تەكشۈرۈپ تېخىمۇ مۇككەممەل قىلىشقا تىرىشىمەن، قوللىغىنىڭلارغا ۋە ياختۇرۇپ ئوقۇغۇنىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +60 يىغىش سەۋەبى
1414 + 50 جاپا چەكتىڭىز
allayar + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-6 18:22:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فو بوۋاي ھەممىدىن قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز.... ياخشى تىما بوپتۇ...نادىرلاشقا ئىلتىماس سۇندۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىف كىرەلمەيدىكەندە بۇتىزىملىككە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:39:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك ئېسىل تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:41:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈيۈك دىمەي  قالتىس تىرنىرلا.دىسەك بولامىكى. سەمىمى تەكلىپ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىجىكارد ھەقىقەتەن قالتىس تېرىنېر ئىدى . مېسسىنى بايقاپ چىققانمۇ ، رونالدىنھونىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقانمۇ شۇ !!!~ شۇڭا مېسسى بۇ ئۇستازىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوڭقا ئىلىشنى تىرنىرلارنڭمۇ، ماھىرلارنڭمۇ، كوماندىلارنڭمۇ ‹‹ ئەڭ قالتىس›› ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىۋىلىش تولىمۇ بىمەنىلىك، گەرچە ئاخىرقى نىشان شۇ بولسىمۇ.
بولۇپمۇ تىرنىرلارنىڭ كوماندىنى يىتەكلىگەن جەريانىدىكى سىڭدۈرگەن ئەجرى، ئاققۇزغان تەرلىرىگە يۈسىزلىك بىلەن كۆزىنى يۇمىۋىلىش بەك پەس قىلىق. ( بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى بوسىك ۋە سىكولارىنى كۆزدە تۇتتۇم).

ئەجىرلىك كاتتا تىما بولۇپتۇ. تىمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 18:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنچە گۇادىئوۋلا،ئەنچىلوتى ،مورىنو،ۋانجال،ۋىنگىر،كىلوپ....نورغۇنلىغان مۇنەۋۋەرتىرىنىرلار بۇسەپكە قېتىلغۇسى.
ئەجىرلىك تىما بوپتۇ،پىشقەدەم مەشقاۋۇللار بىلەن تۇنىشىۋالدۇق،تىما ئىگىسىگە رەخمەت


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 19:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالۋان بۇرادەر، ئېسىل تېما بوپتۇ.... قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن...
رىجكارد بۇ تىزىملىككە كىرىشتە سەل ياشلىق قىلىپ قالامدۇ - قانداق؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 19:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى بىر ئىككى تېرىنىرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن !    گوتاز بىلەن مو تەلۋىمۇ ھازىرقى زاماندىكى خېلى ئۇتۇق قازانغان تېرىنىرلاردىن !     ياخشى تېما بوپتۇ !  نادىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-8-6 19:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 19:01
پالۋان بۇرادەر، ئېسىل تېما بوپتۇ.... قولىڭىزغا دەرت كەل ...

بىزنىڭ مىلەندىن چىققان دەپ پوچى يۈرمەي،،،
ھىلى يادىغا كەلسە چىقىرۋىتىپ قالمىسۇن

مىنڭچە رىجىكاردنىڭ ‹ ئالەم كوماندىسى› بىلەن بىرگە ئىرىشكەن شەرەپ-نەتىجىلىرى، ئۇنىڭ بۇ سەپكە قىتىلىشىدا ‹ياش› كەپ قالمايدىغاندەك تەسىر بەردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 14:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش