ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان دوسىتلۇق مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە بېرمىن كۇلۇبى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئېنگىلانىد چېلسى كۇلۇبىنى يەڭدى. 20 مىنۇت بولغاندا تېررى قول توپ قائىدىگە خىلاپ ھەركىتى ئىشلەپ قارشى تەرەپكە بىر نوقتا توپ پۇرسىتى يارتىپ بەردى. بۇ توپنى بېرمىن توپچىسى ئېلىيا كىرگۈزدى. 38 مىنۇت بولغاندا بېرمىن توپچىسى ئوبرانىك كاللا توپتىن بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 2—0 قىلىپ ئۆزگەرىتتى. مۇسابىقىنىڭ 89 مىنۇت بولغاندا چېلسى تەرەپتىن قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ قارشى تەرەپكە يەنە بىر نوقتا توپ پۇرسىتى يارتىپ بەردى. بۇ توپنى بېرمىن توپچىسى كىروس ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3-0 قىلدى.
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە چېلسى تەرەپتىن دىروگىبا كوستانىڭ، چېخ كورتۇۋانىڭ، خازارد سالاھنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى.
تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان خەلىپە لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە موناكو كۇلۇبى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مېھمان مەيداندا ئېنگىلانىد ئارسىنال كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىنىڭ 19 -مىنۇتىدا موناكونىڭ ھۇجۇمچىسى فالكاۋ بۇ مەيداندىكى بىردىن-بىر توپىنى ئۇرۇپ كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى.
|
|