ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2671 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-4 12:10
تارىختا نۇرغۇن كۈچلۈك كوماندىلار ئۆتتى، بەش قېتىم ئارقا – ئارقىدىن ئۇزغۇن بولغان رېئال مادرىد، 70 – يىللاردا بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن بايرېن مىيۇنخېن، 80 – يىللارنىڭ باشلىرىدىكى «قىزىل ئارمىيە» لىۋېرپول، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىگە يالغۇز ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىلان، يېڭى ئەسىردىكى ئالەم كوماندىسى بارسېلونا... يەنە سانىساق مانچېستېر بىرلەشمىسى، ئارسېنال، چېلسى، ئېنتىر، يۇۋېنتۇس... ھەممىمىزگە تونۇشلۇق زەردار كوماندىلار ئاز ئەمەس. ئىسمى ئاتالغان بۇ كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى باھالشقا ئۇرۇنۇش ياكى ئۆلچەشتىن ئارتۇق ئەخمىقانىلىق بولمىسا كېرەك.
لېكىن، كوماندىلار ئارىسىدا ھامان كۈچ پەرقى بولىدۇ، كوماندىلار بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلايدۇ. ئەمىسە، بۈگۈنكى زاماندىكى، كۆز ئالدىمىزدىكى كوماندىلارنىڭ (دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇب) ئەمەلىي كۈچىنى زادى نېمىگە تايىنىپ ئۆلچەيمىز، نېمىگە ئاساسەن كۈچلۈك دەيمىز؟ ئېرىشكەن چېمپىيونلۇقىغىمۇ؟ چولپانلىرىنىڭ سانىغىمۇ؟ كۇلۇبنىڭ پايدىسى ۋە پۇلىغىمۇ؟ چېمپىيونلۇقنىلا ئاساس قىلساق ئارسېنالنى، رىمنى، دورتىموندنى يەنە كۈچلۈك، زەردار كوماندا دېيەلەمدۇق؟ چولپاننىڭ سانىغا قارىساق 2002 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رېئال مادرىد تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بولۇپ، ئالمىغان چېمپىيونلۇقى، چىقمىغان تېغى قالمىسا بولاتتى، كۇلۇب كىرىمىمۇ شۇنداق، بايا تىلغا ئېلىنغان مادرىد بىلەن مەنسۇر بايكامنىڭ مانچېستر شەھىرى ئۇزغۇنلۇقنى نەچچە قېتىم ئېلىشى، شەھەرلىكلەر ھېچبولمىدى دېگەندە بىرلەشمە لوڭقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئۇدا نەچچە قېتىم، ئازراقمۇ قىينالماي ئېرىشىسە بولاتتى...
دېمەك، بىر كوماندىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىغا باھا بېرىشتە يۇقىرىقى ئوبيېكتىپ ئامىللارغا قارىغاندا يەنە باشقا بەزى نەرسىلەر بەكرەك پۇت دەسسەپ تۇرالىشى مۇمكىن. تۆۋەندە مەن ئۇزۇن يىللىق توپ كۆرۈش، ماتېرىيال توپلاش، ئەمەلىي تەجرىبە (ئۆزۈم كۆرگەن، پەرەز قىلغان مۇسابىقە دېمەكچى) ئارقىلىق ھېس قىلىپ، يەكۈنلەپ چىققان ئىككى خىل ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇلمۇ مۇتلەق ئەمەس، لېكىن، خېلى كۆپ ۋاقىتلاردا پايدىلىنىشقا، ھەتتا بەزى مۇھىم ۋاقىتلاردا (لاتارىيە ۋە دو تىكىشكەن چاغدا) ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. دوستلارنىڭ ئاۋۋال ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن پاكىتلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. ئىككى ماھىرنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ باھالاش ئۇسۇلى (ئاساسلىقى دۆلەت كوماندىلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ).
بۇ ئۇسۇل ئاساسلىقى دۆلەت كوماندىلىرىغا ۋە بىر كوماندىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى ئەمەلىي كۈچىنى باھالاشقا ماس كېلىدۇ.
بىر كوماندىدىكى ئەڭ غوللۇق ماھىرنى مەيدانغا چىقارمىساق كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلىماي نېمە بولىدۇ؟ بۇ سەل ئەخمىقانىلىقمۇ نېمە؟ قېرىنداش، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. بىر – ئىككى ماھىرنىڭ يوق بولۇشى بىلەنلا بەك ئاجىزلاپ كېتىدىغان كوماندىنى كۈچلۈك كوماندا دېسەك تازا توغرا بولماس، خۇددى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىدەك. بۇ يىلقى گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە ۋە رېئال مادرىد بىلەن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىلىرىنىڭ 11 مۇھىم ئەزاسىنى ئېلىۋەتسەكمۇ، زاپاس ئەزالىرىدىن يەنە خېلى كۈچلۈك بىر كوماندا تەشكىللىنىدۇ، ھەمدە بۇ تۆت كوماندىنى يەنىلا ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار دېسەك خاتالاشمايمىز. دېمەك، بۇ ئۇسۇلنى بەك خاتا دېيىشكە بولمايدۇ. تۆۋەندە مەن ئەمەلىي مىسال بىلەن بۇ ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن:
ئاۋۋال كۈچلۈك توققۇز دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىككىدىن غوللۇق ماھىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالغا قاراپ باقايلى:
1. بىرازىلىيە: نېيمار بىلەن سىلۋانى چىقىرىۋېتىپ باقايلى: بۇ شەكىل ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتۈپ بولدى، گېرمانىيە سانجىغان 7 تال زىخ تېخىچە تۇرىۋاتىدۇ.
2. ئارگېنتىنا: مېسسى بىلەن دىمارىيانى چىقىرىۋېتىپ باقايلى: بۇ خىل ئەھۋال مۇھىم مۇسابىقىلەردە تېخى كۆرۈلۈپ باقمىدى، لېكىن بىر دىمارىيا يوق يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوبدانلا تەرلىدى، ئەگەر مېسسىمۇ يوق بولۇپ قالسا... ئىشقىلىپ، مەن تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.
3. گېرمانىيە: مانا مەسىلە تۇغۇلدى. بۇ كوماندىنىڭ ئەڭ غوللۇق ئىككى ماھىرى زادى قايسى؟ ھەر كىمنىڭ جاۋابى ھەر خىل، بۇ دەل گېرمانىيەنىڭ كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى. مەن ئۆزۈمنىڭ قارىشى بويىچە ئۆزىل بىلەن مۇللېرنى چىقىرىۋېتەي. پاھ، بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدىغانلار تىزىلىپ بولدى: پودولىسكىي، شۈرلى، گوتزې، رۇئېس، كىروس، دىلاكېسلېر... دەرۋەقە، بەزىلىرى ئۆزىل بىلەن مۇللېردەك بولمىسىمۇ، ھەرھالدا چانمىغۇدەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەمەلىي نەتىجە بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى.
4. ئىسپانىيە: بۇ كوماندىمۇ گېرمانىيەگە ئوخشاش غوللۇق ماھىرى تارقاقلاشقان، تەكشى كوماندا. بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئىسپانىيەنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۆزۈمنىڭ قارىشى بويىچە ئېنىستا بىلەن سىلۋانى چىقىرېۋىتىپ باقايلى: ئالدى مەيداندىكى ئىككى ماتور يوق بولۇپ قالدى، لېكىن شاۋى، ئالونسو، مارتېنىزدەك ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىلار، فابرىگاس، كازولا، ناۋاس، ماتاغا ئوخشاش ئالدى مەيداندىكى ئەركىن ئوتتۇرا مەيدانلار، تورېس، كوستا، سولدادو، نېيگىرىدو... قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن بۇ كوماندا يەنىلا نەچچە يىلغىچە ئۆزىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
5. ئىتالىيە: ئۆزۈم ئاشىق، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان كوماندا تۇرۇقلۇق كىملەرنى چىقىرىۋېتىشنى بىلەلمىدىم. پىرلو ئەڭ غوللۇق ماھىر، ئۇنى ئەلۋەتتە چىقىرىۋېتىمىز. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ بىر ماھىرنى چىقىرىۋېتىشلا ئىتالىيەنى ياۋروپادىكى ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى قاتاردىكى كوماندىغا ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ، بۇنىڭغا بالوتېلىنى قوشساق ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. دەرۋقە، بالوتېلى ئىتالىيەدىكى ئەڭ نوچى ھۇجۇمچى ئەمەس، لېكىن، ھازىرقى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى. پىرلو يوق ئىتالىيەنى 2010 – يىلى كۆرگەنىدۇق، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى يۇ لېكىن پىرلو بار ئىتالىيەنىڭ كۈچى، ئۇ يوق ئىتالىيەدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەقىقەت.
6. گوللاندىيە: بۇ كوماندىنى بىر تەرەپ قىلماق ئاسان، ۋان پېرىس بىلەن روبېن!!! مۇشۇ ئىككى ماھىرنى، بولۇپمۇ ھازىرقى گوللاندىيەدىن ھازىرقى روبېننى چىقىرىۋەتسەك، گوللاندىيە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش ئەمەس، گۇرۇپپىدىن چىقسىمۇ چوڭ نەتىجە ھېسابلىناتتى.
7. ئىنگىلاند: بۇ كوماندىغا نېمە دېسەك بولار. ئامال يوق، رۇنىي بىلەن جېرادنى چىقىرىۋېتەيلى: بۇ ئىككىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئىنگىلاند بەك ناچار بولۇپ كەتمەس (بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولۇپ نەگە بارار؟)، لېكىن ھازىرقىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، دېسە، ناتايىن دەپ جاۋاب بېرىمەن.
8. فىرانسىيە: ئەسلىدە رېبىرى بىلەن بېنزىمانى چىقىرىۋەتمەكچى ئىدىم، رېبىرى بۇ يىل ئەسلىدىنلا يوق بولغاچقا، فىرانسىيەنىڭ تۇرغۇنلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بېنزىما بىلەن ھاياتىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پوگبانى چىقىرىۋەتتىم. رېبىرى يوق فىرانسىيەنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسى ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىقىپ ناھايىتى ياخشى بولدى، مېنىڭ بۇ ئۇسۇلۇممۇ گۇمانغا قالدى. لېكىن، بېنزىما بىلەن پوگبا بولمىغان بولسا فىرانسىيەنىڭ بۇ يىلقى نەتىجىسىگە بىر نېمە دېمەك يەنىلا قىيىن بولاتتى.
9. پورتۇگالىيە: قايسى ئىككى ماھىرنى چىقىرىۋېتەرمىز؟ ئىتالىيەگە ئوخشاشلا ئەڭ يادرولۇق ماھىردىن بىرنى، يەنى رونالدونىلا چىقىرىۋەتسەك، پورتۇگالىيە ياۋروپادىكى ئىككىنچى ھەتتا ئۈچىنچى قاتاردىكى كوماندىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭغا مۇداپىدىكى داھىي پې پېنى قوشساق (نېمىلا دېگەن بىلەن پې پې يەنىلا مۇھىم، غوللۇق ماھىر) پورتۇگالىيە ئوبدانلا ئاجىزلايدۇ. (پورتۇگالىيەنىڭ بۇ يىلقى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ھەممىزگە ئايدىڭ)...
دېمەك، مەلۇم بىر كوماندىنىڭ، بولۇپمۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچىنى بىلىش، باشقا كوماندىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتا يۇقىرىقى ئۇسۇل ئوبدانلا ئۈنۈم بېرىدۇ. لېكىن، كۇلۇب ئوخشىمايدۇ، چۈنكى كۇلۇب ھەر بىر ئورۇنغا ئۆزى خالىغان، ياخشى ماھىرلارنى تولۇقلىيالىغاچقا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى تازا دېگەندەك بولمايدۇ.
كۇلۇبلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، كوماندىنىڭ مەلۇم مەزگىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز ۋاقتىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى «كۈچلۈك كوماندىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى (2)» دېگەن كېيىنرەك ئېلان قىلىدىغان تېمامدىن، يەنى بۇ تېمىنىڭ داۋامىدىن كۆرگەيسىلەر...
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|