ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1652 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇستاز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-2 01:29
شىنلاڭ تورى خەۋىرى، ئۇستاز تەرجىمىسى: گوللاندىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ھىدىنىكنىڭ گوللاندىيە كۇماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.
ھىدىنىك 1998-يىلى گوللاندىيە كۇماندىسىنى يىتەكلەپ فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا 4-لىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئېلگىرى-كىيىن بولۇپ كۇرىيە، ئاۋىستىرالىيە، روسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت كۇماندىلىرىنى يىتەكلىگەن، ئارلىقتا ئابلاباينىڭ تەكلىپى بويىچە چېلسى كۇماندىسىنىمۇ تۇتۇپ كۆرگەن بولۇپ، بۇ مەشقاۋۇلنىڭ قابىلىيىتىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ ھەممىڭلار بىلىسىلە.
بۇ قىتىملىق مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىر يارقىن نوقتىسى بولسا، گوللاندىيە دۆلەت كۇماندىسى شۇنداقلا مانچىستېر بىرلەشمىسى ۋە خانلىق مادرىت كۇماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك ھۇجۇمچىسى «چەكلەنگەن رايۇن قاتىلى» ۋان نىستىرۇينىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈتىشىدىن ئىبارەت. بۇ ۋان نىستىرۇينىڭ مەشقاۋۇللۇق تۇنجى قەدىمى بوپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت.
(تېلىفۇندا يېزىلغاچ، رەسىم يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىدى) |
|