ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيى تورى خەۋىرى
ئىنلىك يېقىندا بارسېلونانىڭ 10چوڭ ھەربىيچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئېلان قىلدى ، ئەگەر باشقۇرۇشقا قەتئىي بويسۇنماي قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى بەلكىم بىۋاستە كوماندىدىن ھەيدىۋىتىشى مۇمكىن .
ۋاڭيى تورىنىڭ خەۋەر قىلىنىشچە ، بارسېلونانىڭ يېقىنقىياقى چېكىنىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ . گۇئادىيالا بار ۋاقتىدا بارسېلونانىڭ تۈزۈمىنى ھەربىيچە تۈزۈم دەپ قارىلىپ كەلگەن . گۇئادىيالا كەتكەندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا بولسا بارسېلونانىڭ ئىپادىسىدە كۈندىن - كۈنگە چېكىنىش ئېغىر بولغان . بىلانوۋانىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېسەل داۋالىتىش بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى باشقۇردىغان ئادەم قالمىغان . ھالبۇكى ئالدىنقى پەسىل بارسېلونانىڭ كونا ئەزالىرىمۇ مارتېنىئوغا ئانچە يۈز بەرمىگەن . شۇڭا بارسېلونا ئىنلىكنى تېرىنىر قىلىپ بېكىتىشىمۇ ئۇنىڭ قاتتىق تۈزۈم بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى .‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىنىشىچە ، يېقىندا ئىنلىك بارسېلونانىڭ 10چوڭ ھەربىيچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئېلان قىلغان .
تۆۋەندىكىسى بارسېلونانىڭ يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈمى :
1. كوماندا ئەزالىرى چۇقۇم بىر سائەت بۇرۇن مەشىق مەيدانىغا كېلىپ بولۇشى كېرەك . ( ئىنلىك كۈندە 7:30 دە خىزمەت قىلىشنى باشلايدىكەن . ئۇنىڭ نەزىرىدە مەشىققە كېچىكىپ كېلىش ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىلەن تەڭ )
2. تاماققا كىرگەندە ھەرقانداق ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى چەكلەش .
3. مۇسابىقىئە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى 48 سائەت ئىچىدە چۇقۇم سائەت 0 دىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتىپ يىتەرلىك ئۇخلاش كېرەك .
4. قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئارخىپىغا يېزىۋىتىش ، كوماندىدىن ھەيدىۋىتىش .
5. كوماندا ئەزالىرى ئاشكارا سۆز قىلغان چاغلاردا قارشى تەرەپلەرنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ، ئارۋىس بىلەن مۇرىنىئونىڭ تۈكۈرۈك جېڭىدەك ئىشلار بۇ يېڭى پەسىلدىن كېيىن يۈز بەرمەسلىكى كېرەك .
6. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 1000 ياۋرۇدىن 6000 ياۋرۇغىچە جەرىمانە تۆلەش كېرەك .
7. كوماندا ئەزالىرى كوماندىنىڭ پائالىيەت ياكى يىغىلىشلىرىغا بارغاندا چۇقۇم كوماندىنىڭ بېكىتكەن كىيىملىرىنى كىيشى كېرەك .
8. كوماندا ئەزالىرى چۇقۇم ئۆزىنىڭ توردا دىگەن سۆزلىرىگە ئىگە بولۇشى ، كىيىنكى قالايمىقان مۇنازىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
9. كوماندا ئەزالىرىنىڭ خەتەرلىك تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇنلانماسلىق مەسىلەن : موتوتسېكىلىت مىنىش ، تاغقا يامىشىش ، سۇغا چۆكۈش ۋە قار تېيىلىش .
10. بارلىق جەرىمانىلەر ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ .
|
|