تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1281|ئىنكاس: 35

بارسېلونا كۇلۇبى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن يوقالماقچى؟ ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

سىنا خەۋىرى، پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى تەرجىمىسى: بارسېلونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن يوقىلىدۇ؟ بۇ ئىشنى ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ناۋادا كاتالۇنىيە مۇستەقىل بولسا، ئۇنداقتا بارسېلونا كوماندىسى بەلكىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن يوقىلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا بارسېلونا بىلەن خان جەمەتى مادرىد ئوتتۇرىسىدىكى دېربى جېڭى تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

     ‹‹ ئاس گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، بارسېلونا كۇلۇبى ئىسپانىيە كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن رەسمىي ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇپ، ناۋادا كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشىپ قالسا، ئۇنداقتا بارسېلونا كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن.

    يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان كاتالۇنىيەنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ھەدەپ كۈچەشكە باشلىدى، ھەتتا ھازىرقى ۋەزىيەت يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، نۇرغۇنلىغان كاتالۇنىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئىقتىساد ۋە ھۆكۈمەت تەرەپلەردە ياخشى بولغان مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن. كاتالۇنىيەلىكلەر بۇ يىل 11 -ئايدا مۇستەقىللىق سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راھول بىلەن كاتالۇنىيە رايونىنىڭ رەئىسى ماس سۆھبەت ئېلىپ بارغان، لىكىن ئىككىلى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان.

     بارسېلونا كۇلۇبى ئۇزاقتىن بۇيان كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ سىموۋللىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، شۇ سەۋەبتىن ئىسپانىيە كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى تىۋاس مۇنداق دەپ قارىدى، ھازىرقى قائىدە بويىچە بولغاندا، كاتالۇنىيە مۇستەقىل بولسىلا، ئۇنداقتا بارسېلونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدۇ. كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولغان سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. مۇشۇنداق بولغاچقىلا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىكى رولىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بارسېلونا كۇلۇبى كاتالۇنىيەدىكى %30 سايلىغۇچىلارنىڭ سايلام بېلىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن، مۇشۇ سەۋەبنى كۆزدە تۇتقاچقا، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ كاتالۇنىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ھازىر بارسېلونانىڭ ھەر قانداق بىر مەيدان مۇسابىقىسى باشلىنىپ 17 مىنۇت 14 سىكۇنىت بولغاندا، مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى كاتالۇنىيەنىڭ مۇستەقىللىق ناخشىسىنى توۋلايدىكەن، شۇ ئارقىلىق 1714 -يىلى بارسېلونا شەھىرىنىڭ ئىسپانىيە ئارمىيسى قولىدا ھالاك بولغانلىقىنى خاتىرلەيدىكەن.

خەۋەر تەپسىلاتى : http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2014-08-01/11357275124.shtml

بۇ يازما ‹‹ پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى ›› تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى ( http://bbs.putbol.net/thread-2022-1-1.html)
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-1 13:42
مۇستەققىل بولسا باشقا بىرلەشمىگە قېتىلىپ نىمىش قىلىد ...

بولىدۇ شۇنداق بولغاندا كاتالونىيە بىرلەشمىسىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ھىندىستان بىرلەشمىسىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.شۇنداق بولغاندا بارسېلونا توپچىلىرىنىڭ كۇلۇپقا سادىقلىقىنى سىنايدىغان پۇرسەت بولىدۇ.چۈنكى بارسېلونا ئۈچۈن ئۆزى گەرچە ياۋرۇپادا بولسىمۇ قايناق ياۋرۇپا پۇتبۇلىدىن يىراق بولىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونامۇ قىل ئۈستىدە قاپتۇدە.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-1 13:33  

مەيلى ئىقتىسادى ئامىل  بولسۇن ياكى سىياسىنىڭ مۇرەككەپلىكى بولسۇن.زىدىيەتلەر كۈسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايىسى ئۇرۇنلىرىدىكى ھۆرلۈككە مۇستەققىلىققا تەشنا خەلىقلەر ئاخىرقى ھىساپتا قېنىدىن  غىلاپلىرىنى سۇغۇرۇشقا  باشلىدى،،2008-يىلدىكى ئافىغازىيە بىلەم گىروزىيە،ئاندىن قىرىم  ۋە ھازىرقى تالاش تارتىشتا تۇرىۋاتقان دونىستىك كان ئىشچىلار جۇمھھۇريىتى شۇنىڭدەك كاتولونىيە بۇنىڭ دەلىلى....بۇنىڭدا چوڭ ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەرنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ..

ئەمما شۇنى ئىتراپ قىلماي بولمايدۇكى ،،بارىسلونانىڭ كىتىپ قېلىشى ئۇنىڭ كىيىنكى بېكىتىگە غايەت زور پايدىسى بولغان  بىلەن ئىسپان  بىرلەشمىسىگە بولغان زىيىنى  ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ.بۇنىڭدەك ئەڭ ئىسىل دېربىنى كۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ،گەرچە چۈشەنمىسەكمۇ ئىككى سەپتە جەڭ قىلىپ كۈنۈپ قالغان بىزلەرنىڭ ئارمان قىلىپ ئۈتۈپ كىتىشمىز ناھايىتى چوڭ زەربە...

بۇ ھال كىيىنچە  تەبىيلا پۇتبول دۇنياسىدىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقسىنىڭ رېتىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تەڭپۇڭلۇققا يۈزلەندۈرىدۇ...شۇنىڭدەك رىقابەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن بۇ ئىككى كوماندىلار بۇرۇنقىدەك داڭلىقلارنى بۇلىشىغا كىرگۈزۈشنى ئاستىلىتىپ قۇيىشى  مۇمكىن....ئۇ  چاغدا ئىسپاندا مادىرتنىڭ مۇتلەق چىمپىيون بۇلدىغانلىقىنى بىلىپ ت ۇرۇپ يەنە پەرەز قىلىش تاكتىكىسنىڭ ئاقمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان..

مىنىڭچە بۇنداق بۇلىشنى خالىمايمەن..ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا  ئۇتتۇ  ئېنگىلاتقا  بارسۇن...ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن دېربى كۈرۈپ ھارمايمىز
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاتاق بوپتۇغۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توغۇرلۇق ئۆتكەندىمۇ بىر تېما يوللانغان،ئەگەر كاتالونىيە مۇستەققىل بۇلۇپ قالسا،بارسىلونا ئىسپان بىرلەشمىسىدىن چىكىنىدۇ.ئىسپان بىرلەشمىسنىڭ قىزغىنلىقى بىر بالداق توۋەنلەيدۇ.
ئەگەر راس شۇنداق بۇلۇپ قالسا،بارسىلونا فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە قېتىلىدۇ...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس شۇنداق بولسا قاندق بوپ كىتەر ئەمدى ....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست شۇنداق بولسا مامۇنبەردىكى بەزى تالاش-تارتىشلار سەل بېسىقىپ قالاتتى.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر111 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-1 13:29
بۇ توغۇرلۇق ئۆتكەندىمۇ بىر تېما يوللانغان،ئەگەر كاتال ...

مۇستەققىل بولسا باشقا بىرلەشمىگە قېتىلىپ نىمىش قىلىدۇ؟  كاتولىنىيە بىرلەشمىسى قۇرسا بولىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلاد بىرلەشمىسگە قېتىلسا ئالامەت ئش بۇلاتتى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر شۇنداق بولسا ئېنگىلانىد  بىرلەشمىسىگە قېتىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش  بولاتتى  ……
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-1 13:42
مۇستەققىل بولسا باشقا بىرلەشمىگە قېتىلىپ نىمىش قىلىد ...

بۇرادەر سىلە دىگەندەك قىلىشىمۇ مۇمكىن.لىكىن دەماللىق قىلالىشى ناتايىن.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى سوراپ باقسام كاتولونىيە ئەسلى قايسى دۆلەتكە تەۋە زېمىن،مۇستەقىل بولۇپ قالسا باسا قايسى بىرلەشمىگە يول ئالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-4 20:08 , Processed in 0.080586 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش