akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 992|ئىنكاس: 12

گۇاڭجۇ خېڭدا يۇقىرى پەرىق بىلەن غەلبە قىلدى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۇاڭجۇ خېڭدا يۇقىرى پەرىق بىلەن غەلبە قىلدى !

   789_1294355_133787.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 8 دە ، جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 17-ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇاڭجۇ خېڭدا مېھمان مەيدانىدا يۇقىرى پەرىق بىلەن بۇ يىللىق قارا تۇلپار خاربىن يېتىڭ كوماندىسىنى يەڭدى .
مۇسابىقىنىڭ 3-مىنۇتىدا گۇاڭجۇ خېڭدا بۇلۇڭ توپتىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇردى ، بۇ توپنى چەتئەللىك ماھىر ئېرىكسون ئۇردى .
مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا گۇاڭجۇ خېڭدا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 قىلدى ، بۇ توپنى دۆلىتىمىز ماھىر گاۋلىن كاللا ئۇرۇپ كىرگۈزدى .
مۇسابىقىنىڭ 15-مىنۇتىدا خاربىن يېتىڭ ئۆزىگە خائىن توپتىن بىرنى ئۇردى ، گۇاڭجۇ خېڭدا نەتىجە پەرىقىنى زورايتتى .
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە 3-0 ئاياغلاشتى....
مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىدا خاربىن يېتىڭ بىر توپ ئۇردى ، بۇ توپنى ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىگە خائىن توپ ئۇرغان چەتئەللىك ماھىر رىكاردو ئۇرۇپ كىرگۈزدى . نەتىجە 3-1 .
مۇسابىقىنىڭ 54-مىنۇتىدا گۇاڭجۇ خېڭدا توپ ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇردى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇپ گاۋلىن يەنە بىر توپ ئۇردى .
مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىدا خاربىن يېتىڭ كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 4-2 گە ئۆزگەرتتى ، بۇ توپنى چەتئەللىك ماھىر دوللى ئۇرۇپ كىرگۈزدى.
مۇسابىقىنىڭ 80-مىنۇتىدا ، گۇاڭخۇ خېڭدانىڭ كاپىتانى جېڭجى بەرگەن پاسنى چەتئەللىك يەنە بىر ماھىر رېنىي ئۇردى.
مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا ، خاربىن يېتىڭدىن چەتئەللىك ماھىر رىكاردو بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 2-توپىنى كىرگۈزدى ، ئەسلىي 3 توپ ئۇرغان ، بىرسى خائىن توپقا ھېسابلاندى .
مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ، گۇاڭجۇ خېڭدادىن چەتئەللىك ماھىر ئېرىكسون يەنە بىر توپ ئۇرۇپ گۇاڭخۇ خېڭدانىڭ غەلبىسىنى مۇقۇملىدى ...
شۇنداق قىلىپ گۇاڭجۇ خېڭدا 6-3 نەتىجە بىلەن قاراتۇلپار خاربىن يېتىڭ كوماندىسىنى ئۇتتى .

  

  باشقا مۇسابىقىلەر

  شەندۇڭ لۇنېڭ 2—————2 جىياڭسۇ شۈنتىيەن

  بېيجىڭ گوئەن 4————— 1دالىيەن ئاربېن

تىيەنجىن تەيدا 1—————2 گۈيجۇ رېنخى

خاڭجۇ يىشىل شەھەر 0—————0 شاڭخەي شېنخۇا

شاڭخەي شېنشىن 1—————3 شاڭخەي شاڭگاڭ

لىياۋنىڭ خوڭيۈن --- گۇاڭجۇ فۇلې

خېنەن قۇرۇلۇش --- چىياڭچۈن ياتەي ( بۈگۈن كەچتە ئوينىلىدۇ ! )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 11:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلا تەرەپتىن كىرگەن توپلار ئوخشاشلا كۆپكەن.... مۇشۇ گاۋلىن دىگەن قارۋاش بىلەن قەتئىي خوشام يوق، سەۋەبىنى يا سەۋەبىنى ئويلاپ يىتەلمەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 11:31:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
siptamix يوللىغان ۋاقتى  2014-7-31 11:27
ئىككىلا تەرەپتىن كىرگەن توپلار ئوخشاشلا كۆپكەن.... مۇشۇ ...

مەنمۇ ئوخشاش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 11:44:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىكاردو قالپاك كىيىپتىغۇ……  ئىشقىلىپ ئارمانى قالماپتۇ،  بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلا ۋاراتارغا توپ كىرغۈزۈش دىگەن ئاسان قولغا كەلمەيدىغان نەتىجە……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 11:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكاردو قالپاق كىيىپتۇ ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 13:00:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 13:18:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنىڭ ئارقىسىدا قوغلاپ كېتىۋاتقان كوماندا قارا  تۇلپار دېيىلەمدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-31 13:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azgun110 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-31 13:18
ھەممىنىڭ ئارقىسىدا قوغلاپ كېتىۋاتقان كوماندا قارا  تۇ ...

بۇ يىل بىرلەشمىگە يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا بولغاچقا قارا تۇلپار دەپ ئالدىمغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 14:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
intezar11 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-31 13:42
بۇ يىل بىرلەشمىگە يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كومان ...

دەرىجە ئۆرلەپ چىقىپ ھەممىنى ۋەيران قىلىپ كەلگەن بولسا قارا تۇلپار دەرمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-31 15:07:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا تۇلپار دېسەك قاملاشماس..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-1 16:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرمەيدان مۇسابىقىدە 9 توپ ئۇرۇشلا بوپ كىتىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-1 17:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىرىكسون خېڭداغا زايە كەتكەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 20:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش