ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-30 21:45
7-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرازىلىيە گىرىمىو پۇتبول كۇلۇبى رەئىسى فابىئو كافۇ جەمىئەت ئالاقە تورى تىۋىتىر تورىدا بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن سابىق بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى مەشقاۋۇلى سىكۇلارىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇ سىكولارىنىڭ 18 يىلدىن كىيىن (3-قېتىم) كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە سىكولارى بىرازىلىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئۇڭۇشلۇق ھالدا 4 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن گىرمانىيە ۋە گوللاندىيە كوماندىلىرىغا زور نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ بىرازىلىيە خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلىشىپ ئىككىنجى كۈنى سىكولارىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
سىكولارى 1987-يىلى تۇنجى قېتىم گىرىمىو پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا ئولتۇرغان، شۇ يىلى ئوبلاستلىق چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. 1993-يىلى يەنە بىر قېتىم بۇ كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
سىكولارى مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدا نۇرغۇن كوماندىلارنى يىتەكلىگەن. ( دۆلەت كوماندىسى، كۇلۇپ )
دۆلەت كوماندىسى:
1990 كۇۋەيت
2001-2002 بىرازىلىيە
2003-2008 پورتىگال
2012-2014 بىرازىلىيە
كۇلۇپ:
1982 ماسىئو (بىرازىلىيە)
1982-1983 يوۋىنتود (بىرازىلىيە)
1983 بىرودا (بىرازىلىيە)
1984-1983 ئارخاباد (سەئۇدى)
1986 بىرودا (بىرازىلىيە)
1986-1987 يوۋىنتود (بىرازىلىيە)
1987 گىرىمىئو (بىرازىلىيە)
1988 گۇياس (بىرازىلىيە)
1988-1990 ئاركادىچيا ( كۇۋەيت)
...
... |
|