akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1399|ئىنكاس: 24

مۇداپىئە ھۇجۇم ئارىسىدىكى ئوتتۇرا مەيدان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇتبولنىڭ كەسىپلىشىشى بارغانسىرى  تېزلەشمەكتە. كەسپى پۇتبولچىلارنىڭ تېخنىكىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تاكتىكىلار رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. پۇتبول تاكتىكىلىرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ئورۇنلارغا يېڭىچە تەلەپلەرنى قويماقتا، ھەمدە يېڭىچە تاكتىكىلار ۋە ئويناش ئۇسۇلى بارلىققا كەلمەكتە. مەسىلەن : كىشىلەرنىڭ مەسلىكى كېلىدىغان تولۇق ئېقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى، ھۇجۇمسىمان يان مۇداپىئەچىلەر، يالغان 9-نۇمۇر قاتارلىقلار.

ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئارىسىدىكى تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان
                ئوتتۇرا مەيدان، ھۇجۇمدىكى ئۈچ رايۇن ۋە مۇداپىئەدىكى ئۈچ رايۇن ئوتتۇرسىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنى ئۇلاشتىكى ھالقىلىق رايۇن، مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ كۆرىشى ئەۋجىگە چىقىدىغان رايۇن. بۇ رايۇندا ھەركەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن توپچىلار ئادەتتە ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋەياكى قىسقارتىلىپ ئوتتۇرا مەيدان دەپلا ئاتىلىدۇ. بۇرۇن، كىشىلەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنى ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئوڭ، سول قانات دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئەمما توپ مەيدانىدىكى ئورۇن ناملىرىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولشىغا ئەگىشىپ، يەنە ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان (ئالدى بەل، يان ھۇجۇمچى)، تەشكىللەشچان ئوتتۇرا مەيدان(ئالدى بەل ۋە نەخ ئوتتۇرا مەيدان)، مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان (ئارقا بەل) پەيدا بولدى. قىزقارلىقى شۇكى، بۇ تالانتلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى يالغۇز ئوتتۇرا مەيداندىلا مەيدان تەشكىللىمەستىن، مۇسابىقە رېتىمىگە ئاساسەن ئالدىغا بېسىپ ھۇجۇمغا ياردەملىشىدۇ ۋە ياكى ئارقىغا يېنىپ مۇداپىئەگە ياردەملىشىدۇ.
                ھۇجۇم مۇداپىئەدىكى تەڭپۇڭلۇق تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ھۇجۇم مۇداپىئە ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت پۇتبول پەلسەپىسى ئايلىنىپ كىتەلمەيدىغان تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى. ئەگەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ھۇجۇمغا كۈچەپ كەتسە، مۇداپىئەچىلەرگە بېسىم بولۇپ قالىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ھۇجۇمچىلار ئاسانلا قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىلىرنىڭ مۇداپىئە رايۇنىغا كىرىپ قېلىپ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ھۇجۇمنى توختىتىپ قويىدۇ. شۇڭا ھازىرقى زامان پۇتبولىدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ ۋەزىپىسى توپنى ئارقا سەپتىن ھۇجۇمچىغا سەپ بېرىشلا ئەمەس،  ئۇلارنىڭ مەيداندىكى رولىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلار ھەم ھۇجۇمغا ھەم مۇداپىئەگە تەڭ قاتنىشىشى كېرەك. شۇڭا يېڭىچە ئوتتۇرا مەيدان تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان بارلىققا كەلدى. مۇسابىقىلەردە، تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى مۇسابىقە رېتىمىگە ۋە تاكتىكىغا ئاساسەن ، بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئارقا بەل، ئوتتۇرا مەيدان، ئالدى بەل، ۋە ياكى يان تەرەپلەردە پەيدا بولۇپ پاس بېرىشنى تاماملىشى مۇمكىن.
362-140GG40H1S9.jpg

                ھازىرغىچە رولىنى يوقاتمىغان ئوتتۇرا مەيدان
                تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان (Box to Box Midfielder)، خەت بويىچە چۈشەنسەك، ھۇجۇمغا قاتنىشىدىغان، مەيدان تەشكىللەيدىغان ۋە مۇداپىئەگە قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا مەيدان توپچلىرىنى، ئادەتتە نەخ ئوتتۇرا مەيدان (CM)  توپچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما مۇتلەق ئەمەس. بەزىدە ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە تەڭ قاتنىشىدىغان تەشكىللەشچان ئالدى بەللەرنى، ئارقا بەل ياكى ئوڭ سول قاناتلارنى ئۇچرىتىمىز، بۇ پەقەت ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ مەيداندىكى بوشلۇق ۋە ئورۇنغا ئاساسەنئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى  جارى قىلدۇرىشى ئۈچۈندۇر.
                شىۋىنسىتايگىر بولسا بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسدا ئىپادىسى ياخشى بولغان تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا گېرمانىيەنىڭ چىمپىيون بولىشىنى ئۇنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. شىۋىنسىتايگىر ئوتتۇرا مەيدان، ئارقا بەل، سول قانات قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوينىيالايدۇ. ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن تېخنىكىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن يۈگۈرۈش ئىقتىدارى، كەڭ بولغان كۆزىتىش دائىرسى، ياخشى بولغان ئومۇمى ۋەزىيەتكە بولغان قارىشى ۋە ئېگىلمەس روھى، ئۇنى مۇنەۋۋەر تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا ئايلاندۇرغان. دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ۋە ياكى كۇلۇپتا بولسۇن، ھۇجۇمغا ئۆتكەندە چىرايلىق مەيدان تەشكىللەپلا قالماستىن، چىرايلىق پاسلارنى تاشلايدۇ، ۋاقتى كەلسا ئالدىغا بېسىپ ھۇجۇم پېسى تاشلايدۇ ۋە ياكى يىراقتىن توپ ئۇرىدۇ. ھۇجۇم مۇداپىئەگە ئالماشقاندا، تېز سۈرەتتە ئارقىغا يېنىپ مۇداپىئەگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
ئوخشاشلا، فىرانسىيە كوماندىسىدىكى پوگبا، ئىتالىيە كوماندىسىدىكى پىرلو، ئىسپانىيە كوماندىسىدىكى ئالونسۇ، كىرودىيە كوماندىسىدىكى مۇدىرىچ، گوللاندىيە كوماندىسىدىكى كۈيت، بىرازىليە كوماندىسىدىكى رامىرىس، ئېنگىلاند كوماندىسىدىكى جېرراد قاتارلىقلار بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى مۇنەۋۋەر تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى رامزى(رامسەي)، ياياتۇرى، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى دېروسسى، بۇرۇنقى بارسىلونا توپچىسى فابرىگاس قاتارلىقلارمۇ بار.
362-140GG40Q5920.jpg

                مودا سەپ شەكىللىرىدىكى ئوتتۇرا مەيدان
        442 دەك ئورۇنلىرى پاراللىل كەلگەن سەپ شەكلىدە، ئوتتۇردىكى ئىككى توپچى ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىككى يان قاناتتىكى توپچىلار بىر قەدەر ئېغىر بولغان ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئوتتۇرىدا تۇرغان ئىككى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا بولغان بېسىم ئېغىر بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ھەر  تەرەپتىن يېتىشكەن بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ.

                        سەپ شەكلى ئېنقىلابىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى پاراللىل تۇرىدىغان 442 سەپ شەكلى مودىدىن قالدى، ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ئىقتىدارلىق بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. 4231 سەپ شەكلىدەم ئارقا بەل توپچىلرى ئوتتۇرا مەيداندىن توپ ئۈزىۋېلىش ۋە ئارقا سەپنى قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئالدى بەل توپچىسى بولسا زېھنىنى ھۇقۇم تەشكىللەشكە قارتىدۇ. 433 سەپ شەكلىدە، مۇداپىئەگە مايىل ئارقا بەل توپچىسى ۋە ھۇجۇمغا مايىل ئالدى بەل توپچىسى بار بولىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى سەپ شەكلىدە  ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنى قانداق ئىشلىتىش تېرىنىرلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدغان بىر مەسلە بولۇپ قالدى.

        4231 سەپ شەكلى ئاساسىدىكى تاكىتىكا سېستىمىسىدا، ھۇجۇمچى ئەڭ ئالىدا تۇرىدۇ، ئالدىدا ئۆزى يالغۇز تۇرغاچ ئاسانلا قارشى تەرەپ مۇداپىئە سېستىمىسىغا كىرىپ قېلىپ ۋارتارغا توپ تېپىشى تەسكە توختايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئارقىدىكى 3 نەپەر ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ئالدىغا بېسىپ چەكلەنگەن رايۇن ئەتراپىدا ھۇجۇمغا كۈچ بېرىشى ۋە تولۇقلىشى مۇھىم بولىدۇ. ھۇجۇمنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا بولىشى ۋە قاتلاملىشىنى ساقلاش ئۈچۈن، يان بېكلار ئالدىغا بېسىپ ئويناپ، يان ھۇجۇمچىلار بولغان ئالاقىنى ساقلايدۇ. ئارقا سەپتىكى مۇداپىئەنى تولۇقلاش ئۈچۈن تېرىنىر بىر نەپەر مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى يەنى ئارقا بەل توپچىسى قالدۇرۇپ قويىدۇ. يەنە بىر نەپەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئالدىغراق سۈرۈلۈپ ئارقىغا تارتىلغان ئوتتۇرا مەيدانچىلىق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىپ ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللەيدۇ ۋە تەڭشەيدۇ. ۋەزىيەتكە قارتا ئالدىغا بېسىپ ھۇجۇمغا قاتنىشىدۇ. ھۇجۇم مۇداپىئەگە ئالماشقاندا بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئارقىغا يېنىپ ئىككى ئارقا بەل مۇداپىئە سىزىقىدا تۇرۇپ قارشى تەرەپ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلىدۇ. بايرىندا، شىۋىنسىتايگېر ئوتتۇرا مەيدانلىق ۋەزىپىسنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، يەنە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى پىرلومۇ بار.
362-140GG42145223.jpg

        433 سەپ شەكلى ئاساسىدىكى تاكتىكا سېستىمىسىدا، تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپئە پىرىنسىپى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، ئوخشىمايدىغنى، بارسىلونا ۋەكىللىدىكى 433 سەپ شەكلىدە، يالغان 9-نۇمۇر ئورنىنىڭ مەۋجۇت بولىشى، ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرغا كەڭ بولغان ھۇجۇمغا قاتنىشىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ، مىسال: مېسسىدە بويى پاكار تېخنىكىلىق كەلگەن توپچىلار ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، داۋاملىق ئارقىغا چىكىنىپ توپ ئالىدۇ، بىرسى كەڭ بولغان توپ ئېلىش بوشلىقىغا ئىرىشىش بولسا، يەنە بىرسى مۇداپىئەچىدىن بىرنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىپ قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنىڭ ئارقىغا چېكىنىش، ئالدى بەل ۋە يان ھۇجۇمچىلارنىڭ ئالدىغان بېسىشىدەك تاكتىكىدا، شاۋى ۋە فابرىگاستەك ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ  تاشلىغان پاسلىرىنىڭ مۇھىملىقى ئاسانلا كۆرىۋالالايمىز. ئەلۋەتتە، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ۋارتارغا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلەيدۇ.
362-140GG4220L91.jpg

                خاتىمە
                تولۇق ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرنىڭ يىتىشىپ چىقىشى، كوماندىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇپىئەسىگە نۇرغۇنلىغان تاللاشلارنى بەردى. ھازىر، بىرقانچە توپ كونتىرول قىلىشى يۇقرى بولغان كوماندىلار، ھۇجۇمغا ئۆتكەندە پۇت ئاستى تېخىنىكىسى ياخشى بولغان ئارقا بەل توپچىلىرىنى ھۇجۇمغا قاتناشتۇرۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەنلەر سانىنى ئاشۇردى، ئارقا بەل توپچىلىرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنى بىر بالداق يۇقرى كۆتۈردى. سىزمۇ توپ ئوينىغاندا كوماندىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟

                پۇتبول بىلىمىمنىڭ كۆپ بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىشتا سەل قىينىلىپ قالدىم، خاتا كەتكەن جايلار بولسا تەكلىپ بېرىشىڭىلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
WiRoS + 50 قالتىس!
ئابلەتجان + 50 قوللاش!
tagderem + 50 پايدىلىنىش قىممىتى يو.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 14:11:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ توغرۇلۇق بىر تېما يازاي دەپ تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم ...


نادىر تېما بوپتۇ ، مۇنبەردە مانا مۇشۇنداق ئادەمدە مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىغان تېمىلار بەك ئاز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 14:12:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى باللاك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 14:16:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Box to Box Midfielder

ماۋۇ گەپ بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىمىزغا كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇنى قىسقارتىپ B2B تىپتىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دەپ ئاتايلى .
ھازىرقى شەھەردىكى يايا تورى ، يۇۋىنتۇستىكى بوگبا ، مادىرىد يېڭىدىن يۆتكەپ كەلگەن كىروس دەل مۇشۇ خىلدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىللىرى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-30 14:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھشەر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 14:16
Box to Box Midfielder

ماۋۇ گەپ بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىمىزغا كۆپ ئۇ ...

B2B دەپ ئاتساققۇ بولاتتى، لېكىن چۈشىنىدىغانلار كۆپ چىقماسلىقى مۇمكىن، شۇڭامەنا تەرجىمىسىنى ئالدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 14:36:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ بۇيىلقى ئوتتۇر مەيدانى   بىزنى خاتىرجەم قىلالارمۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 15:08:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم رونالدودەك مۇداپىيە ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇم ئوينىيالايدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 15:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چۈشىنىشلىك ، ياخشى تېما بولۇپتۇ  بىزدەك پۇتبول بىلىملىرىنى چۈشىنىشى يىتەرلىك بولمىغان دوسلار ئۈچۈن پايدىلىق تېما ئىكەن ،  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 15:49:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بولۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 15:55:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان تىما بولۇپتۇ  ،  بۇنداق ‹‹ئىلمي ماقالە ›› چوقۇم  نادىر تىما بولۇش كىرەك . مەھشەر دىگەندەك  بۇنداق تىملار   ماۋۇ مۇنبىرىمىزدە راستىنلا ئاز .   ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بەلگىلىك تەسىرىمىزگە نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا بۇ   ئەپسۇسلىنارلىق ئىش .   

B2B تىپتىكى ئوتتۇرا مەيدان  توپچىسى دىگەن ئاتالغۇ نەق قىلىپلاشقانغۇ دەيمەن ، بىر نەچچە قىتىم ئۇچراتتىم .   
ھازىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ تىخنىكا جەھەتتىكى تەلىپى  زىرەك ئىيتقاندەك  ئىشىپ بىرۋاتقان بولغاچقا  بۇرۇنقى ‹‹قاسساپ ئوتتۇرا مەيدان ›› ئۇقۇمى سەل  ئازلىدى  ، لىكىن ھىس قىلىشىمچە  ئالدىنقى پەسىلدىكى كۈچلۈكلەر بىلەن تۇتۇشقان ئارسىنالنىڭ نەتىجىسى  ئادەمگە  بەزى كوماندىلارغا    گاتىسۇ تىپىدىكى  توپچىلارنىڭ ھازىرمۇ  ‹‹دورا ››  ئىكەنلىكىنى  چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ دەپ قارايمەن  .   
مەن 4231 سەپ شەكلىدىكى بىر ئارقا بەلنىڭ  ‹‹قاسساپ بەل ›› بولۇشىنى بەكىرەك ئۈمۈد  قىلىدىغانلاردىن .

مۇنداق تىمىلارنىڭ  بۇندىن كىيىنمۇ كۆپلەپ يوللىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 16:02:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا   مەيداننى    تىلغا   ئالغاندا     ھازىرقى    بىر   ئەۋلاد   ئوتتۇرا   مەيدان   پىشۋالىرى    شاۋى  ،پىئېرلو   ،  جېرراد   ، قاتارلىقلارنى  ئۇنتۇپ    قالماق   بولماس بولماس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-30 16:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى چۇشۇندۇرۇپسز ....ئوتتۇرا مەيدان ھەقىقەتەن مۇھىم ... 2010-يىلى 2012-يىلى ئىسپانى چىمپىيۇن قىلغان مۇشۇ ھۇجۇمسىسز ئوتتۇرا مەيدان...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش