akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 959|ئىنكاس: 21

جىنىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جىنىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەققىدە

126804682_14065149267691n.jpg

جىنىس لوڭقىسى ——— خەلىقئارالىق كۇلۇبلار چېمىپيونلۇق مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ مۇسابىقە 2013-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاچقا مۇنبەردىكى قىسمەن تورداشلىرىمىز ۋە ياكى يېڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن قېرىنداشلىرىمىز بۇ مۇسابىقىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن . مەن ئىنتىزار بۇ مۇسابىقە ھەققىدە ئازىراق بىلدىغىنىمنى توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن . خاتالىق يەرلەر بولسا تۈزىتىپ قويارسىلەر ...
جىنىس لوڭقىسى خەلىقئارالىق كۇلۇبلار چېمىپيونلۇق مۇسابىقسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، قاتىنىشىدىغان كۇلۇبلار ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك زەردار كۇلۇبلار ، ياكى باشقا بىرلەشمىلەردىكى چېمپىيون كوماندىلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان رىقابىتى كۈچلۈك مۇسابىقە . ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت ئامېرىكا ، ئېنىق ۋاقتى بولسا 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 8-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا تاپقان پۇللارنىڭ كۆپ قىسمى ئىئانە ئىشلىرىغا ئىشلىتىپلا قالماي ، يەنە نۇرغۇنلىغان ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ . ھەم سودا خاراكتېرلىك مۇسابىقە بولۇپ ، كوماندىغا يېڭىدىن قېتىلغان ياش چولپانلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بىر سەھنە . شۇنى ئەسكەرتىمىزكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تەڭلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالسا ، نۇقتا توپ ( جازا توپ ) جېڭى ئارقىلىق يېڭىش ، يېڭىلىش ئايرىلىدۇ . ئۇتقان كوماندىغا 3 نۇمۇر ھېساپلايدۇ .

2-نۆۋەتلىك جىنىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى

ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن : ئامېرىكا
ۋاقتى : 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە
قاتنىشىدىغان كوماندىلار : (1) مانچىستېر شەھىرى ( ئېنگىلاد ) ، لېۋىرپول ( ئېنگىلاد ) ، مىلەن ( ئىتالىيە ) ، ئولمىپىكياكىس ( گرىتسىيە )
(2) مانچستېر بىرلەشمە ( ئېنگىلاد ) ، خانلىق مادىرد ( ئىسپانىيە ) ، رىم ( ئىتالىيە ) ، ئېنتىرمىلەن ( ئىتالىيە )
مۇسابىقە ۋاقتى :
7-ئاينىڭ 26-كۈنى : مىلەن ----- ئولىمپىكياكىس
7-ئاينىڭ 26-كۈنى : مانچىستېر بىرلەشمە ----- رىم
7-ئاينىڭ 26-كۈنى : خانلىق مادىرد----- ئېنتىر مىلەن
7-ئاينىڭ 27-كۈنى : مانچىستېر شەھىرى ----- مىلەن
7-ئاينىڭ 27-كۈنى : لېۋىرپول ----- ئولىمپىكياكىس
7-.ئاينىڭ 29-كۈنى : مانچىستېر بىرلەشمە ----- ئېنتىرمىلەن
7-ئاينىڭ 29-كۈنى : مادىرد —————— رىم
7-ئاينىڭ 30-كۈنى : لېۋىرپول ----- مىلەن
7-ئاينىڭ 30-كۈنى : مانچىستېر شەھىرى ----- ئولىمپىكياكىس
8-ئاينىڭ 1-كۈنى : رىم ----- ئېنتىر مىلەن
8-ئاينىڭ 2-كۈنى : لېۋىرپول ----- مانچىستېر شەھىرى
8-ئاينىڭ 2-كۈنى : خانلىق مادىرد ----- مانچىستېر بىرلەشمە

يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ( 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، 2 مەيدان مۇسابىقە )
3- ، 4-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ( 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ )
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ( 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ )

  


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 21:38:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىردقا يەنە پۇرسەت بارمىدۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 21:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنىس دىمەي جېنىس دەپ ئالساقچۇ باللا جىنىس بۇ باشقىچە تۇيغۇ بىرىپ قۇيدىكەن
جازا توپتا ئايرىلغانلارنىڭ ئۇتقان كوماندىغا 2 نۇمۇر ئۇتتۇرغىنىغا 1 نۇمۇر بىردۇ دەپ كۆرگەنيا مەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 21:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرد بىلەن ئېنتىر مىلەننڭ مۇسابىقىسىدە تەڭلىشىپ قېلىپ نۇتتا توپ تىپىپ يېڭىش -يېڭىلىشنى ئايرىغان. بۇنڭ سەۋبىنى تۇلۇق بىلدىغانلار چقمىدى، يا   
بۇنى بىلىدىغان تورداشلار بىر تۈشەنچە بەرسەڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 21:55:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن بىلەن بارسېلونا قاتناشمايدىغان ئوخشىمامدۇ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 21:59:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 21:51
جىنىس دىمەي جېنىس دەپ ئالساقچۇ باللا جىنىس بۇ باشقىچە  ...

جېنىس ئەمەس جېننىس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 22:00:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 22:02:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەندە ئۆمۈت قالدىدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 22:14:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل چېلسى قاتناشماپتۇ ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 22:29:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاچېن يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 22:02
مىلەندە ئۆمۈت قالدىدە.

مىلەندە  ئۈمۇت   قالمىدىدە،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 22:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2014-7-28 21:38
مادىردقا يەنە پۇرسەت بارمىدۇ ؟

يەنە مۇشۇ  زاپپاس ، ئادەملەرى  بىلەن  ئوينىسا  مىنڭچە ،ئۈمۇت يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-28 22:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  ۋاقتىنى  بىلۋالدىم  ،  ھارمىغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 21:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش