ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 983 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالام، بۈگۈن مەن سىلەرگە پۇتبولچىلارنىڭ بەزى لەقەملىرىنىڭ كېلىش سەۋەبى توغرىلىق تېما ئېلىپ كەلدىم ،ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. پېك :پى مەرگەن كېلىش سەۋەبى : ئاز بولمىغان ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپنىڭ توپىنى ئۆزىنىڭ ۋارىتارىغا قىيىنلىقى يۇقىرى بولغان ھەركەتلەر بىلەن ئۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن.
2.راموس: سۇ بوۋاي
كېلىش سەۋەبى: بىرىنچىدىن رامۇس بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىدا مەيدانغا چىقىشتىن ئاۋۋال چېچىنى ھۆل قىلىپ ئاندىن چىقاتتى.
ئىككىنچى سەۋەبى:بۇرۇنقى يەنە ئىككى يىللار بۇرۇنقى راموسنىڭ مىجەزى ناھايىتى قوپال، چۇس بولغانلىقى ئۈچۈن، مەيداندا ئۆز كوماندىسىغا پايدىسىز ئەھۋال كەلتۈرۈپ، سۇ قويۇپ بەردى دەپ ئاتىلىپ سۇ بوۋاي دەپ ئاتالغان.
3.توررىس: ئىلاھىي بوۋاق، ئالتۇن ئۆسمۈر،تۆمۈر بېك
ئىلاھىي بوۋاق : بۇ لەقىمىنىڭ كېلىش سەۋەبى، توررىسنىڭ يېشى كىچىك ۋاقتىدىلا نام چىقارغانلىقى ،ھەم چىرايىنىڭ كىچىك بالا چىراي ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن.
ئالتۇن ئۆسمۈر: چېچىنىڭ ئالتۇن رەڭ بولىشى ۋە بۇرۇنلا نام چىقارغانلىقى
4.ۋېللا: قاپاق بالا ، ئىسپانىيەدە بويى پاكار ،لېكىن بەدىنى توم كەلگەن كىشىلەرنى بىز دىقماق دېگەنگگ ئوخشاش قاپاق دەپ ئاتايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن قاپاق بالا دەپ ئاتالغان.
5.دىمارىيا: پەرىشتە ياكى شاۋزىمالىيا دىمارىيانىڭ تولۇق ئىسمى ئانگېل فابىيا دىمارىيا بولۇپ، ئانگىل دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى دەل پەرىشتە دېگەنلىك .شاۋزىمالىيا بولسا، ياپونىيەنىڭ بىر ئارتىسى ،ئىسمىنىڭ ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە دىمارىيانى شاۋزىمالىيا دەپ ئاتاپمۇ قويىدۇ.
6.ھىگۇايىن: كىچىك غاڭزا ( كىچىك ئىس مىلتىقى ئەمەس) بۇنداق ئاتىلىشى ھىگۇايىننىڭ دادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ھىگۇايىننىڭ دادىسى ئارگىنتىنادا بۇرنىنىڭ يوغان بولىشى بىلەن غاڭزا دەپ لەقەم ئالغان بولۇپ بۇ مىراس ھىگۇيىنغا كىچىك غاڭزا دەپ قېلىپ قالغان.
7.بېنزىما: بېن قازان. بۇ لەقەمنىڭ كېلىش سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بېنزىما مەيدانغا چىققان مەيداندا ئۇتتۇرسا بېنزىما قازان يۈدىيدۇ، ئۇتسا تۆھپە باشقىلارنىڭ بولىدۇ.
8.بۇسكىس: ئارتىس : بۇنى دېمىسەممۇ بولىدۇ ھەقاچان.
9.ئاگۇيرو: ئاكۈن ، بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ياپونىيەنىڭ ھېلىقى كارتون پۇتبول ئەزىمىتى دېگەن كارتون فىلىمىدىكى كۈن ئىسىملىك توپچى( تەيكوڭيى)بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ئاگۇيرو ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ شۇ تەيكوڭيىدەك توپقا ئۇستا بولغۇسى بارلىقىنى ئۈمىد قىلغان.
10.رىبېرى: تاتۇق يۈز پالۋان . رىبېرى ئىككى ياش ۋاقتىدا ئائىلىدىكىلىرى بىلەن بىللە قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقۇپ، يۈزىدە تاتۇق قېلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاتۇق لەقەممۇ بولۇپ قالغان.
11.ئۇچقۇر پالۋان. بۇ روبىننىڭ سۈرئىتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، يۈگۈرگەندىكى قول ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
12.شىۋىيىنسىتېيگېر: چوشقىچاق شىۋېيىن دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى گېرمان تىلىدا چوشقا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئاتالغان.
13. ماۋۇ بەك مۇھىم ،ئوبدان ئوقۇڭلار. رىكاردو لىزىكسون دوس سانتوس لېيتې . لەقىمى: كاكا . ھەممىمىز ئاتاپ كېلىۋاتقان كاكا، يەنى مىلان شاھزىدىسى. كاكا دېگەن بۇ ئىسىم ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەس ، رىكاردونى كىچىك ۋاقتىدا ئاكىسى ئەركىلىتىپ كاكا دەپ ئاتايدىغان بولغاچقا ، كېيىن ئۆزىمۇ بۇ ئاتىلىشنى ياقتۇرۇپ قالغان.
14. بېل: مايمۇن، ئەۋلىيا ئەزەم ، بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن چىرايى سەۋەبىدىن ، ئىككىنچىىدىن ئىقتىدارى سەۋەبىدىن.
15. سۇيارىس : سۇ توڭكاي . بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ توڭكاي چىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى سەۋەبىدىن.
16.لويىس: كىچىك راكىتا . بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، لويىسنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى سەۋەبىدىن.
17.پېي پېي : پېي پالۋان، پېيشاۋلوڭ . پېي ھەزرەت. بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ھەركىتىنىڭ قوپال ، مۇسكۇل پۇتبولىنى بەك كۆپ ئىشلىتىدىغان ، ھەمدە دەل شۇنداق نامى چىققان ۋاقىتلىرىدا چېچىنىڭ تاقىر ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن.
بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي، كېيىن داۋاملىق تولۇقلارمەن. ئاندىن مېنىڭ كومپىيوتىرىمنىڭ ئىشىمۇ ياكى قانداق مەسىلىكىن بىلمىدىم، ۋىندوۋس يەتتىگە ئالماشقاندىن بۇيان پۇتبول مۇنبىرىنىڭ خەتلىرى ئۇلانمايدىغان ، ئى ئە ھەرپلىرى ئۇلانمايدىغان بولىۋالدى، شۇڭا ئىملانى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم ،باشقۇرغۇچىلار جاپا چېكىدىغان بولدۇڭلار.
10. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|