ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2795 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كۈتە - كۈتە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشىپ، يۆتكىلىش بازىرى ئۆزىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى قايرىۋەتتى...
رودرېگىز -- رېئال مادرىد، سۇئارېز --- بارسېلونا، كىروس -- رېئال مادرىد، كوستا --- چېلسى، سانچېز -- ئارسېنال... 80 مىليون، 70 مىليون، 60 مىليون، 40 مىليون... پۇللار ئاقتى، كۆيدى..... زەردار كوماندىلار بىر باشتىن پۇللىرىنى شاراقلىتىپ، بەزىدە ھەتتا تاراقلىتىپ، سومكىلاپ خەجلىدى....
ئەلۋەتتە، ئويلىغىنىمدەك، نۇرغۇن مىلان مەستانىلىرىنىڭمۇ ئويلىغىنىدەك بىزنىڭ بۇ سۆيۈملۈك كوماندىمىز ئۆزىنى يەنىلا «تۇتىۋالدى». نىمكەش پۇتبولچىلاردىن ئالېكىس، مېنىز (قاغا بالام ئاپئاق دەپ، بۇلارنى يەنىلا ماختاپ قويىمىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا) لار قېتىلدى. بىز ئۇزۇن يىل ئاشىق بولغان ئاشلىي كول بىلەن ئاستورىنى رىم تارتىۋالدى، لاۋېىززى، چېرچى، نانى قاتارلىقلار توغرىسىدا گەپ چىقتى يۇ تېخى شەپە يوق. دېمەك، بۇ يىلقى يۆتكۈلۈش بازىرىدىن ئۈمىد يەنىلا چوڭ ئەمەس.
گەپنىڭ قىسقىسى، مىلانچە مۇسابىقە پەسلى باشلاندى: مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇن ئۈمىد بەك زور بولۇش، پەسىل ئالدىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسدە ھەممە كوماندىغا ئۇتتۇرۇش، پەسىل باشلىنىپلا نەتىجە ئىزچىل ياخشى بولماسلىق، بىراقلا ئارقىدا قېلىش، قىشتا بىرەر ئادەم ئېلىپ كېلىپ، نەتىجىنى ئاز - تولا ياخشىلاپ ئالدىدىكىلەرنى قوغلاپ بېقىش، ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇب بولۇپ، كېلەركى مۇسابىقە پەسلىگە ئۈمىد باغلاش. بۇ يىلقى مەنزىلمۇ مۇشۇنىڭدەك قىلىپ تۇرىدۇ.
مېنىڭچە، كۆپىنچە مىلان مەستانىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى يەنىلا كۈچلۈك، ھەرقانداق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى تېرىنىر ھەممىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىنزاجى بولغاچقا، ئۈمىدىمىز غىلاپتىن بەكرەك چىقىپ كېتىپ قالدى، لېكىن، تەنھەرىكەتچىسى تېگىدىن ئاجىز كوماندا ئۈچۈن مۇرىنىئو تېرىنىر بولغان تەقدىردىمۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمىكى تەس (ئەلۋەتتە، چىۋىنمۇ شالتىقى بار يەرگە قونىدۇ ئەمەسمۇ ) بىردىنبىر ئامال، كوماندىنى ھازىرقىدەك ياشلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرقانچە يىلدىن كېيىن پىشقان كوماندا سۈپىتىدە قايتا ئىش باشلاش.
ئەلۋەتتە، مىلاننى يەنىلا سۆيىمىز، قوللايمىز... شان - شەرەپتە بىرگە بولغانىكەنمىز، ئار - نومۇس، جاپالىق كۈنلەردىمۇ بىرگە ماڭىمىز..... |
|