ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8567 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-26 22:23
7-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسغا 20 مىڭ فوندسىتىرلىڭ جەرىمانە قويغانلىقىنى جاكارلىدى .سەۋەبى بولسا : بۇ نۆۋەتلىك بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسدە ، ئارگېنتىنا كوماندا ئەزالىرى « مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئارگېنتىناغا تەۋە » دەپ يېزىلغان « سىياسى شۇئارنى » كۈتۈرۈپ چىققان .بۇنىڭ تەسىرى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن FIFA ئاخىردا بۇ قارارنى چىقارغان . .ئارگېنتىنالىقلار نېمىشقا بۇ شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقتى ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز 6-ئاينىڭ 9-كۈنى « توپ تەپكۈچى » يازغان تۆۋەندىكى خەۋەر دىققىتىڭىزدە بولسۇن !

دۇنيا لوڭقىسىغا ئاز قالدى ، ھەرقايسى كوماندىلار ھازىر جىددى مەشق قىلماقتا ،تۆنۆگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئارگېنتىنا بىلەن سىلوۋىنىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ، ئارگېنتىنا كوماندىسى رەسىمگە چۈشۈش جەريانىدا « سىياسى شۇئار » يېزىلغان بىر پىلاكاتنى كۈتۈرۈپ چىقىپ دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى .بۇنىڭغا « مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئارگېنتىناغا تەۋە » دەپ يېزىلغان بولۇپ ،بۇ ئېنىقلا سىياسى پۇرىقى كۈچلۈك شۇئار ! ئۇنداقتا بۇلار نېمىشقا بۇنى كۈتۈرۈپ چىقتى ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپنى 30 يىل ئىلگىرىكى ئىشلاردىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ ،مالۋىناس تاقىم ئارىلى بولسا ئارگېنتىنا بوئىنوس ئايرىس شەرقى تەرىپىنىڭ 1200 ئېنگىلىز چاقىرىم كېلىدىغان يېرىگە جايلانغان بولۇپ ،بۇ ئارال ئەنگىلىيە ۋە ئارگېنتىنانىڭ تالاش -تارتىش ئىچىدە قالغان يېرىگە تەۋە بۇلۇپ قالغان .1982-يىلى ئىككى دۆلەت « ئارال تالىشىش جېڭى » قىلىشقان .بۇ جەرياندا ئەنگىلىيەلىكلەردىن 255 ،ئارگېنتىنادىن 649 ،جەمىي 1000 غا يېقىن ئادەم ئۈلۈپ كەتكەن .
پۇتبول شاھى مارادونانىڭ ئىلگىرىكى بايانىغا قارىغاندا ،ئارگېنتىنا خەلقى ئەنگىلىيەلىكلەرگە قاتتىق نەپرەتلىنىدىكەن .مارادونا مۇنداق دىگەن : « 1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسدا ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناشتىن بۇرۇن ، بىز پۇتبول بىلەن ئۇ ئارالنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان .بىراق بىز شۇ ئارالدا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمزنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىمىز ،ئەنگىلىيەلىكلەر خۇددى بىر قۇشنى ئۈلتۈرگەندەك ئېچىنىشلىق قىرىۋەتتى ،توغرا ،مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىز شۇنداق دىگەن ،ئەمما ئۇ قۇرۇق گەپ ،بىزنىڭ قەلبىمىزگە غەزەپ ۋە قىساس يۇشۇرۇنغان ئىدى ،شۇ ئۈلۈپ كەتكەن يىگىتلەر ئۈچۈن جەڭ قىلماقچى بولدۇق ،ئاخىردا غەلبە بىزگە مەنسۇپ بولدى .
مانا ئارىلىقتىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىقلار بۇ شۇئارنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى ،خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،ئەنگىلىيەلىكلەر يېقىندا بۇ ئارالغا بېرىپ يېڭىدىن نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان .بۇنىڭ بىلەن مالۋىناس تاقىم ئارىلىنى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ دەپ بىلىدىغان ئارگېنتىنالىقلار قايتىدىن غەزەپكە كەلگەن ،بۇ شۇئارغا قارىتا ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى بىرازىلىيەدە دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كوماندا تېرىنىرى ۋە توپچىلارغا « ئارىلاشماڭلار ،قالايمىقان سۆزلىمەڭلەر ،ئاغزىڭلارنى مەھكەم يۇمۇڭلار » دىگەن مەزمۇندا دەرھال پەرمان چۈشۈرگەن .( تۆۋەندىكى رەسىم ،1986-يىلى مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندا ئەزالىرى )
توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى |
|