ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 37 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eren تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 23:19
ئەگەر 2018-يىللىق روسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا جۇڭگۇ كوماندىسى قاتنىشالىسا ھەم ئاز دىگەندىمۇ بىر ئۇيغۇر توپچىنى ئاساسلىق قىلىپ مەيدانغا چۈشۈرسە مەن جۇڭگۇ كوماندىسى ئۈچۈن پۈتۈن جېنىم بىلەن ھۇررا توۋلايمەن، « بەلكىم روسىيەگە بېرىشىممۇ مۇمكىن » .
ئەگەر جۇڭگۇ قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشەلمىسە باشقا دۆلەتكە ھۇررا توۋلايمەن، تۈركىيە قاتنىشالىسا تۈركىيەگە، ئەگەر تۈركىيەمۇ قاتنىشالمىسا گىرمانغا ھۇررا توۋلايمەن،
ئەگەر مەن ھازىر 15 ياشلىق بالا بۇپ قالغان بولسام پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۆزۈمنى پۇتبولغا ئاتايتىم، مىللىتىم ئۈچۈنلا توپ تېپىتىم، ئىسىت 25 ياشتىكى بۇ قىززىقىشىم 15 ياشتا بولغان بولسىچۇ كاشكى، 15 ياش ۋاقتىمدا پۇتبولنى پەقەت بىزنىڭ مەكتەپتىلا ئوينايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە كىيىن ھىس قىلدىمكى پۇتۇن دۇنيادا ئوينايدىكەن ئەمەسمۇ. بالىلىقىمغا قايتالىسامچۇ كاشكى،
ئەمدى بالامنى بولسىمۇ پۇتبولچى قىلىشقا تىرىشىپ باقاي.لىكىن جۇڭگۇدا ئەمەس تۈركىيەدە ، مىنىڭچە تۈركىيەدە پۇتبولچى بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى، تەربىيلىنىش پۇرسىتى تۈركىيەدە ياخشى |
|