ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 231 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qimbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 20:18
پۇتبول تەنەپپۇسى تور تېلېۋىزىيىسى 13- سان (دۇنيا لوڭقىسى خۇلاسىسى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر ، چىمبۇلاق تورىمىز يىللاردىن بېرى ئىزدىنىپ دىيارىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى (كەسپى پۇتبول ئانالىزى) بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى قاتارىدا بىر يىلدىن بۇيان ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان پۇتبول تەنەپپۇسى تور - تېلېۋىزىيە پروگىراممىسى دۇنيا لوڭقىسى ئالاھىدە (خۇلاسە) سانى ئېلان قىلىندى .

مەزكۇر ساندا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئومومى خۇلاسىسىنى چىقىرىش ۋە ئەڭ ياخشى توپ ، ماھىر ، ۋاراتارلار قاتارلىق تېمىلاردا توختىلىپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ نۆۋەتلىك ئەھمىيەتلىك مۇسابىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق .
تەپسىلاتىغا قىززىقساڭلار نەزىرىڭلار ئېكرانىمىزدا بولسۇن !
يانفۇندا ياكى ئايپەتدە كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادېرىسىنى بېسىپ كۆرۈڭ !
http://v.youku.com/v_show/id_XNzQ1ODk0ODAw.html
نويىر بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 7قېتىم مەيدانغا چىقىپ 4 توپنى كەتكۈزۈپ قويدى . ئالجىرىيە، بىرازىلىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ،نويىرنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى . ياخشى ئىپادىسى بىلەن باھالىغۇچىلارنى قايىل قىلىپ ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە مۇيەسسەر بولدى . نويىر 1974-يىلىدىكى مايېر بىلەن 2002- يىلىدىكى كائندىن قالسىلا مۇكاپات ئالغان گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ 3- ۋاراتاسى بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گىرمانىيە كوماندىسى ئۇدا ئۈچ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتلانغان پۇتبول كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ .
مىسسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، ئوخشاشلا 1978- يىلىدىكى كىمپىس بىلەن 1986-يىلىدىكى مارادونادىن قالسىلا ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 3- ئارگىنتىنالىق بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە 2قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا مۇكاپات ئالغان جەنوبىي ئامرىكىلىق بولدى . ئارگىنتىنا كوماندىسى 2- لىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، بىراق مىسسىغا تىكىلگەن كۆزلەر ئازايمىدى . گىرمانىيە كوماندىسى ماھىرى توماس مۇللىر كۆمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، گوللاندىيە كوماندىسى ماھىرى روببىن مىس توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
كولومبىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى خامىس رودرىگىز 6 توپ ئۇرۇپ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، كولومبىيە كوماندىسى باراۋەر مۇسابىقىلىشىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 21 ياشلىق ماھىرى پوگبا ئەڭ ياش پۇتبول ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . بۇمۇ 1982-يىلىدىكى ئاملوستىن كېيىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىرانسىيەنىڭ 2- ماھىرى بولدى . ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇكاپاتنى گىرمانىيە كوماندىسى ماھىرى پودىلىسكى بىلەن مۇللىر ئالغان .

ۋارتا : نويىر (گىرمانىيە (
بۇ ۋارتارلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بولدى . كۆپ ساندىكى ۋارتالارنىڭ ماھارەتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇردى . خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇددەتتىن بۇرۇنلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . كوستارىكا كوماندىسىدىن ناۋاس ، ئارگىنتىنا كوماندىسىدىن رومېرو ھەم گىرمانىيە كوماندىسىدىن نويىر . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ۋارتارى ئوچوئا ۋە ئامرىكا كوماندىسىنىڭ ۋارتارى خوۋارد دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتى تىزىملىكىگە كىرەلمىدى .
گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ ۋارتارى نويىر 9.33نومۇر بىلەن ۋارتالار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلدى . گىرمانىيە كوماندىسى 7 مەيدان مۇسابىقىدە 18 توپ ئۇرۇپ ،4 توپ كەتكۈزۈپ قويدى . نويىر جەمئىي 24 قېتىم كەلگەن توپنى تۇتىۋالغان ، ئادەمنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرىدىغىنى 61 قېتىم توپنى تارتىۋالغان ۋە 127 قېتىم توپنى قايتۇرۇپ بەردى . بۇ ئىككى تۈردىكى سان باشقا ۋارتالاردىن خېلىلا پەرقلىق .
*بېك : دېۋىراي ( گوللاندىيە ) خۇملېس (گىرمانىيە) دىياگو سېلۋا (بىرازىلىيە) ماركىس روخو (ئارگىنتىنا (
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەت تىزىملىكىدە بېكلار قاتارىدا دېۋىراي ، خۇملېس ، دىياگو سېلۋا ، ماركىس روخو ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان . ئەمما بىرازىلىيە ئوتتۇرا بېكى دىياگو سېلۋا 3\0 نەتىجە بىلەن گوللاندىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىدە ، مۇسابىقە باشلىنىپ 87 – سېكونتتا كوماندا باشلىقى سېلۋا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، گوللاندىيەگە بىر قېتىم پۇرسەت يارىتىپ بەردى .
ئوتتۇرا مەيدان : كىلوز (گىرمانىيە) ئوسكار (بىرازىلىيە) لام (گىرمانىيە) خامىس رودرىگىز (كولومبىيە(
ئوتتۇرا مەيدانغا قاراپ باقساق ، گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى كىروس 7 مەيدان مۇسابىقىدە 4 قېتىم بۆسۈپ كىرگەن ھەم 2 قېتىم پاس بەرگەن ، بولۇپمۇ 7\1نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلغاندا ، 23- مىنۇتىدىن 26- مىنوتىغىچە بولغان 179 سېكونت ئىچىدە گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى 3 توپ ئېلىپ كىرپ 2نى كىرگۈزدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 4قېتىم ھۇجۇم قىلدى ! دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان يېڭى ئەزا خامىس رودرىگىز ، 6 توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىلىرى رەت تەرتىپىدە كىلوزدىن قالسىلا بىرازىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى ئوسكار ،7 مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ كىرگۈزۈپ ، 2 قېتىم پاس بەرگەن . گەرچە سامبا قوشونى ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، بىراق ئوسكا خېلىلا تىرىشتى .
ئالدى ھۇجۇمچى : روببىن ( گوللاندىيە) مۇللىر (گىرمانىيە(
ئالدى ھۇجۇمچىلار تىزىملىكىدە روببىن 9.74 نومۇر ۋە مۇللىر 9.63 نومۇر بىلەن ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئالغان . بېنزىما 9.6 نومۇر ، مىسسى 9.46 نومۇر ، نېيمار 9.35 نومۇر ، ۋان پېرسى 9.13 نومۇر ئالغان . بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مەرگەنلەر قاتارىدا خامىس رودرىگىز 6 توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ، مۇللىر ھەل قىلغۇچتا توپ ئۇرالماي كىرگۈزگەن توپ سانى 5 بولدى ،نېيمار، مىسسى، ۋان پېرسى 4 توپ ، بېنزىما بىلەن روببىن 3 توپ كىرگۈزدى . . ھەممىنىڭ قارشىلىقىغا ئېرىشكىنى مىسسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئالغىنى بولدى . ، بەزىلەر ئۇنىڭغا تەسەللى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بېرىلدى دەپ قارىدى ، ئەمما خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تېخنىكا گۇرۇپپىسى مېسسى بۇ مۇكاپاتقا پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدىكى تېخنىكا تەرەپتىن ئويلىشىش ۋە باھالاش ئارقىلىق ئېرىشتى دەپ ئېلان قىلدى .
————————————————————————————————
چىمبۇلاق تورى پۇتبول تەنەپپۇسى تەھىرىر بۆلۈمى
2014.07.24
|
|