تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 62

پۇتبۇل ۋە ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                  پۇتبۇل ۋە ھايات

1.jpg
ھايات خۇددى بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىغا ئوخشايدۇ. كىشىلىك ھاياتدىكى ھەربىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى ھەربىر تەركىب ھەربىر جەريانغا ئوخشۇتۇش تامامەن مۇمكىن.
بۇنداق ئوخشىتىش، تەدبىقلاشلار يەنە تالاي نۇرغۇن-نۇرغۇنلارغا بولىشى مۇمكىن،،، ئەلۋەتدە سىز يۈرەكلىك بولالىسىڭىزلا……


                  كىشىلىك ھايات ۋە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى

2.jpg
بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ھەر تەرەپلەردىن تولۇق كونتىرۇل قىلىپ تۇرىدىغان پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بىر تەشكىلى سىسىتىما بار، ھاياتمۇ خۇددى شۇنڭغا ئوخشاشلا.
كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى تۇغۇلماقلىقدىن ئۆلمەكلىكىمىزگىچە بولغان بارلىق جەريان ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان بىر جەرياندۇر.
پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى قاچان؟قەيەردە؟كىم بىلەن ئۆتكۈزۈش ھىچكىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولمىغىنىدەك تۇغۇلمىقىمىز، ياشىمىقىمىز، ئۆلمەكلىكىمىزمۇ ھەم ھىچكىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس.


                   كىشىلىك ھايات ۋە قائىدە-نىزام

3.jpg
تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ باشلانغان كۆرۈنمەس چەكلىمىلىك، ھاياتلىق بىلەن تەڭ تۇغۇلۇپ تەڭ راۋاجلىنىپ ئاخىرىدىكى بىر نۇقتىغىچە بىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىمۇ بۇ خىل چەكىلىمىلك-قائىدە-نىزام بولغان بولىدۇ.
ھىچكىمنىڭ ئۇنڭغا خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
مەيلى كىشىلىك ھايات بولسۇن مەيلى پۇتبۇل مۇسابىقىسى بولسۇن چوقۇمدىن-چوقۇم قائىدە-نىزاملارغا ئەمەل قىلش شەرت قىلىنىدۇ.
كىشىلىك ھايات قائىدىنى بىلمەيدىغانلارغا شۇنداق بىر ئاھاڭلاردا ئەسكەرتىش بىرىدۇكى، ئۇنىڭ بەزىسى شۇنداق سىلىق، يەنە بەزىسى تاشدىن قاتتىق.
پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى ئەسكەرتىشمۇ خۇددى شۇنڭدەكلا، ئەسكەرتىش بەزىدە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بولغان بولسا، بەزىدە چىكىدىن ئاشقانلارنىڭ جاجىسىمۇ ھەم بار.

               كىشىلىك ھايات ۋە پۇتبۇلچى، تىرىنىر، رىپىر

4.jpg
پۇتبۇلچى، تىرىنىر، رىپبر بۇ ئۈچ بىر گەۋدە پۇتبۇل مۇسابىقىدە بىربىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ گىرەلەشكەن بولىدۇ.
بۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. چۈنكى كەمتۈكلۈك پۈتۈنلەشكەن بىر گەۋدىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.
كىشىلىك ھاياتڭىزدا سىزگە «تىرىنىر» بولۇدىغانلار كۆپ ئەمەس. چۈنكى بۇ سالاھىيەت خالىغان ئادەمدە بولىۋەرمەيدۇ. بۇ خۇددى بىر پۇتبۇل تەنھەركەتچىسىنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تىرىنىرنىڭ قولىدا توپ تىپىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش بولمىغىنىدەكلا بىر ئىش.
ھاياتىڭىزدا سىزگە «تىرىنىرلىق» قىلىدىغان جان كۆيەرلەر كۆپ بولمىغىنى بىلەن سىزگە «رىپىرلىق» قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھەددى-ھىساپسىز.
ئۆيدە، ئىشخانىدا، ئارام ئالغىنڭىزدا، ئىشلەۋاتقانڭىزدا، تاماق يەۋاتقىنڭزدا،،،،
بىر پۇتبۇل تەنھەركەتچىسىگە ئەڭ ئايدىڭ ئىشلارنىڭ بىرىمۇ مۇشۇ. كەسپى ھاياتىدا ئۇنڭغا تىرىنىر بولىدىغانلار بارماقدا سانىغۇدەكلا، بىراق كەسپى ھاياتىدىكى رىپىرچۇ؟ ئۇنىڭ سانىنى كىم بۈلىدۇ؟.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مەيداندا بەش رىپىر تۇرسا.
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «رىپىرلار»مۇ شۇنداق كۆپلىكىدىن، بۇ جاھاندا ياشىغان كىشىنى شۇنداق تۇيغۇزۋىتىدىكەنكى ئۇلار ئارلاشمىغان ھىچ ئىشىڭىز قالمايدۇ. ئۇلار چۈشەندۈرۈشلىرڭىزگە پەرۋاسىزلا، ھەرقاچان ئەيىب سىزدىلا بولىدۇ. بەزىدە تۇرۇپلا شۇنداق خىياللاردا بولىسىزكى ئاشۇ سىزگە ماڭدامدا بىر «رىپىر»لىق قىلىۋاتقانلارنىڭ گىلىدىن بوغۇپلا……
ياق،، ئۇنداق قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ. ھەرقاچان ئىسىڭىزدىن كۆتۈرۈلمىسۇن ھايات-ئۇ بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىسى. چوقۇم قائىدىگە بوي سۇنىشىڭىز شەرت

رىپىر ھەرۋاقىت، ھەرقاچان ئۈستىڭىزدىن خالىغانچە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە
كىشىلىك تۇرمۇشدىمۇ ھەم شۇنداق.
ۋايساشقا، ئاھ ئۇرۇشقا ھەققىڭىز يوق. پەقەت ۋە پەقەت زور غەيرىتىڭىز بىلەن تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرلەپ ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇدلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىمىسىڭىز بولمايدۇ. مانا بۇ كىشىلىك ھاياتدىكى «پۇتبۇل تەنھىركەتچىسىنىڭ» مەڭگۈ ئەسدىن چىقارسا بولمايدىغان تەرىپى

          كىشىلىك ھايات ۋە ھۇجۇمچى، ئوتتۇرا مەيدانچى، مۇداپىيەچى، ۋارىتار
5.jpg
بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسىمۇ ئوخشىمىغان بولىدۇ. بۇنداق ۋەزىپىلەر ھەر بىر پۇتبۇلچىنىڭ خاس ئالاھىدىلكى بويىچە ۋەزىپە قىلىنىپ تاپشۇرۇلغان بولىدۇ. بىر پۇتبۇلچىنىڭ بىر مەيداندا بىكىتىلگەن ئورنى- ۋەزىپىسى بولىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ بىرلا ۋاقىتدا كۆپ ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسىگە بۇيرۇلمايدۇ، ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس
ئەمسە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ۋەزىپىڭىزنىمە؟ ئورنىڭىزچۇ؟
سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ئورۇندىمۇ؟
سىز ئۆز ئورنىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىدڭىزمۇ؟
سىز ئۆز ئورنىڭىزدىن رازىمۇ سىز؟
يەنە تالايلارنى سوراش مۇمكىن.
بۇلارغا ھەركىمنىڭ جاۋابى ھەرخىل بولىدۇ ئەلۋەتدە.
ھەركىمنىڭ ئۆز ئورنىدىن رازى بولماسلىقى زور كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغانلىقى   دەرھەقىقەت.
پۇتبۇل تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان ئورۇنلارنى ئوينىيالمايدىغانلاردا شۇنداق كۆپقۇ...
مەيلى كىشىلىك ھاياتدا بولسۇن مەيلى پۇتبۇل مۇسابىقىسى بولسۇن (ئۆزى ئارزۇ قىلغان قىلغان ئورۇندا بولۇش- بولماسلىق، ئۆز ئورنىدىن رازى بولۇش-بولماسلىق) دىگەنلەر ۋاقىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.
راستىن ئىيتقاندا ئۇلار ئۇنچە مۇھىم ئەمەس(تاللاش ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولمىغان ئىشلاردا <رازى ئەمەس مەن> دەيدىغان مىشچانلارنىڭ كۆتىگىلا تىپىش كىرەك).
ھەممىدىن ئەڭ موھىمى شۇكى- سىز ئورنىڭىزنىڭ ھۆددىسىن چىقالىدىڭىزمۇ يوق؟ مانا بۇ بىردىن-بىر ئويلىنىشقا، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنياغا تونۇلغان بىر پۇتبۇل ھۇجۇمچىسىنى تىرىنىرى ئوتتۇرا مەيدان ئويناشقا قويۇپتۇ. بۇ ھۇجۇمچى شۇنڭدىن ئىتىبارەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتتۇرا مەيداندا ياخشى ئويناپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىمۇ ياخشى پۇتبۇلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپتۇ.
يەنە شۇنڭغا ئوخشاش كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىرىنىر بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنى مۇداپىيە ئويناشقا قويۇپتۇ. بىراق بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىزلا مۇداپىيەچىگە ئايلىنىپ قالغىنىنى پەقەتلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەپتۇ.
يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ يەنىلا ئۆزگەرمەپتۇ. ئۇنىڭ بۇنداق پاسسىب پوزىتسىيەسىدىن كىيىن ئۇ، تىرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قىلىپ باشقا كوماندىغا كەتمەكچى بولۇپتۇ. قىرىشقاندەك ئۇ يۆتكەلمەكچى بولغان كۇلۇبقىمۇ بىر ياراملىق مۇداپىيەچى لازىم ئىكەن.
مانا بۇ رىئاللىق. ھىچكىمنىڭ ئۆز ئورنىدىن ۋاي يەپ يۈرىشىنىڭ پەقەتلا زۆرۈرىيتى يوق.
پۇتبۇلچى مەيلى قايسى ئورۇننى ئوينىسۇن ئۇ بەرىبىر چاسا سىزىغلىق يىشىل مەيداندىكى بىر پۇتبۇلچى خالاس.
تۇرمۇشدىكى ئورنىڭىز سىزنىڭ كىملىكىڭىز-سالھىيتىڭىز ئەمەس. ئۇ ھەركۈن،ھەر سائەت ھەرمىنۇت-دەقىقدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالىدىغان ئاجايىب بىر تەخسىماتدۇر.
مەيلى قايەردە بولۇڭ، نىمە ئىش بىلەن شۇغىللىنىڭ ئەڭ موھىمى ئۆزىڭىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلالايدىغانلىقڭزنى ئىسپاتلاڭ، ئومۇمەن ھەرقانداق ئورۇن ھەرقانداق شارائىتلاردىمۇ  مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدىغانلىقڭىزنى ئىسپاتلاڭ.
مەيلى مەيداندا ھۇجۇم ئويناڭ، ياكى ۋارىتاردا تۇرۇڭ ئەڭ ياخشى ھالەتدە ئويناڭ.
باشقىلار سىزدىن قانداق قىلغانلىقڭىزنى سورايدىغان بولسۇن.


                         كىشىلىك ھايات ۋە مەيدان

6.jpg
مەيدان- بۇ يەر بارچە سىنارىيەلەر قويۇلىدىغان جاي.
بۇ يەر بەك رەھىمسىز. بۇ يەردە ھىچكىمگە رەھىم قىلمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار.
بىراق ئۇ بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنڭسىز ھىچ ئىش روياپقا چىقمايدۇ. مەيلى ئۇ قانچىلىك سوغۇق، قانچىلىك رەھىمسىز بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ بىزگە كىرەك.
مانا بۇ- مەيدان
ئەلا سورۇتلۇق، تەكشى چىم ياتقۇزۇلغان ياپيىشىل پۇتبۇل مەيدانى سىرتىدىن قارىماققا پەقەتلا ئۇنداقتەك ئەمەسدەكلا...
يۈزەكى قاراشتىلا يىشىل مەخمەل گىلەمدەك كۆرۈنىدىغان پۇتبۇل مەيدانى ئەزەلدىنلا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى شاللايدىغان جاي بولۇپ كەلمەكدە. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى رىقابەت تىركىشىشلەر كىشىنى چۈچىتىدۇ. ئەزەلدىن بىلمىگەنلەر بۇنڭغا ئىشەنمەيدۇ تىخى.
توغرا، رىۋايەتلەردىكى شاھ ئوردىسىنىڭ چاھار باغلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ مەيداندا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىلىشىشلارنىڭ بولۇپ تۇرىغانلىقىغا كىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلسۇن.
چىڭىقى چۈشدىكى قۇم توپۇلۇق گىلادىئاتۇرلار مەيدانى بولغىنىدا ئۇ باشقا گەپ. بىراق بۇ ياپيىشىل چىم مەيدان ئىدىغۇ.
كىشىلىك ھايات سەھنىسىمۇ خۇددى مۇشۇنىڭدەكلا، گۈزەل-سەنئەت لايىھەلىگۈچىسىنىڭ شۇنداق كۆركەم بىزىلىشىدىكى بۇ مەيداندا دائىم شۇنداق ئىچىنىشلىق تىراگىدىيەلەر يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.بىرىدە خۇشاللىق بىرىدە مىسكنلىككە جاي بەرگەن مەيدانلارنىڭ يۈزىدىكى تالاي ئازابلارنىڭ يالدامىسىنى كىمنڭمۇ يۇيۇپ چىقىرىۋىتىشكە قۇربى يەتسۇن.
مەيدان- ئۇ، شۇنداق ئۇنتۇلماس كارتىنىلارنىڭ جەمگاھى.
مەيدان- سىرتىدىن جىمجىت، تىپتىنىچ كۆرۈندىغان، ئۆزىدىكى بارچە رەھىمسىزلىكىنى يىشىل شايىغا ئورىغان جاي.
مەيدان- كىشى يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان ئەمما مۇمكىن بولمايدىغان سەھنە.


                   كىشىلىك ھايات ۋە 90مىنۇت مۇسابىقە

7.jpg
چەكسىز ھاياتنى ئويلاپ قالامسىز؟
مەن پات-پات ھىچكىمگە تۇيدۇرماي ئويلاپ تۇرىمەن. بەزىدە كۈندە بەزىدە نەچچە ئايلاردا بىر ئويلايمەن.
ھاياتىم تۈگىمىسە، كۆرۈۋاتقان خۇشاللىقىممۇ مەڭگۈ ئاخىرلاشمىسا. بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق كۈلۈپ ياشىسام.
بىراق ئۇ ئۇنداق ئويلىمايدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ بىشىدا تالاي كۈلپەتلەر باركەن. تاشدىن قاتتىق قىسىنچىلىق ئۇنى مۇشۇنداق قورقۇنۇشلۇق خىياللارغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ.
مانا بۇ قىسغىنە«90مىنۇتلۇق» ھاياتنىڭ ھەركىمنىڭ ئۆز تىلىدىكى ئارزۇسى.
ھەركىم ھاياتنىڭ ناھايتىمۇ قىسقا بىر جەريان ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. بىراق ئاخىرقى پۇشتەكنىڭ قاچان؟ قايەردە؟ قايسى ھالەتدە چىلىندىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.
90مىنۇتلۇق پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە ھەممەيلەنگە ئايدىڭ بولغىنى ئوخشاشلا 90مىنۇتلۇق جەريان. ئەمما پۇشتەك رىپىرنىڭ قولىدا، ئۇمۇ ئاخىرقى پۇشتەكنى قاچان چالىدۇ؟ پۇتبۇل تەنھەركەتچىسىمۇ ئۆزلىرىنى قايسى ھالەتدە مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇردىغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.
مەيلى كىشىلىك ھاياتدا بولسۇن ياكى پۇتبۇل مۇسابىقىسىدا بولسۇن ئەڭ ئاخىرقى چەكنى بىلىشكە ھىچكىمگە ئىمكان بىرىلمىگەن. بىزگە بىرىلگىنى بولسا شۇ بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە بىزلەرگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى ھالەتدە ئورۇنداش.
ئىسىڭىزدە بولسۇن ئاخىرقى پۇشتەك ھەرقاچان چىلىنىپ قىلنىشى تامامەن مۇمكىن. شۇڭا سىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىڭىزگە ھەرۋاقىت ئالدىراڭ.

                      كىشىلىك ھايات ۋە پاسلىشىش، توپ ئۇرۇش ۋە توپ كەتكۈزۈش

8.jpg
پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئۇزۇن-قىسقا، يىراق-يىقىن پاسلىشىشلاردىن كىيىن ئاندىن توپ ئۇرۇپ نۇمۇر ئىلىش ئارزۇسىغا يەتكىلى بولىدۇ.
دىمەك بەزىدە تۇرۇپلا كىشىنى زىركتۈرۈپ قويىدىغان پاسلىشىشلار مانا مۇشۇنداق مۇھىم جەريان.
كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەرخىل كىشىلەر توپىدىكى مۇناسىۋەت جەريانلىرىدا بىربىرىمىز بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ«پاسلىشىش»مۇ ئەنە شۇنداق موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ جەرياننى چەتكە قاققانلار ھىچ ئىشنى ھۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيدۇ. شەخسىيەتچىلىك قىلغانلار ھامىنى چەتكە ئايرىلىپ قالىدۇ.
پەقەت مىننەت-تەماسىز كىشىلەرلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ.
پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى بىر ئادەم يالغۇز ئوينىمىغىنىدەك، كىشىلىك ھاياتدا سىز بىرلا كىشى ياشىمايسىز.
گۈزەل كىلەچەكلەرنى، يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلارنى قەلبىگە پۈككەنلەر چوقۇم ئۆز يىقىنلىرى بىلەن يۈكسەك دەرىىجىدە ھەمكارلىشىشىنى جۈملىدىن «پاسلىشىش» بىلىدىغان بولىشى كىرەك.
ئەلۋەتدە بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە بار.
«غەلبە بار يەردە چوقۇم مەغلۇبىيەت بار»
توپ ئۇرۇپ نۇمۇر ئالغانكەنسىز چوقۇملا توپ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز بولىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق.
ئىرىشكەن شۇنچىكى خۇشاللىقلىرىمىز تالاي رىيازەتلەرنىڭ بەدىلىگە كەلگەن بولىدۇ.
بۇمۇ خۇددى« بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى،،،» دىگەندەكلا بىر ئىش.
بۇنداق ۋاقىتلاردا (ئاھ)نى تولا چىكىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. مەغلۇبىيەتنى پەقەت بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلىگەندىلا غەلبىگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇ يىرى، پۇتبۇلچىلارنىڭ «ئەڭ ياخشى مۇداپئە- ھۇجۇم قىلىش» دىگىنىگە تازا چۈشىدىكەن دىسە.


                  كشىلىك ھايات ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش

9.jpg
قائىدىسىزلىك، قائىدىنى بۇزۇشلار ھەممە يەردە بار. ياشاش جەريانىدىمۇ تالاي قائىدىسزلكنىڭ شاھىدى بولىدىغان گەپ.
قائىدىگە خىلاپ قىلىش- ئەسلى ماھىتىدىن سەت بىر ئىش. چۈنكى سىز باشتىلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەن.
مۇسابىقە مەيدانىدا ئەڭ ئەخمىقانە ھەركەتلەردە بولۇپ جازالانغان پۇتبۇل تەنھەركەتچىسىنى كىممۇ ( قائىدە بۈلمەيدۇ) دىيەلىسۇن.
قائىدىسىزلىك-قائىدىنى پەقەتلا بىلمەيدىغانلىقدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
نىمىشقا دەپ سورىمايدىغانسىز ھە.
قائىدىلىك بولۇش ياكى قائىدىنى بۇزۇشنىڭ بىردىنبىر مەخسىتى، ھەركىم شۇ يوللار ئارقىلىق ئۆز مەخسىتىگە يىتىشقۇ.
مەخسەتكە ھەركىم ئۆزى ئويلىغان يوللار ئارقىلىق يەتمەكچى بولىشىدۇ.
پۇتبۇل مەيدانىدىكى قائىدىلىك پۇتبۇلچى غەلبىسىگە ماھارىتى ئارقىلىق يەتمەكچى بولسا، قائىدىسز پۇتبۇلچى ئۆزىنىڭ چەكدىن ئاشقان ھەركىتى ئىرىشىشنى ئويلايدۇ.
ئەمدى بۇ ھەقدە كۆپ بىشىڭىزنى قاتۇرۇپ يۈرمەڭ، چۈنكى كونىلاردا «ياخشى بولساڭ ئىشڭنى يەيسەن، يامان بولساڭ بىشىڭنى» دەيدىغان گەپلەر بار.
پۇتبۇلچىلارمۇ ھەم شۇنداق، قائىدىسىزلىك بولىدىكەن «يەڭگىل بولسا سىرىقىنى، ئىغىر بولسا قىزىلىنى» يەيدىغان گەپ.
يەنە قايتا دەي: ئىسىڭىزدە بولسۇن ئالدىراپلا قائىدىسىزلىك قىلماڭ.

                      كىشىلىك ھايات ۋە غەلبە-مەغلۇبىيەت

10.jpg
دۇنيادىكى ئەڭ يىقىن بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ھىكايىسى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھىكايسى قاچان باشلانغان، قاچان ئاخىرلىشىدىغىنىنىمۇ ھىچكىم بىلمەيدۇ. بىلىدىغىنىمىز. بۇلارنىڭ ھىكايىسى ھىلىھەممۇ داۋام ئىتىۋاتىدۇ. خۇددى بىز بۇرۇن ئاڭلىغان ‹‹ ئو بىلەن سۇنىڭ ھىكايىسى››دەك.
كىشىلىك ھاياتىمىزدا غەلبىنىڭ بىر قىتىم قۇچاق ئاچقىنى تالاي مەغلۇبىيەتنىڭ ئەلىمىدىن كەلگەن بولىدۇ.
بۈگۈنكى مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلغانلار تۈنۈگۈن يىغلىغان ئىدى. بۈگۈن يىغلىغانلارنىڭ تەقەززاسى شۇكى ( بىز ئەتە چوقۇم كۈلىمىز).

كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقارقى قانۇنىيەتلىرىگە قارىتا ئۇزۇن يىللار ئىلگىركى كىلاسسىك بىر شئېرنى تولۇقلقما مەزمۇن قاتارىدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
baodai.jpg
                      ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› فىلىمىدىن

                   ئۆز ۋاقتىدا بەگ – غوجاملار تولغان ساراي،
                   غۇربەت بېسىپ، قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى؛
                   بىر چاغلاردا بەزمە، مەشرەپ قاينىغان جاي،
                   گۈللەر توزۇپ، دەل - دەرەخلەر خازان بولدى.

                   زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
                   گۈل پەنجىرلەر ئوت - گىياغا ئاشيان بولدى.
                   ئۇپا – ئەڭلىك، خۇشپۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟
                   قىراۋ قوندى، چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى.

                  كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن __
                  ئاشىق – مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.
                  ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن-كۈمۈش ساقلىغانلار،
                  كۆز ئاچقىچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.

                  ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
                  كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
                  ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
                  ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.

                 بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جور ئىزدىگەنلەر،
                 تاپقان جايى خۈنۈك چالا مەيدان بولدى.
                تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كەيمىگەنلەر،
                كىيىپ قوۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.

                ئاخشام تېخى جۇل – جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
                بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
                بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،
                ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.

               قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى...
               باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.



                                                                           2014-يىلى 24-سەپەر
                                                                                    پەرۋەر


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 22مۇنبەر پۇلى +1230 تۆھپە +42 شۆھرەت +26 تەجرىبە +16 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
Qashqari + 50 قالتىس!
missi2 + 50 ھەقىقىي نادىر تېما
ili-diyar + 10 + 10 + 10 ئىسىك تىما ئىسىل يار.
بەگزات + 50 + 2 + 1 + 1 قالتىس!
tagderem + 50 قالتىس!
بۇغدا + 50 + 3 ئاپىرىن!
@Messi + 50 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 + 10 قالتىس!
shevchenko + 100 قالتىس!
dolantekin1981 + 50 قالتىس!
ئۇچقۇنى + 100 قالتىس!
سەييارە + 50 قالتىس!
nayil + 50 ئاپىرىن !!~
messivskobe + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
siptamix + 20 قالتىس!
januzay + 50 قالتىس!
turk222 + 50 ئاپىرىن !
~virus~ + 50 نادىر تېما
باياۋان + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-25 01:02:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقاپ كىتىپتىڭ، نىمىش قىلىۋاتىدىكىن دېسەم يەنە بىر تېمىغا تۇتۇش قىپتىكەنسەندە…
ۋاقتى: 2014-7-25 01:04:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپاتارتىپسز ياخشى تىما بوپتۇ  ئەجىرڭىزگە بارىكاللا!
ۋاقتى: 2014-7-25 01:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما قۇلۇڭغا دەرت كەلمسۇن ئاكا
ۋاقتى: 2014-7-25 01:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن تەپسىلىي يېزىلغان . قۇلۇڭلىغا ، ئىلھامىڭلىغا ھەرگىز دەرت بەرمىسۇن ! داۋاملىق ...
ۋاقتى: 2014-7-25 01:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يەنە بىر ئىجادى تېما مەيدانغا كەپتۇ، ئاپىرىن.....
ۋاقتى: 2014-7-25 01:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن پەرۋەر تېماڭنى ئوقۇپ تولىمۇ خوش بولدۇم !
ۋاقتى: 2014-7-25 01:43:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏بارىكاللا!!!
‏ئاخىرىدىكى شېئىرنىڭ ئابدۇقەييۇم ئىمىنننىڭ ئوقۇشىدىكى مۇزىكىلىك قىستۇرمىسى بولۇپ كەتكەن بولسا، تېمىنى ئوقۇغاچ خىيالغا ئېغىر كىرىپ كېتەركەنمەن
ئەينى ۋاقىتتىكى تىلماچ ئۇستازلارغا بىر كىشىلىك ھۆرمىتىم بار، بۇ شېئىر ماڭا ھىچقاچان تەرجىمە ئەسەردەك بىلىنمەيدۇ
ۋاقتى: 2014-7-25 01:50:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەششى يىزىۋىتىپسەن غۇ ئاكا قولۇڭغا دەرىت بەرمىسۇن
ۋاقتى: 2014-7-25 01:53:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرنادىىرتېما.مەزمۇنلۇق ھەم ئەتراپلىق چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2014-7-25 02:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز.تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-7-25 02:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر سىز يوكاپ كىتسىز ،لىكىن پەيدا بولغاندا ئىسىل تىمىدىن بىرنى ئەكىلسىز ھە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-26 15:36 , Processed in 0.118913 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش