تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 35

خان مادرىدنىڭ يېڭى سەپ شەكلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 23:38  

20140724153924ba8cb.jpg

   خان مادرىد كوماندىسى ھازىر ئامېرىكىدا يېڭى پەسىل بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ،بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان بەزى توپچىلار تېخى كوماندىغا كېلىپ بۇلالماپتۇ .يېقىندا خان مادرىد كۇلۇبى گېرمانىيەلىك توپچى كىروس بىلەن كولومبىيەلىك يېڭى چولپان رودىرىگىسنى يۆتكەپ كەلدى .بۇ ئېنىقلا خان مادرىد كوماندىسنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە سەپ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ .ئۇنداقتا خان مادرىد يېڭى پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە قايسى سەپ شەكلىنى ئىشقا سالىدۇ ؟ « ئورگان مەخپىيەتلىك گېزىتى » نىڭ ئاشىكارلىشىغا قارىغاندا ،خان مادرىد ئەمدى ( 4231 ) سەپ شەكلىنى كۆپىرەك ئىشقا سالىدىكەن .بۇنداق بولغاندا ئالۇنسو بىرىنچى بولۇپ سەپتىن چىقىپ زاپاس ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بۇلىدىكەن .

   ئالدىنقى پەسىل كوماندا تېرىنىرى ئەنچىلوتتى جەمىي ئۈچ خىل سەپ شەكلىنى ئىشقا سالغان .دەسلەپتە 4231 سەپ شەكلى بويىچە تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ئىسكو ئالدى بەل ھۇجۇم ئورنىدا كەينى -كەينىدىن توپ ئۇرغان .شۇ چاغدا « ماركا گېزىتى » : « ئىسكونىڭ مادرىدقا يېڭى كەلگەندىن كېيىنكى ئىپادىسى ئەينى چاغدىكى زىدانىدىن قالتىس بولدى دىگەن » .ئۇزۇن ئۆتمەي ئەن تېرىنىر سەپ شەكلىنى ( 433 ) كە ئۆزگەرتىپ سىناپ باققان .بېل بىلەن دىمارىيا ئوتتۇرا ئالدى ھۇجۇم ئويناپ ، بۇ سەپ شەكلىنىڭ ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولغان .بۇ خان مادرىدنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئاساسلىق سەپ شەكلى بولۇپ ،كېيىن رونالدو يارىلانغاندىن كېيىن ( 442 ) سەپ شەكلى ئوتتۇرغا چىققان .بۇ جەرياندا بېل بىلەن دىمارىيا ئوتتۇرا ھۇجۇم ئويناپ چاڭ چىقىرىۋەتكەن .ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا خان مادرىد دەل مۇشۇ 442 سەپ شەكلى بويىچە ئويناپ بارسېلونانى يېڭىپ چىمپىيۇن بولغان .

    ئەمدى كوماندىغا كىروس بىلەن J رونالدو كەلدى .خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،ئەنچىلوتتى سەپ شەكلىنى يەنە ئۆزگەرتىدىكەن .يەنى 4231 ،ئارقا بەل ئورنىدا مۇدىرىچ بىلەن كىروس ماسلىشىپ ئوينايدىكەن .ئالۇنسو بولسا ئىلگىرى خان مادرىدنىڭ ئىزچىل ئاساسلىق مەيدانغا چىقىدىغان يادىرولۇق ئەزاسى بولۇپ ،بۇ قېتىم نۆۋەتلىشىپ مەيدانغا چىقىشقا ئۇرۇنلاشتۇرلىدىكەن .ئەمىلىيەتتىمۇ ، ئالۇنسونىڭ ئىپادىسى ھازىر ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئەمەس ، چېكىنىش تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ .دۇنيا لوڭقىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ! ھۇجۇم سېپىدە رودىرىگىس ئالدى بەل ئۇرۇنغا مۇقىملاشقان .رونالدو ۋە بېل بۇ ئىككى يۈز مىليۇنلۇق توپچى يەنىلا ئالدى تەرەپتە قانات قاقىدۇ .ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىدا يېقىندا توختام ئۇزارتقان بېنزىما ئاساسلىق مەيدانغا چىقىدۇ .بېنزىمانىڭ رىقابەتچىسى يوق ،چۈنكى خان مادرىد نىشان قىلغان فالكاۋ ، سۇئارېز ،مەنزۇجىچ قاتارلىق ئۈچ توپچى باشقا كۇلۇبقا كەتتى .بېنزىما خاتىرجەم ئوينايدۇ .ئارقا سەپتە بولسا كاسىللاس ۋى لوپېز بۇ ئىككى ۋاراتار كوماندىدا قالسا ، ئۇ چاغدا يېڭى كەلگەن كوستارىكالىق ۋاراتار ناۋاس بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ .ناۋاسنى يەڭمەك ئاسان ئەمەس ،كارۋاخال بىلەن مارسېلو يان مۇداپىئە ئوينايدۇ .راموس سول مۇداپىئە ،ۋارانېينىڭ ئىشى بۇ قېتىممۇ چاتاق ،ئەنچىلوتتى پېي پېينى يەنە ئاساسلىق قىلىپ چىقىرىشى مۇمكىن .ئالدىنقى پەسىل راموس بىلەن پېي پېي خېلى قاملاشتۇرغان .

U7470P31DT20140509161938.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ دىماريا  ئورۇندۇق باقىدىغان بوپتۇدە    ئۇنداق بولسا كەتسىمۇ بولدىكەن .  مەن يەنە شۇنداق قارىسام رودىگىز  دىماريادەك ئوينىشى تەستەك بىلىنىۋاتىدۇ .
باشقا يەر ئاساسى جەھەتىتىن ئوخشاش .. يېڭى قوشۇلغان كىروس بىلەن رودىگىز كىرىپ شۇ ئورۇندا ئۆزگىرىش بوپتۇ شۇ .
رونالدو بىلەن بىل  ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئويناۋىردۇ .
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئىككى قاناتتا مەسلە يوق !!  مۇشۇ ۋارانى دىگەن بالا باشقا كۇلۇپقا بارسا بولاتتى ، ھازىر ئورۇندۇق باقىدىغان ۋاقتى ئەمەس ئىدى بۇنىڭ ...  
  Jلونىڭ  مادىرتتا چاڭ چىقىرشىنى ئۆمۈد قىلىمەن !
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ج رونالدو دىمەي  رودىرگېز دەيلى. مەتۇ لاشماي توپ تەپكۈچكا
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 23:35
شۇنداق قىلىپ دىماريا  ئورۇندۇق باقىدىغان بوپتۇدە     ...

دىمارىيا كەتسە بولمايدۇ   ئا ئىككى راكىتادىن چاتاق چىقسا ئەسقاتىدۇ    ئۇنىڭ ئۈستىگە بېل ئىتتىك يارلىنىدىغان يىتىمكەن    007 جا چىقىپ قالسا يەنە شۇ دىمارىيا بولمىسا بولمايدۇ
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەپ شەكلى ياخشى بۇپتۇ.
بېنزىما بىلەن رىقابەتلەشكىدەك يامان ھۇجۈمچىدىن بىرنى ئەكەلگەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا زاپاس بوپتىۈغۇ ، دىمارياغا يامان بوپتۇ
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۇنسۇنىڭ ئپادىسى ياخشى ئۇنى زاپاس قىلىش سەل تەسمىكى
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىققاندىن كېيىن ماۋۇ سەپ شەكلى بىلەنلا چىقماي


ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەپ شەكىلى خېلى قاملىشىپ قالدىغاندەك تۇردۇ
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىت بىلەن بارسانىڭ بۇ پەسىللىك سەپ شەكلى زادىللام دىتىمغا ياقمىدى  
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 01:08  
كۈلكە يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 23:44
ج رونالدو دىمەي  رودىرگېز دەيلى. مەتۇ لاشماي توپ تەپكۈچ ...


مەن قۇشۇلمايمەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-30 02:29 , Processed in 0.085860 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش