تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1439|ئىنكاس: 56

مىسسىنىڭ يېڭى ھەشەمەتلىك داچىسىنىڭ لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
635409546987091589.jpg
      مىسسى پۇتبولنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ ؟ بۇلتۇر ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى مىسسىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان ھەشەمەتلىك داچىسىنىڭ لايىھە نۇسخىسىنى ئاشكارلىغان . ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى بۇ ھەشەمەتلىك داچىنىڭ ئۈستى كۆرۈنۈشى بەئەينى پۇتبول مەيدانىغىلا ئوخشاش لايىھەلەنگەن . ئەگەر بۇ داچا راستلا مۇشۇ لايىھە بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ پۈتۈپ چىقسا ، خەلقئارا پۇتبولچىلىق سەھنىسىدە  زور مودا  تەسىر كۆرسۈتۈپ قېلىشى مۇمكىن .
   نۇرغۇن ئادەملەر مېسسىنىڭ ئىسپانىيەدىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئانچە ھەشەمەتلىك ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن . ئوغلى دىياگو تۇغۇلدىغانغا ئاز قالغاندا مىسسى كاتولىيەدىكى بىر مىھمانساراي سۈپەت داچىغا كۆچۈپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئادەتتىكى بىر ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا  بۇ بىر كاتتا تۇرالغۇ ، لېكىن مىسسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنداق ئەمەس . چۈنكى مىسسىنىڭ بۇ تۇرالغۇسىنىڭ ئومۇمىي چوڭلىقى ئاران 1300 كىۋادىرات ئىنىگلىزچىسى  (120 كىۋادىرات مېتىر) ئىكەن . ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە ، بۇ ئۆينىڭ چوڭلۇقى رونالدونىڭ كىيىم يۆتكەش ئۆيىدىنمۇ كىچىك ئىكەن . مىسسى تېخى بۇ ئۆينىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى 16 قوشنىسى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدىكەن .
635409547525916535.jpg
    ھازىر مىسسى بۇ يېڭى ھەشەمەتلىك داچىسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بولغان بۇلۇپ ، ئۇ يەر دەل ھازىر تۇرىۋاتقان مىھمانخانىسنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان . مىسسى بۇ داچىسىنى لايىھەلەشكە ئىسپانىيەدىكى داڭلىق قۇرۇلۇش لايىھە ئۇستىسى لۇيىس . گاررىدونى تەكلىپ قىلغان . لۇيىس . گاررىدو ئارگېنتىنا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش لايىھەسىدە قانداق قىلىپ مىسسىنىڭ ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىش توغرۇلۇق جىق ئويلۇشۇپ  ، ئاخىردا پۇتبول مەيدانى مىسسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكنى جەزىملەپ  مۇشۇنداق شەكىلدە لايىھەلەپ چىققانلىقنى ئېيتقان .   
پۈتكۈل لايىھە ئۈچ قىسمغا بۆلۈنگەن . بىرىنچى قىسمى تۇرالغۇنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنا ئىسكىلاتى بۇلۇپ ، ئۈستىدىن قارىسا بەئەينى ۋارتارغىلا ئوخشىتىلغان . ۋارتارنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئادەم ماڭىدىغان بىر كىچىك تاش يولى بۇلۇپ ، بۇ يول چىملىقنى كېسىپ ئۆتۈپ پوتبولسىمان ئىككى قەۋەتلىك بىناغا تۇتاشتۇرۇلغان . ئۈستى كۆرۈنۈستىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ يېرىمى چىملىق يېرىمى قۇياش نۇرىلىق ئېلېكتېر تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . لېكىن كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى ئوتتۇردىكى ئالتە بۇرجەك چىمنىڭ ئىچىگە خەنزۇچە 克دىگەن خەت يېزىلغان . قۇرۇلۇشنىڭ يەنە بىرقىسمىغا پۈتۈن قىلىپ چوڭ شۇ ئۈزۈش كۆلچىكى لايىھەلەنگەن .  لۇيىس . گاررىدو بۇ لايىھەسىدىن بەكمۇ رازىلىقنى بىلدۈرۈپ ، بۇ قۇرۇلۇشقا ‹‹ پۇتبولچىلار ئائىلىسى ›› دەپ ئىسىممۇ قويۇپ قويغان .
تۆۋەندىكىسى مىسسىنىڭ بارسېلونادىكى بۇرۇنقى داچىسى
635409548067861487.jpg
635409548277213855.jpg
635409548802778778.jpg
635409549208847491.jpg
635409549618192210.jpg
مەنبە : كۆزەتكۈچى تورى (观察者)  
2013.7.14 خەۋىرى
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 19:39
مۇسۇلمان قېرىنداشقا ياخشىلىق قىلسا ساۋاپ بولىدۇ دېسە ...

قېرىندىشىم ئۇيغۇر بولسىلا مۇسۇلمان بولىشى ناتايىن،مۇسۇلمان بولسىلا كامىل مۇسۇلمان بولىشى ناتايىن.قەلبىدىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسى تازلىنىپ بولالمىغان ،پۇلى تۇرۇپ يوقسۇللارغا خەير ئېھسان قىلمايدىغانلارمۇ بار.ئۇنداقلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ.خەنزۇنىڭ ياخشىلىقىغا كەلسەك ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ ئىنسانلا بولىدىكەن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ ،شۇنداق ئىكەن ئۇمۇ ياخشىلىق قىلسا ئۆزىگە ياخشىلىق يانىدۇ دەپ قارىشى مومكىن،ھەم قوشنىسىغا ياردەم قىلسا ،قوشنىسى خۇشال بولىدۇ،ئۆزى باشقىلارغا ياخشلىق قىلغاندا ياخشىلىققا ئېرىشكۈچىنىڭ خۇشال بولغىنىنى كۆرۈش نورمال ئادەملەرنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان ئىش.يەنە بىر تەۋىسىيەم سىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىسىنى ھەم ھەدىسلەردىن تاللانما دىگەن كىتاپنى ئوقۇڭ.شۇنداق بولغاندا بىر نەرسىنى بىلىش ئۈچۈن ئەمەس ،باشقىلارنى مات قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە سوراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىسىز
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 19:13
ھەر كىمنىڭ  كۆز قارشى  ئوخشىمايدۇ ..   ياخشىلىق قىلغان ئ ...

ئالىم كاۋاپنى مىسالغا ئالغىنىڭىزدىن تېلىققىدەك كۈلسەم بولاتتى.قانداق قىلسا ساۋاپ بولىدىغانلىقىنى ئىسلامنى ئاز تولا ئۈگىنىڭ ،ئاندىن بىلىسىز.سىزچە دۇنيادىكى ئالدىنقى 2ئىككى باينىڭ مىليارتلاپ قىلغان ساخاۋەتلىرىگە ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟ئۇلار مۇسۇلمان بولمىسىمۇ شۇ ئىشلىرى سەۋەپلىك ساۋاپ بېرىلەمۇ؟ساۋاپ بېرىلدى دىگەن سۆز جەننەتكە كىرىشىدىن ئۆۈد بار دىگەنلىك.ئۇنداقتا مىليارتلاپ پۇل خەير-ئېھسان قىلىپ،ئىسلامغا كىرمىسىمۇ،مۇسۇلمان بولمىسىمۇ جەننەتكە كىرىشى مومكىنمۇ؟
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇل مەيدانىدەكلىكەن زادى
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيزىكەنغۇ،   يېڭىچە  ئۇسلۇپ يارتاي  دەپتۇدە  ،بوپتۇ پۇلى بوغاندىكىن  قىلسۇن
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسراپچىلىق قىلىدىكەن چولپان سانالغان خەخلەر
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ، بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئىئانە قىلغاندىن مۇشۇنداق ئۆزى راھەت كۆرگەنمۇ ياخشى.
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تېمىنى تۇمشۇق بىلەن ئىككىمىز تەڭ يوللاپ ساپتىكەنمىز،،،ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ..
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيزىكەن     ،بۇلۇپمۇ   ئاۋۇ   سۇ    ئۆزۇش   كۆلچىكى    مۇشۇنداق   ئىسسىق    كۇنلەردە    ۋاھ   ئىشقىپ   ھۇزۇردە   ھۇزۇر
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيزىكەن     ،بۇلۇپمۇ   ئاۋۇ   سۇ    ئۆزۇش   كۆلچىكى    مۇشۇنداق   ئىسسىق    كۇنلەردە    ۋاھ   ئىشقىپ   ھۇزۇردە   ھۇزۇر
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقىسىمۇ كىچىك دىگۈدەك ئەمەسكەنغۇ؟
پۇل بولغاندىكىن قانداقلا قىلسا يارىشىدۇدە.
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 17:58
ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تېمىنى تۇمشۇق بىلەن ئىككىمىز تەڭ يو ...

راست مىنڭمۇ بۇتىمانى ئالدىنقى يىلى بىر كۆرگەن .ئىسىمدە.
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك نوچى لاھىلەپتۇ،ئولتۇرۇشىغا نىسىپ قىلسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 17:58
ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تېمىنى تۇمشۇق بىلەن ئىككىمىز تەڭ يو ...

مەن مەنبەدە قارىسام مۇشۇ ئايدا ئېلان قىلغانكەن .  ئەگەر شۇنداق بولسا بوپتۇ , كۆرمىگەنلەر بىلىۋالسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-30 02:29 , Processed in 0.086921 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش