akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1821|ئىنكاس: 44

مادىرىد ۋە بارسېلونانىڭ ھازىرقى كۈچ سېلىشتۇرمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويسام ، بۇنداق سېلىشتۇرۇش گەرچە نۇرغۇن ئەھمىيەتلەرگە ئىگە بولمىسىمۇ بىلىپ قېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . پۇتبول دۇنياسىدا چوقۇم كۈچلۈك تەرەپ غەلبە قىلىدۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ دەيدىغان قائىدە مەۋجۇت ئەمەس .يەنە كېلىپ ئاجىز كوماندىنىڭ كۈچلۈك كوماندىلارنى بۇرنى قۇلىقىغىچە قايىل قىلىپ ئۇتۇپ قوياۋاتقان مۇسابىقىلەرنىمۇ يىللاردىن بېرى پات-پات ئۇچۇرۇتۇپ تۇرىۋاتىمىز .


ئىككى كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 5 نەپەر توپچىنىڭ بىريىللىق ئىپادىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ، پەرق چوڭمۇ ئەمەس .




1. رونالدو - مېسسى

رونالدو —
ئوزغۇنلۇق : مەيدان سانى 11 ، كىرگۈزگەن توپى 17 ، پاس سانى 4
شاھلىق لوڭقىسى : مەيدان سانى 6 ، كىرگۈزگەن توپى 3
بىرلەشمە : مەيدان سانى 30 ، كىرگۈزگەن توپى 31 ، پاس سانى 9
دۇنيا لوڭقىسى : مەيدان سانى 3 ، كىرگۈزگەن توپى 1 ، پاس سانى 1
باشقا دوستلۇق مۇسابىقىللىرىنى چىقىرۋەتكەندە 50 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 52 توپ كىرگۈزگەن ، 14 ياردەم توپ بەرگەن .

مېسسى —
ئوزغۇنلۇق : مەيدانى سانى 7 ، كىرگۈزگەن توپى 8 ، پاس سانى 1
شاھلىق لوڭقىسى : مەيدان سانى 3 ، كىرگۈزگەن توپى 4 ، پاس سانى 3
بىرلەشمە : مەيدان سانى 30 ، كىرگۈزگەن توپى 28 ، پاس سانى 11
دۇنيا لوڭقىسى : مەيدان سانى 7 ، كىرگۈزگەن توپى 4 ، پاس سانى 1
باشقا دوستلۇق مۇسابىقىللىرىنى چىقىرۋەتكەندە 47مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 44 توپ كىرگۈزگەن ، 16 ياردەم توپ بەرگەن .

خۇلاسىسى : رونالدو 3 مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان شارائىت ئاستىدا مېسسىدىن 8 توپ ئارتۇق كىرگۈزگەن 2 ياردەم توپنى ئاز بەرگەن . شۇڭا بۇ ئىككى توپچىنىڭ شەخسىي نەتىجىسىدە پەرق چوڭ ئەمەس . بىراق مېسسى لوڭقىسىز ، رونالدو بولسا ئىككى لوڭقۇلۇق . شۇڭا بۇ سېلىشتۇرۇشتا رونالدو ئازراق ئۈستۈنلۈكتە .


2. بىنزىما - سۇيارىز

بىنزىما —
ئوزغۇنلۇق : مەيدان سانى ، 11 ، كىرگۈزگەن توپى 5 ، ياردەم توپ 5
شاھلىق لوڭقىسى : مەيدان سانى ، 6 ، كىرگۈزگەن توپى 2 ، ياردەم توپ 1
بىرلەشمە : مەيدان سانى 35 ، كىرگۈزگەن توپى17 ، ياردەم توپ 9
دۇنيا لوڭقىسى : مەيدان سانى 5 ، پاس سانى 3
ئومومىي 57 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 27 توپ كىرگۈزگەن 15 ياردەم توپ بەرگەن .

سۇيارىز —
ئوزغۇنلۇق : قاتناشمىغان
بىرلەشمە لوڭقىسى : مەيدان سانى 2 ، ياردەم توپ 2
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە : مەيدان سانى 33 ، كىرگۈزگەن توپى 31 ، ياردەم توپ 12
دۇنيا لوڭقىسى : مەيدان سانى 2 ، كىرگۈزگەن توپى 2
ئومومىي 35 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 31 توپ كىرگۈزۈپ 14 ياردەم توپ بەرگەن .

خۇلاسىسى : بۇ ئىككى ئوتتۇرا ھۇجۇمچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا سۇيارىزنىڭ شەخسىي نەتىجىسى مۇتلەق ئۈستۈن .



3. تونى كىروس - ئىنىستا ( بۇ ئىككى توپچىنىڭ مەيداندىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىۋاستە ياردەم توپ ياكى توپ كىرگۈزۈش ئەمەس شۇڭا باشقىچە سېلىشتۇرۇلدى)

تونى كىروس —
بىرلەشمىدە مەيدانغا چىققان ۋاقتى 2066مىنۇت ، پاس سانى 2189 ( ئالدى مەيداندا 1504 ، كەينى مەيداندا 746 ، ئۇزۇن پاس 294)  مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان پاس سانى 2011 . ئۈنۈمدارلىقى %91.9 . گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
خەتەرلىك تاشلىغان پاس سانى 50

ئوزغۇنلۇقتا مەيدانغا چىققان ۋاقتى 986مىنۇت ، پاس سانى 1144 (ئالدى مەيداندا 891 ، كەينى مەيداندا 300 ، ئۇزۇن پاس 139 ) مۇۋاپىقىيەتلىك پاس سانى 1078 ، پاس ئۈنۈمدارلىقى %94.3 . بۇ ئوزغۇنلۇقتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
خەتەرلىك تاشلىغان پاس سانى 21

ئىنىستا —

بىرلەشمىدە مەيدانغا چىققان ۋاقتى 2478 مىنۇت ، پاس سانى 2215 (ئالدى مەيداندا 1680 ، كەينى مەيداندا 571 ، ئۇزۇن پاس 153 )  مۇۋاپىقىيەتلىك پاس سانى 2010 ، ئۈنۈمدارلىقى %90.8 ، بۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . خەتەرلىك تاشلىغان پاس سانى 53

ئوزغۇنلۇقتا مەيدانغا چىققان ۋاقتى 779 مىنۇت ، پاس سانى 741 ( ئالدى مەيداندا 611 ، كەينى مەيداندا 143 ، ئۇزۇن پاس 36 ) مۇۋاپىقيەتلىك پاس سانى 667 ، ئۈنۈمدارلىقى %90.1 . بۇ ئوزغۇنلۇقتا سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . خەتەرلىك تاشلىغان پاس سانى 15

خۇلاسىسى : بۇنىڭدا تونى كىروس مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە . يەنە دۇنيا لوڭقىسىنى سېلىشتۇرساق پەرق تېخىمۇ كۆپ چىكىتىدۇ .

4. بېل - نېيمار

بېل —
بىرلەشمە مەيدان سانى 27 ، كىرگۈزگەن توپى 15 ، ياردەم توپ 12
شاھلىق لوڭقىسى مەيدان سانى 3 ، كىرگۈزگەن توپى 1
ئوزغۇنلۇق مەيدان سانى 12 ، كىرگۈزگەن توپى 6 ، ياردەم توپ 4
ئومومىي 42 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 22 توپ كىرگۈزۈپ 16 ياردەم توپ بەرگەن .

نېيمار —
بىرلەشمە مەيدان سانى 36 ، كىرگۈزگەن توپى 9 ، ياردەم توپ 8
شاھلىق لوڭقىسى مەيدان سانى 3 ، كىرگۈزگەن توپى 1
ئوزغۇنلۇق مەيدان سانى 10 ، كىرگۈزگەن توپى 4 ، ياردەم توپ 3
دۇنيا لوڭقىسى مەيدان سانى 5 ، كىرگۈزگەن توپى 4
ئومومىي 54مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 18 توپ كىرگۈزگەن 11 ياردەم توپ بەرگەن .

خۇلاسىسى : بۇنىڭدا بېل روشەن ئۈستۈنلۈكتە .


5. رودىرىگىس - راكىتىچ

بۇنى سېلىشتۇرۇش بىھاجەت مىنىڭچە .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنزىماغا ئادەمنىڭ كۆڭلى چىدىمايدۇ ئەمما 9نى فاركاۋ كىيسە بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:15:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچ تەڭپۇڭلىقى جىق پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن. مادرىت سەلگىنە ئۈستۈندەك قىلىدۇ. يېڭى پەسىلدە توپچىلارنىڭ ئىپادىسىگە قارايمىز ئەمدى.
ياخشى تېما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:15:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل بىراق باللا جىدەلدىن ساقلىنىڭلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:15:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ياخشى سىلىشتۇرۇپسىز رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:26:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:28:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان  سېلىشتۇرۇش  بوپتۇ  ....كۈچ پەرقى  ئانچە چوڭ ئەمەسكەنغۇ  .. ئەمدى  بۇيىلقىسغا قارايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:32:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو مىسىي ئىككىسىنىڭ سان سىپىرلىرى نىمە دىگەن قالتىس ئۈنۈم ئۇ ھە،،،جىدەلگە پىلتە بولغىنى بىكار ئەمەس زادى ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:35:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەسىل دېربىدا تاياقنى بىز يەيمىزمۇ نىمە. مادرىتتىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:39:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تەھلىل  بوپتۇ  .         بۇ  يىل     بىرلەشمە   قاچان  باشلىندۇ  ؟
   
8-ئاينىڭ 12-غۇ دەيمە؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:46:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راكتىچ بەكلا ناچار توپچىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 01:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش