elan ornielan orni
كۆرۈش: 2907|ئىنكاس: 31

ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ ئۆزگەردى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 15:40  

        كىشلىك تۇرمۇش ۋە ھايات مۇساپىسى ئەمدىدىن باشلاپ ئوخشىمايدۇ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى قانداق قىلىپ چولپانلارنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتتى؟
     بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى، تۆت يىلدا بىر كىلىدىغان ھەم بىر ئاي ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىمۇ ئاخىرلاشتى، ئۆزىمىز يېڭىدۇ دەپ قارىغان كوماندىلار ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋەتتى ياكى قىلىۋەتكەندۇ ئەتىمالىم.نۇرغۇن توپچىلار ھاياتنىڭ ئەگىرى-توقاي يوللىرىدا تۇرىۋاتىدۇ. قاتمۇ-قات ئىشكىلىنىشتە قالغان يولدا سىز ماڭامسىز؟ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، لېكىن خاتىرجەم بولالمىغان ئەھۋالدا يەنە قايەرلەرگىچە بارارسىز؟ ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ، ئوخشىمىغان تەغدىرى ۋە تاللاشلىرى بولىدۇ.



1.لام
    دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن، گىرمانىيە كاپىتانى لام ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.مەيلى چېكىنىشنىڭ سەۋەبى قانداقلا بولسۇن، ئەمدى ئۇ 9-ئايدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمدى ئۇ پۈتۈن ئەسيادى ۋە پۈتۈن دىققىتىنى بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قويمىسا بولمايدۇ.گەرچە لام بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە يۇقۇرى سەۋىيەلىك يان بېكلىكىنى يەنىمۇ بىر قېتىم ئىسپاتلىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ كوماندىغا قايتقاندىن كېيىن، لام يەنىلا گۇۋادىئولانىڭ ئارقا مۇداپىئە ئورنىغا قويىدىغان ئەڭ ياخشى نامزاتى ۋە ئەڭ ياخشى تاللىشى.گۇۋادىئولا يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ مۇداپىئە سېپىلىدىكى ئۈچ توپچىنى سېنايدىغان ئويىنىڭ بار ۋاقتىدا، لام ئەمدى نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ يىڭى تاكتىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئەكىلىدىغان تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىسا بولمايدۇ.


2.جامىس رودىگىرىس
بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا يىڭىدىن بىر ياش پۇتبولچى مەيدانغا كەلدى، كولۇمبىيەلىك بۇ پۇتبولچى ئۆزىنىڭ چاققانلىقى ۋە ئويناش ئۇسىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى  بىلەن بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا 6 توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خانلىق مادىرىت كوماندىسى 80مىليون ياۋرۇ بىلەن موناكو كوماندىسىدىن بۇ توپچىنى يۆتكىۋالدى،(ئورگان تەرەپ سانلىق مەلۇماتى) ھەم 10-نۇمۇرلۇق كىيىمنى بەردى. ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى + غايەت زور باھاسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، جامىس رودىگىرىسنىڭ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئاساسى ئەزالىق ئورنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.لېكىن ناۋادا مادىرىت كوماندىسىنىڭ ئاساسى يادىرولۇق ئەزاسىغا ئايلىنىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇ قانداق قىلىپ گىگانىت چولپان كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ماسلىشىشنى ۋە ھەمكارلىشىنى ئۆگۈنىشى كېرەك، بۇ ئۆتكەل ئەڭ مۇھىم ئەلۋەتتە.بىراق توپچىنىڭ ياش بولۇشىنىڭ ئۆزىلا پۇل دېگەن گەپ، ئۇ تېخى ياش يەنە نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق ۋە جەۋرى جاپالارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لېكىن ئۇ قورقمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەمدىلا 23 ياشتە....


3.بالوتېلى
     كاللا توپى بىلەن ئېنگىلاندنى بوغۇزلىغان قۇتقۇزغۇچى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىتالىيەنىڭ گۇرپىدا شاللىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ‹‹قاتىل››، زور كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى ۋە ئەيىپلىشىگە دۇچار بولغان بايقۇش، بالوتېلى دۇنيا لوڭقىسىدا بىراقلا كۆتۈرلۈپ تۇيۇقسىز شىددەت بىلەن چۈشۈپ كىتىشتەك ئەھۋالنى باشتىن كەچۈردى. ئەڭ چاتاق بولغىنى، ئەمدى 24 ياشقا كىرگەن بالوتېلى، كوماندىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويدى، ئۇ ئاللا بۇرۇن ئىنزاگىنىڭ ‹‹ ياشلىقتىكى بوران چاپقۇنلار›› پىلانىنىڭ ئىچىدىن چىقىرۋېتىلگەن——— مىلان شەھرى، بالوتېلىنىڭ پىرسوناژلىق ئورنى بولسىمۇ بولىدىغان بولمىسىمۇ بولىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. بۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئارسىنال كۇلۇبىغا ( ئورگان باش بېتىدىن ئېلىندى) قېتىلىشىمۇ بىر ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ يەردە ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشاپ، يەنە بىرقېتىم ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قازىنالىشى مۇمكىن.


4.سۇيارىز
   ئادەم چىشلەش ۋەقەسى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ قىززىق نۇختا بولۇشى مۇمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇيارىز دۇنيا لوڭقىسى مۇسبىقىسىدىكى سەپىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۋالدى، بىراق مۇشۇ قېتىملىق ئادەم چىشلەش ۋەقەسى ئۇراگۋاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لىۋىرپول كۇلۇبىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى ( ئورگان تەرەپ سانلىق مەلۇماتى)، ئەكىسچە ئۇزۇندىن بۇيان سۇيارىزغا كۆز تاشلىغان بارسىلونا مۇشۇنداق ياخشى پەيتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ سۇيارىزنى قولغا كەلتۈردى( ئورگان تەرەپ سانلىق مەلۇماتى).لىۋىرپولنىڭ تىزدىن ساتقۇسى بار ۋاقىتتا، مادىرىت سۇيارىزنىڭ ئادەم چىشلەش ۋاقەسىنىڭ مادىرىتقا ئەكەس تەسىر ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ سۇيارىزنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، بارسىلونا 80 مىليون ياۋرۇ چىقىرىپ سۇيارىزنى يۆتكىۋالدى. گەرچە ئۇ باشتا مۇسابىقىدىن توختاش جازاسىنى ئىجىرا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جازا مۇددىتى ئاخىرلاشقان ھامان، سۇيارىز پۇتبول مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ قايتىدىن توپ سولاپ ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى، بارسىلوناغا ياردەم قىلىپ چىمپىيونلىققا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا چىقىردىغانلىقىنى ئېيقاندى. ئۇنداقتا ئادەم چىشلەش؟
Who care! ( ئۇ ئىش بىلەن كىمنىڭ كارى)


5.جىرراد
ئېنگىلاند كىچىك گۇرپىدىلا شاللىنىپ كەتتى، كاپىتان جىررادمۇ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، شۇنداق قىلىپ 14يىلغا سوزۇلغان ‹‹ئۈچ شىر››لىق ھاياتى ۋە 114 قېتىم مەيدانغا چىقىشى شۇنداق قىلىپ ئاخىرلاشتى. گەرچە ئۇ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزىگىللەردە ئېنگىلاندنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرىش بولسىمۇ،بىراق ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە قەيسەر، باتۇرانە روھىدىن گۇمان قىلغان ئەمەس. 34 ياشلىق جىررادقا نىسبەتەن، كىلەركى پەسلدە يۈ كۆرۈشىدىغان، ئېنگىلاند بىرلەشمىسى، ياۋرۇپا لوڭقىسى قاتارلىق كۆپ لىنىيەلىك جەڭلەردە، دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسنىڭ بېسىمى يوق، شۇڭا ئۇ ئەمدى پۈتۈن ئەسيادى ۋە دىققەت ئىتىبارىنى ھەمدە بەدەن قۇۋۋىتىنى لىۋىرپولنىڭ مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، دۆلەن كوماندىسىنى چىمپىيونلۇققا باشلىيالمىغانلىقىدەك ئەپسۇلىنارلىق نەتىجىلەرنى ئەمدى لىۋىرپولدا بىر-بىرلەپ تولۇقلاپ، پۈتۈن كۈچىنى لىۋىرپولنىڭ جېڭىغا ئاتاپ، ياخشى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى.
دېگىنىڭ كەلسۇن جىرراد، ئالغا !


ۋاقىت ياشقا باقمايدۇ، قېرىمايدىغان ئادەم يوق، (ئەتە) كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، ئەتىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىمىقىمىز زۆرۈردۇر.ھايات ئەگىرى-توقايلىققا تولغان، بىز باسىدىغان مۇساپە تېخىچە يىراقتا تۇرماقتا.مەيلى ھاياتتا مۇۋاپىقىيەت ياكى مەغلۇبىيەت بولۇشىدىن قەتتىي نەزەر، ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك. كىيىنكى مۇساپىمىزنىڭ قانداق بولىدىغىنى بىزگە مەڭگۈ قاراڭغۇ، بىراق شۇ قاراڭغۇنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرۇش يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق. (پالۋان)



لام، بالوتېلى، رودىرىگېز، سۇيارىز، جېررادلار، يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىدە، يىڭىچە قىياپەتتە مەيدانغا چىقىپ مەستانىلەرنى يەنىمۇ بىر قېتىم قايىل قىلىغۇسى...




دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چوڭ مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ، بەزىلەر مۇشۇ مۇسبىقىلەردە ئالتۇنغا تېگىشكۈدەك دەرىجىدە بولۇپ كەتسە يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىدىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئېچىنىشلىق چۈشۈپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئىپادىسى ئادەتتە ئانچە ياخشى بولمىسا ياكى نەتىجە قازىنالمىسا مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەممىنى ھاڭتاڭ قالدىرىدۇ. بەزىلەر تىزلا قايتىپ كېلىپ يەنە تىزلا كېتىپ قالىدىكەن. شۇڭا يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ توپچىلىرى ئەندىشە قىلمايدىكەن، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئالقىشىغا ۋە دىققەت قىلىشىغا ئېرىشىش ھاجەت ئەمەس، ھېچ بولمىسا بېسىم ۋە ئەندىشە ئازدېگەن گەپ، تۇرمۇش دېگەنزە، ئاددى-ساددا بولسا ھەقىقىي تۇرمۇش بولىدىكەن.  



     كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئەتتىگەندىن بېرى يازغاچقا خاتالىقتىن خالىي ئەمەسمەن، سىلىق يوسۇندا خاتالىقى بارجايلارنى كۆرسۈتۈپ بەرسەڭلار تەھرىرلەپ ئوڭشىۋەتسەم بولىدۇ، بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ.... كۆپچىلىككە رەھمەت!


http://tv.sohu.com/20140621/n401139549.shtml

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +470 تۆھپە +32 شۆھرەت +15 تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 50 قالتىس!
سەنسىز + 50
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
Qashqari + 10 قالتىس!
چىلىسى + 50 + 2
توپ تەپكۈچى + 10 + 10 ئېسىل يازما
بوغدا + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50
بارچۇق + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
ئاتەش + 50 + 10 + 5 + 5

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-24 16:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى   ياخشى  تېما بۇپتۇ   ...     ما بالاتولىنىڭ نىماندا قىزىق  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:41:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تېرنىرلار ئۈستىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ بىقىڭ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:42:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جامىس رودرىگىسنىڭ مادرىدتا  چاقناپ  كىتشىنى ئۇمۇت قىلمەن  تونى كىروسمۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:47:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خېلى ئورۇنلۇق گەپ قىلىدىكەنسىز.ئەمما تەقدىرنى ئۆزگەرتتى دىسىڭىز بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ تەقدىرىنىڭ داۋامى خالاس.مەن مادرىدقا ئەكەلگەن ئىككى توپچىنىڭ ماسلىشىپ كېتىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.بولۇپمۇ رودىرگىس ياش تۇرۇپلا 10نومۇرنى كەيدى،ئىككىنجى كاكا بولۇپ قالمىسا بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:52:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-24 15:54:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 15:41
بەزى تېرنىرلار ئۈستىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ بىقىڭ...

    بولىدۇ، مەن ئىزدىنىپ باقاي...... قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ  يەردە  بالاتولى  نىمىش  قىپ  يۈرۈيدۇ    ئەڭ  ياخشىسى  كەلمىسۇن  جۇمۇ  ئارسىنالغا ، پات پات  كاللىسى  قىسقا  تۇتۇشۇپ  قالىدۇ  بۇ  بالىنىڭ،  ئۆزىغۇ ئوبدان بالا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:56:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ھەم ئورۇنلۇق تەھلىل بوپتۇ.
ئسپان بىرلەشمىسنىڭ يىڭى پەسىللك مۇسابىقىلىرنىڭ ۋاقتى قاچانلىققا چىقدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق نادىر تېما بۇپتۇ رەھمەت ساڭا ئاكا  كۆپ بىلىمگە ئېگە قىلدىڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 15:57:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالوتېلىنىڭ ئاۋۇ كۆرنىشى ئاجايىپقۇ ، ئۇ قايسى مۇسابىقىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 16:04:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ جېررادنى ئەخمەق قىلىۋەتكەن بالىغا ئۇ ئامالنى تېررى ئۆگىتىپ قويدىمۇ نېمە ؟ مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلىۋىتىپتۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 14:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش