ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2457 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سۇمرۇغ خەۋىرى
گەرچە مىسىى ئالدىنقى يىلى بارسېلونا بىلەن 2018-يىلى 6 -ئايغىچە توختام تۈزۈشكەن بولسىمۇ ، بۇ ئۇنىڭ بارسېلونادا مەڭگۈ قېلىپ قېلىشىنى ئىسپاتلىمايدۇ . ئىسپانىيە ‹‹ مەخپىيەتلىك تورى ›› نىڭ داڭلىق مۇخبىرى جوسى . فىلىكىسنىڭ ئاشكارلىنىشىچە ، بارسېلونانىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى كۇلۇب چۇقۇم مىسسىنى سېتىشنى كېرەك دەپ تۇرىۋالغان .
ئېنلىكنىڭ بارسېلوناغا كېلىشى بەلكىم كوماندىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولۇشى مۇمكىن . بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق پېرسۇناژى بەلكىم مىسسى . 5 - ئايدا مىسسى كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتقاندا كۇلۇبدىكى بىر قىسم ئەمەلدارلار مىسسىنىڭ ئالدىنقى پەسىل تازا ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىغان دەپ جار سالغان ھەم بۇ خەۋەرمۇ بىر مەزگىل چىقىپ كېيىن توختاپ قالغان . يېقىندا بۇ ئەمەلدارلار يەنە مىسسىنى قانچە بالدۇر ساتساق شۇنچە ياخشى دىگەن .
بىر قىسىم ئەمەلدارلار مىسسى بارسېلونادا ئۆتكەن كۈنلىرى ياخشى ئەمەس ، ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىپادىسى يوق قارىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلەلمىگىدەك ، ھازىر مىسسىنى سېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ، قانداقلا بولمىسۇن مىسسىنى قولدىن چىقىرىش كېرەك ، ساتقاندىمۇ رېكورت بۇزغىدەك باھادا سېتىش ، مۇشۇنداق بولغاندا بارسېلونا كۆپ قىسىم چىقىمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ دەپ پىكىر بەرگەن . بارسېلونانىڭ رەئىسى بارتومىيئۇ كۈندە دىگۈدەك مۇشۇنداق پىكىرلەرگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن . لېكىن ئۇ بۇ خەۋەرنىڭ نۇكانپۇدىن چىقىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن .
مېسسىمۇ دۆلەت كوماندىسغا قايتىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە :‹‹ مېنى بارسېلونادا قالدۇرالايدىغانلار مەستانىلەر ، ئەگەر مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدە مەن كېتىشكە لايىق بولسام مەنمۇ ھېچقانداق سەۋەب ئىزلىمەي بۇ تەلەپنى قۇبۇل قىلىمەن ›› دەپ سۆز قالدۇرغان .
بارسېلونانىڭ بىرقىسم ئەمەلدارلىرى قارشىچە ، مىسسىنىڭ مەيداندا تۈزۈك يۈگۈرمەسلىك ئاشكارلانغان مەخپىيەتلىك ، گاھىدا ئاجىز كوماندىلارغا ئۇچرىغاندا يۈگۈرمىسىغۇ مەيلى ، ئۇ ھەرقانداق ئاجىز ياكى كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشسە ئوخشاشلا يۈگۈرمەيدۇ دىيىشكەن . 2012 - 2013 - يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بارسېلونا 0-2 مىلانغا ئۇتتۇرۋەتكەندە مىسسى ئاران 7339 مېتىر يۈگۈرگەن . ئوخشاش پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا 0- 4 بايرىن مىيۇنخىنغا ئۇتتۇرۋەتكەندىمۇ مىسسى 7400 مېتىر يۈگۈرگەن . ھالبۇكى شۇ مۇسابىقىدە روبىن 10997مېتىر ، رىبىرى 10487مېتىر، مۇللېر 13000 مېتىر يۈگۈرۈپ مېسسىنىڭ يۈگۈرۈش ئارىلىقنى ھەسسلىگەن .
مىسسىنى بۇرۇندىنلا ‹‹ قۇلىقى يومشاق بالا ›، بالا دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ، بۇ ئۇنىڭ ئىچ مىجەزى بىلەن باغلىنىشلىق . گۇئادىيالا بار ۋاقتىدا مىسسى بۇنداق ئەمەس ئىدى ، لېكىن ئۇ كېتىپلا ھېچكىم ئۇنى باشقۇرمىغان .
لېكىن باشقا كۇلۇبلارمۇ مىسسىغا بولغان قىزىقىشىنى توختاتمىغان . مانچېسىتىر بىرلەشمىسى بىلەن پارىژ سانىت . گېرمان كۇلۇبىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان مىسسىنىڭ خەۋەرلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرگەن . مىسسى بارسېلونا بىلەن توختام ئۇزارتقاندىن كېيىن ، مىسسىنىڭ يىللىق مۇئاشى باجدىن كېيىن 22مىليون 550مىڭ ياۋرۇ بولغان . مانچېسىتىر بىرلەشمىسى بولسا مىسسىغا باجدىن كېيىن 25 مىليون بېرەلەيدىغىنىنى بىلدۈرگەن .
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىنىشىچە ، مىسسى كۇلۇبنىڭ ھازىرقى قائىدىلىرىگە ئانچە قىزىقماسمىش . بارسېلونا سۇئارېزنى يۆتكەپ كەلگەنگە مىسسى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ، سەۋەبى مىسسىنىڭ خىيالىدا كۇلۇب ئەسلى ئاگۇيرونى يۆتكەش كېرەك ئىكەن . مىسسى ئالدىنقى يىلى نېيمارنى يۆتكىگەندىمۇ مىسسى شۇنداق پوزىتسىيەدە بولغان . بەزى بىر شەخسىي پائالىيەتلەردە مىسسى كۇلۇبنىڭ قائىدىلىرىدە مەسىلە بار دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىكەن . يۇقىرى قىسىمدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇنى بىلىپ بولغاچقا شۇڭا دەرھال مىسسىنى سېتىۋىتىشنى ئويلاشقان ئىكەن . لېكىن كۇلۇب رەئىس بارتومىيئۇ بۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچىنى سېتىۋىتىپ مەڭگۈ پۇشايماندا قېلىشنى خالىمايدىكەن .
ئېنلىك بارسېلونانى قولغا ئالغاندا سۆزلىگەن بىر قىسىم بايانلىرى مىسسىنىڭ ئاچچىقنى كەلتۈرۈپ قويغان بولۇپ ، ئېنلىك ‹‹ مانا مەن داھىي ›› دىگەن گەپ ئارقىلىق مىسسى قاتارلىق توپچىلارغا ئۆزىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئاتامان ئىكەنلىكنى بىلدۈرمەكچى ئىكەن . |
|