ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2628 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تورىس ئاتلىتكا ئۆزى تەربىيلەپ چىققان ئۇلارنى پەخىرلەندۈرگەن مۇنەۋۋەر ماھىر ،ئۆز ۋاقتىدا ئوخشاش بىر شەھەردىكى ئاساسلىق رەقىبى خانلىق مادىرىتنىڭ راھۇلىغا سىلىشتۇرالايدىغان، راھۇلدىن كىيىن يىتىشىپ چىققان ئىسپاننىڭ ئالتۇن ئۆسمۈرى ، كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياش كاپىتان .
ئاتلىتكىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى پەۋقۇلادە ئىپادىسى ئالاھىدە بولدى خەققە ياد بوپ كەتكەن ئاز كەم ئون يىل بولۇپ قالاي دىگەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹قائىدىسى ››نىمۇ ئۆزگەرتتى . چاتاق يىرى يىل ئۆرۈلمەيلا نەچچە يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ماسلىشىپ مۇكەممەل بىر گەۋدە بولۇشقا قاراپ ماڭغان ئاساسلىق تايانچىلىرىنىڭ بىر بىرلەپ ئايرىلدى . بۇ ھەم ئاتلىتكا مەستانلىرىنى ئەڭ ئەنسىرەتكەن ئىش ، ھەم ئىسپاندىكى ‹‹ئۈچۈنچى قۇتۇپ ›› بولۇپ كۆتۈرۈلمەكچى بولغان بۇ كىچىك مادىرىتنىڭ پىلانىغا زور توسالغۇ . بۇنداق ۋاقىتتا ئەينى ۋاقىتتىكى كاپىتاننى ئەكىلۋىلىش مەيلى كوماندىنى روھى ياكى نەتىجە جەھەتتىن بولسۇن ئاتلىتكا ھەم ئاتلىتكا مەستانلىرىنى خېلىلا خاتىرجەم قىلالايدۇ ...
مادىرىتنى ياقتۇغاندىن باشلاپ ئىككىسىنىڭ ئاق كىيىمنى كىيىپ ئوتتۇرا ھۇجۇم ئويناپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كەپتىمەن ، بىرى تورىس ئىدى ...نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ئەمدى بۇ ئارزۇ ئاللىقاچان مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار قاتارىغا قىتىلىپ كەتتى .... |
|