akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1307|ئىنكاس: 36

گۇاڭجۇ خېڭدا پۇتبول كۇلۇبى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .

cccccccc.jpg

پۇتبول-دۇنيادىكى ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئىرىشكەن تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ئادەملەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، بەدەن قۇۋىتى، جاسارىتى، ئىرادىسى سىنىلىدۇ. مەيلى بىۋاستە مۇسابىقىگە قاتنىشىش بولسۇن ۋە ياكى باشقىلارنىڭكىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش بولسۇن كىشىلەرگە تەسرىرلىگۈسىز خۇشاللىق، ئىچىنىشلىق ئازاپ ئۇقبەتلەنى تەقدىم قىلىدۇ. ئەشۇ قاتتىق ھاياجانلىنىشلار، ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ تۆككەن ياشلار، تىركىشىشلەر بىزگە ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىمىلەرنى بەخىش ئىتىدۇ. بىز يەنىلا ئەشۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئىنتىلىمىز، ئۇنىڭ ئىچىدە ياشايمىز، يارىتىمىز. ھەتتا چۈشلىرىمىزدىمۇ بۇ گۈزەل پەرى بىزنى ئۈزىگە ئەسىر قىلىدۇ. قوغلايمەن، قوغلايمەن. ھېرىپ قالمايمەن!

مەقسەتكە قايتىپ كەلسەك، دۇنيادىكى نۇپۇسى 1- ئۇرۇندا تۇرىۋاتقان بۇ دۆلەت گەرچە ئۇمۇمى پۇتبول سەۋىيەسى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئارقىسىدا بولسىمۇ، ئەشۇ ئوت يۈرەك پۇتبۇل خۇمارلار، قوللىغۇچىلار، تاماشىبىنلارنىڭ قەدىمى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە پۇتبول دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تىركىشىشنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بۇلۇپ ئۇمۇملاشتى. ئۇ شۇ دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ، قەۋىمنىڭ ئىرادىسىنى، جاسارىتىنى ئىپادىلەپ بەردى. ھەتتا سودا، قانۇن، ئىلان تەشۋىقات قاتارلىق نۇرغۇن ساھالەر بىلەن بىرىكىپ ئۆزگىچە خارەكتىردە ئىپادىلەندى.

مەيلى قايسى مەقسەتتە بولسۇن دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى توغرىسىدىكى يۈرەك ئارزۇلىرىنى، ئۈمۈدلىرىنى، پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈتۈشتى. 1978-يىلى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن بازار ئىگىلىكى تۈزىلمىسى شارائىتىدا ئالدىن بېيىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرى يولغا قۇيۇلدى. قىسقىغىنا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بۇ نامرات دۆلەت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىقتىساد گۈللەنگەن باي قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى. كارخانا گورۇھلار پۇتبولچىلىق ساھاسىگە قەدەم قويدى. زور مەبلەغ ئاساسىغا ئىگە كوماندىلار ئاستا-ئاستا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. مەيلى سىرتتىن توپچى كىرگۈزۈپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكا ئىگەللەش بولسۇن ۋە ياكى دۆلەت ئىچىدىكى مايسىلارنى دەل ۋاقتىدا تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈشتە بولسۇن ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئىرىشتى .
ddddddddddddd.jpg


1954- يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان گۇاڭجۇ پۇتبول كۇلۇبى، 1993-يىلى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ھۆكىمەت ۋە كارخانا مۈلۈكچىلىكىدىكى پۇتبول كۇلۇبىغا ئايلاندى. 2008-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە چىققاندىن كىيىن، بۇلۇپمۇ 2010-يىلىدىن كىيىن خېڭدا گوروھىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىشى ئارقىسىدا كونكادەك ئىپادىسى قالتىس بولغان ماھىرلانى، لىپىدەك قابىل مەشقاۋۇللارنى كوماندىغا قۇشىۋېلىپ، شىددەت بىلەن كۈچىيىپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى بېيجىڭ گۇئەن قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارغا خىرىس ئەپ كەلدى. 2011-يىلى، 2012 -يىلى، 2013-يىلى ئۇدا 3 يىل دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشتى. 1 قېتىم دەرىجىدى تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسىغا، 2 قېتىم پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا، 1 قېتىم ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشتى. كۆرۈپ تۇرىۋېتىپتىمىز،يېقىندىن بىرى خېڭدا كۇلۇبىنىڭ دۇنيا كۇلۇپلار رەت تەرتىپىدىكى ئورنى ئۈزلىكسىز ئۆرلىدى. ھەتتا ياۋرۇپادىكى بەزى زەردار كوماندىلارنىڭمۇ ئالدىغا تىزىلدى.

2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسپانىيە خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بىرلىشىپ گۇاڭجۇدا پۇتبول مەكتىۋى يۇپۇقىنى ئاچتى.
ۋاڭيى تورىنىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 1-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭشىدا دۆلەت 15 ياشلىقلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يۇپۇقى يېپىلغان. 2013-يىلى 7-ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ب دەرىجىلىكەر بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇن بولغان ئەزالارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن گۇاڭجۇ پۇتبول مەكتىۋى كوماندىسى تۇنجى قېتىم 4 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن. بۇ پۈتكۈل دۇنياغا گۇاڭجۇ خانلىق مادرىد پۇتبول مەكتىۋى كوماندىسىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

دۇلەت 15 ياشلىقلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە جەمى 41 كوماندا قاتناشقان. دۇلەت ئىچىدىكى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بۇلىۋاتقان خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى، لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى كوماندىسى قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار قاتناشقان. بىزنىڭ شىنجاڭلىق ئەزىمەتلىرىمىز ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 16:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىڭ كۆپ ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ ساقام !!!~ داۋاملىق تىرىش ... ئەدەبىي ھېس تۇيغۇلىرىڭ ما تېمىدا بەك ئويغۇنۇپ كەتتىمۇ -قانداق ؟~؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 18:35:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپنى كۆپرەك ئوقۇساڭ پايدا بەك كۆپ، بىلىمىڭ نەزەر دائىرەڭ كېڭىيىدۇ، لوگىكىلىق تەپەككۇرۇڭ يىتىلىدۇ،بۇنىڭدا ئىلمى مۇنازىرىنى قىزىتالايسەن، ئەدەبى تىل سۆزلۈك بايلىقىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان ئادەملەرنىڭ ئىملاسى ۋە
جۈملە قوراشتۇرىشى بەك يېقىشلىق كېلىدۇ…ئەگەر كىتاب ئوقۇش دەسلەپتە تەس كەلسە توردىن ياخشى ئېلكىتابلارنى تېپىپ ئوقۇساڭمۇ بولىدۇ،
تىرىشىقىن، تىرىشساڭ باشتا كۆتۈرىمىز، ھۇرۇنلىشىۋالساڭ ۋارتارغا سولاپ ئۇرىمىز…ھى ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:35:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ   شىنجاڭغا   بىر   ياشلار    تەربىيلەش    بازىسى   قۇرسا    بولاتتى   بۇلار
ئاندىن   بۇلارنىڭ   بايقاۋۇل   مەشقاۋۇللىرىنىڭ   كۆزى    ئېچىلىپ    ھە      ئەسلىدە    ھەقىقى   تالانت   ئىگىسى   مۇنداق   بولدىكەندە    دىپ    قالاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 14:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېدانىڭ مۇشۇ كۈنگە كېلشگە زور سەۋەبچى ،،خېڭدا كۇلۇبنىڭ لىدىرى ،،جوڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ باشلىقى شۈجايىن ،،،،،بۇنىڭدا پۇلمۇ بار ،ھوقۇقمۇ بار ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 14:09:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 13:44
قىسقىغىنە ۋاقىتتا  سەۋيە شۇنداق ئېشىپ  كەتكەن گەپما   گ ...

ئىنتېرنىڭ    ئالدىغا   تىزىلىشى   بەكمۇ   ھەيران    قالارلىق  ئەمەس      ھازىر   خېڭدانىڭ   كۇچى   بەزى   ياۋرۇپادىكى  ئوتتۇرھال   كوماندىلاردىن   ئېشىپ   كېتىپتۇ    يېقىندا   گېرمانىيە   بىرلەشمىسىدە  خېلى   كۈچلۈك  سانىلدىغان   بۆرە   قەلئەسى   كوماندىسنى   6-2قىلىپ   ئۇتتى
لېكىن   مېنىڭ   ھەيران   بۇلدىغىنىم    خېڭدانىڭ    رەت   تەتىپىنىڭ    مانچېستىر    شەھېرىنىڭ    ئالدىغا   تىزىلىپ   قېلىشى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 14:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 13:44
قىسقىغىنە ۋاقىتتا  سەۋيە شۇنداق ئېشىپ  كەتكەن گەپما   گ ...

سەۋيە دىمەيمىز،سەۋىيە دەيمىز. ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 14:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 14:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 14:35
بىزنىڭ زاغرا تىلىمىز  ،ئۆزگەرتىشكە  بولمايدۇ

ئۇنداقتا ‹‹دۈلەت››مۇ بىزنىڭ زاغرا تىلىمىز،ئۇنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 15:06:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 14:09
ئىنتېرنىڭ    ئالدىغا   تىزىلىشى   بەكمۇ   ھەيران    قالار ...

ھامبۇرگ بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە ئېنىقلا ساختا توپ…

رەت تەرتىپكە تىزىشتا ئەمىلى كۈچىنى ھېسابقا ئالماي قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىغا قارايدىغان چىراي…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 15:15:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 15:06
ھامبۇرگ بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە ئېنىقلا ساختا توپ…

ر ...

بەلكىم    ……
دېگىنىڭىزنىڭمۇ    ئاساسى با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 15:45:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ ئۆزىدىلا خاتالىق بار!
تۇغۇرسىدا  ئەمەس---توغرىسىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-22 15:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tanhategin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 15:45
تېمىنىڭ ئۆزىدىلا خاتالىق بار!
تۇغۇرسىدا  ئەمەس---توغرىس ...

سىزچە ئاشۇ ئىككىسنىڭ قايسى تۇغرىدۇ ، ئېيتىلىشى بىلەن يېزىلىشى ئۇخشامدۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 22:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش