akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1534|ئىنكاس: 49

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسى يەنە غەلبىگە ئېرىشتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
8a079d6e86455e136e8c_size152_w829_h719.jpg
سۇمرۇغ بېيجىڭ ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى
    2014 -يىللىق ‹‹ شاھلىق فارفۇر لوڭقىسى ›› مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مەكتەپلەر  ئارا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسسىمىسى مەملىكەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىدا داغدۇغۇلۇق باشلانغان . باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك چىمپىيۇنى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى رەقىبىنى 8- 0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ياخشى باشلىنىشنى باشلىۋالغان .
   بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، بىرسى 2001 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى ، بىر كوماندىدا 8 ئادەم  ، پۈتۈن مەيدان ۋاقتى 60مىنۇت .  تۈنۈگۈن باشلانغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسى بىلەن كۇنمىڭ شەھەرلىك غەربىي تاغ رايۇنلۇق شۇلىن 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان . مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر بىر - بىرى بىلەن شۇنداق ياخشى ماسلىشىپ ئالدىنقى مەيداندىلا رەقىبىنى  ھالسىرتىپ قويغان .
   مۇسابىقە باشلنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسى بىرتوپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن . كەينىدىن ئارقا ئارقىدىن توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيداننى 4 - 0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان . كېيىنكى مەيدان باشلىنىپلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 5 - 0 قىلغان . شۇلىن 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئالدىنقى مەيداندا مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ توختىماي كوماندا ئەزالىرىغا ۋارقىراپ مەيداننى تەشكىللىگەن . لېكىن ئاخىرغا كەلگەندە زاپاس ئەزالار ئورۇندىقىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالغان .
   كەينىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسى ئاساسلىق ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرۋەتكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزۈش توختاپ قالمىغان . ئارىلىقتا شۇلىن 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مەيداندىكى ئەزالىرىغا :‹‹ ھەرگىز بوشاپ قالماڭلار ، غەيرەت قىلڭلار ›› دەپ مەدەت بەرگەن . ئاخىرقى مۇسابىقە ۋاقتىدا شۇلىن 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى  يەنە ئۈچ توپ كەتكۈزۈپ 0-8 نەتىجە بىلەن  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى .
   ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى مەملىكىتىمىزدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر كوماندىلىرى ئىچىدە ئەڭ نامى بار كوماندا بولۇپ ،2012 - يىلى باشلانغان  مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مەكتەپلەر ئارا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئىككى نۆۋەتلىك چىمپىيۇنلۇق قولغا كەلتۈرگەن . ھالبۇكى بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىلا ئەمەس بولۇپ ، 2013 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە كىشنى ھەيران قالدۇردىغان نەتىجىلىرى بىلەن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان .
   2013 - يىلى 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋېي فاڭ ‹‹ ئۈمىد لوڭقىسى ›› مۇسابىقسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى قالتىس نەتىجىلىرى بىلەن  u13 گۇرۇپپىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇلار 7 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسدە ئۇتۇپ ، جەمئىي 43 توپ ئۇرۇپ 3 توپ كەتكۈزگەن . بۇنىڭدىن باشقا كورىيە بىلەن ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ ئۇرۇپ 1 توپ كەتكۈزگەن .كېيىن ياپونىيە كوماندىسىنىمۇ 2 - 1 نەتىجە بىلەن ئۇتقان ، لېكىن ياپونىيە كوماندىسى بۇ نەتىجىگە قايىل بولماي يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولسىمۇ لېكىن 0-2 نەتىجە بىلەن يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن .

0914581.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +105 يىغىش سەۋەبى
بارچۇق + 100 داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
football-fan + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 18:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەتلىرىمىزگە قايىلمىز،ئەقىقى ياش سالاھىيتى بىلەن ئويناپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:13:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر شاكىچىكلەر، سىلەربىزنڭ پەخرىمىز ، داۋاملىق قىرغىن قىلىڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:16:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بالىلاردىن خېلى چوڭ ئۈمىد كۈتىمەن. تېخىمۇ تىرشىڭلار 。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا خوش خەۋەر ئالدىنقى يىرىم مەيداندا 4 توپ، كىيىنكى يىرىم مەيدانغا 4 توپ............يارايسىلە ئەزمەتلەر سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز...ئاللاھ داۋاملىق نۇسرەت ئاتا قىلسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ئەزمەتلەر ، بۇلار چۇقۇم بىزنىڭ پۇتبول تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇدەك ئادەملەردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ،داۋاملىق ئالغا ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:34:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ ئۇرمىغاندىن پەقەت ۋارتارلا قالغان چىغۋا ،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر  ، گىرماننىڭ  رىكوتىنى  بۇزۇپ  تاشلاپسىلەر .  ۋەت .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:41:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ۋارتارغا كىلدىغان توپ يوق زىركىپ ئۇخلاپ قالدىمكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 13:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرشۈڭلارنى ئۈمۈد قىلمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-22 14:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتۋەركىنى چىقىرۋىتڭلار توپ دېگەننى ئايماي ئۇرۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش