attachimg]42333[/attachimg]
تۈركىيە تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبى - تۈركىيەدىكى داڭلىق كولۇپلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىسمغا جايلاشقان، 1967 - يىلى نەچچە ئائىلە كىشلىرى بىرلىكىتە قۇرۇغان، ئۇنىڭ ‹‹ كۈك كاشتانلىق ئارمىيە›› دەپ نامىمۇ بار. كولۇب بولسا ئىككى خىل رەڭنى ئاساس قىلدىغان بولۇپ، بىرى كۈك رەڭ، يەنە بىرى قىزغۇچ رەڭ ئاساس قىلىنىدۇ.
كولۇپ قۇرلۇپ 1967 - يىلى تۈركىيە ب بىرلەشمىسدە ئوينىغان، 1974 - يىلى ئا دەرىجىگە ئۆرلەپ چىققان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل ئىپادىسى ياخشى بولۇپ كەلگەن بولۇپ ھازىر تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە ئويناۋاتىدۇ. 1976 - يىلى تۇنجى قېتىم تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيۇنى بولغان، 6 قېتىم تۈركىيە بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى بولغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى باي تەسىرى دائىرىسى كەڭ كولۇپ ھېسابلىنىپ كەلمەكتە.
تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبى مەيدانى بولسا ھۈسەيىن ئافنى ئاكىر ستەدى (Hüseyin A Funi · Aker Stadı) پۇتبول مەيدانى بولۇپ، 1951 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتا 20 مىڭ 500 ئادەم سىغاتتى. 1967 - يىلى 1981 - يىلى، 1994 - 1998 -يىلى، 2008 - 2010 - يىلغىچە 5 قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. ھازىر 19649 ئادەم پاتىدىغان بولۇپ، سەل كىچىكلەپ كەتكەن. مەيدانىڭ ئۇزۇنلىقى 105 مېتىر كەڭلىكى 68 مېتىر كىلىدۇ. مەيدانىڭ ئىسمى تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە مەيدانى بەرپا قىلىغۇچى تۆھپىسى كۆپ بولغان مەشقاۋۇل ھۈسەيىن ئافنى ئاكىر ستەدى (Hüseyin A Funi · Aker Stadı) نامى بىلەن قۇيۇلغان.
1926 - يىلى تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبى قۇرۇلغاندا تىرابىزىيۇن شەھىرىدىكى تۆت داڭلىق كولۇپلار(İdmanocağı,İdmangücü,Necmiati,Trabzon Lisesi ) قاتارىدىن بولۇپ قالغان ،تۆت كولۇپ ئۆز ئارا رىقابەتچى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككىسنىڭ ئەمەلىي كۈچى ياخشى ئىدى. بۇ تۆت كولۇپ ئاساسەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يەنى ئىستانبول بىلەن ئەنقەرەدىكى توپچىلارنى ئاساس قىلاتى. كېيىكنى مەزگىللەردە تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى فەنەر باغچە پۇتبول كولۇبى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئوسلۇ يارىچ 1973 - يىلى تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبىغا مەشقاۋۇل بولغان بولۇپ، ئۇ تىرابىزىيۇن تەنتەربىيەسىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ مەشقاۋۇل بولغان بىرىنچى پەسلىدىلا تىرابىزىيۇننى تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئېلىپ چىققان، ھەم شۇ پەسلىدە بىرلەشمىدە 9 - بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتۇرگەن.
ئىككىنچى پەسلىدە بىر ئۈچۈپلا تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى بولغان. ئۇلار بۇنىڭدىن سىرىت ئىستانبولدا تۈرلۈك مۇسابىقلەرنىڭ چىمپىيۇنى بولغان، 1976 - 1977 - يىلىغىچە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە تۈركىيە لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى بولۇپ قۇش چىمپىيۇن بولغان، 70 - يىلدىن باشلاپ 80 -يىللارنىڭ باشلىرىغىچە 6 قېتىم چىمپىيۇن بولغان. ئۇلار يەنە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ئىنگىلاندنىڭ زەردارلىرىدىن لىۋىرپولنى مەغلۇپ قىلىپ مەشقاۋۇل ئوسلۇ يارىچنىڭ نامى چىقىپ كەتكەن.
1988 - يىلىغىچە ئوسلۇ يارىچ ئىزچىل مەشقاۋۇل بولۇپ كەلگەن. ھەم تىرابىزىيۇنى تۈركىيەدىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك كولۇپ قاتارىغا كىرىگەن كولۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، 90 - يىلىدىن كېيىن تا ھازىرىغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبولدىكى ئۈچ كۈچلۈك كولۈب ( گالاتا ساراي، فەنەر باغچە، بەشكىتاش) دىن قالسا كۈچلۈك سانىلدىغان كولۇپ بولۇپ كەلمەكتە.
ھازىرىقى مەشقاۋۇلى: بىتتېر سېۋىت
تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبىنىڭ پىشقەدەم كولۇپ رەھبەرلىرى
تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبى ئورگان تورى :
http://www.trabzonspor.org.tr/
تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبىنىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇمچىسى ( ھازىر گالاتا سارايدا ) بوراك يىلمازنىڭ كۈرۈنۈشلىرى
تىرابىزىيۇن تەنتەربىيە كولۇبىنىڭ بۇنىڭىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈپ لوڭقا ۋە شەرەپلەرگە ئىرىشىكە تىلەكداشمىز....!!!