ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 261 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bora818 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-19 20:08
مارادونا ئۆز دەۋرىدىكى پۇتبولدىكى رىۋايەتلىك شەخىس، كىچىك ۋاقتلىرىمىزدا پۇتبول توغرىسىدا گەپ چىقسىلا مارادونانىڭ ئىسمى ئاتالماي قالمايتى، ھەقىقەتەن بىر ئەۋلات پۇتبول شاھى دىيىشكە لايىق ئىدى. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ پۇتبول شاھى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلارغا ۋارقىرىيالىشى، مەيدانغا تاماشىبىنلارغا قاراپ كالتە ئىشتىنىنى سالالايدىغان، رېپىرنىڭ گېلىنى سىقالايدىغان، سېرىق، قىزىل كارتىلارنى قورقماي ئىستىمال قىلىدىغان، ئاق-كۆك دېگەندەك زەھەرنى چىكىدىغان، بىرقانچە ئادەمنى ئېتىۋېتەلەيدىغان بولىشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، تېما ئېگىسىگە شەخشى پىكرىم پۇتبول شاھىنىڭ ئۆلچىمىنى مارادونانىڭ مېجەز-خاراكتىرى ئارقىلىق بېكىتىش بىر تەرەپلىملىك بولىدۇ. مېنىڭچە پۇتبول شاھى خۇددى ھازىرقى مىسسى، كىرىستىيانو رونالدودەك پۇتبول ئويناش ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلالىسا (ھەرگىز ھەممە ئادەمنى ئەمەس، چۈنكى ھەممىنى قايىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس)، مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالالىسا، توپ تېپىپ رەقىبلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلالىسا، ئۆز كوماندىسىدا باشقىلار ئورنىنى باسالمىغىدەك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولسا، پۇتبول مەستالىرىنىڭ ئېغىزىدا نامى ئاتىلىپ تۇرسا بولىدى . مىسسىنىڭ مەستانىلىرى قەلبىدە پۇتبول شاھى دېگەن ئورۇننى ئېلىشى ھەرگىزمۇ مارادونانىڭ بېشىدىكى شاھلىق تاجىنى تارتىۋېلىپ مىسسىغا كەيدۈرۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مارادونا ئۆز دەۋرىدە شاھ بولسا، مىسسى، كىرىستىيانو رونالدولار ھازىرقى دەۋىردە شاھ دەپ ئويلىسىڭىزلا بولغىنى. ھازىر مىسسى بىلەن مارادونانى بىر ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا مىسسىنىڭ ھازىرقى دەۋىر پۇتبولىدىكى ئورنىنى ئىختىيارسىز ئىتراپ قىلىش بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا نىمانچە كۆپ ئۇ مىسسى، كىرىستىيانو توغرىسىكى گەپلەر. ئامېرىكا دېسە ئوباما دەيمىز، چۈنكى ئۇ ئامېرىكىنىڭ شاھى، پۇتبول دېسە مىسسى، كىرىستىيانو دەيمىز، بۇ شۇنداق گەپلەر. بىر ئوتتۇرا ياشلىق كىشى داۋاملىق يېڭى خىزمەتكە چىققان ياشلارغا ‹بىز ياش ۋاقىتلىرىمىزىدا سىلەر بىر نەچچىڭلارنىڭ ئىشىنى يالغۇز قىلاتتۇق، ھازىرقى بالىلارغا ئىشنى سەل ئېغىر تەقسىم قىپ قويسىلا قاقشايدۇ› دەيدىكەن، ‹ئۇ دېگەن شۇ دەۋىر، ئۇنداقتا سىزگە ھازىرمۇ شۇدەۋىردىكى مائاش بەرسە ماقۇل دەمسىز؟› دېسەم قاراپ تۇرىدۇ. |
|