تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2054|ئىنكاس: 60

رونالدونىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-18 00:12  

             56732_76772_758361.jpg

     7-ئاينىڭ 17-كۈنى سىنا تورى خەۋىرى : دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن بىرازىلىيە Pluri شىركىتى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان داڭلىق دەپ قارالغان 50 توپچىنىڭ باھاسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ يېڭى باھاسىنى ئېلان قىلغان .« ئا س گېزىتى » ئىككى قېتىملىق باھانى سېلىشتۇرۇپ كۈرۈش نەتىجىسدە ، كولومبىيەلىك چولپان رودىرىگىسنىڭ باھاسى %44 ئېشىپ دۇنيادىكى توپچىلارنىڭ ئىچىدە باھاسى بىراقلا يۇقۇرى ئۆرلەپ كەتكەن توپچى بولۇپ قالغان .پورتۇگالىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ باھاسى ھازىرمۇ مېسسىنىڭ كەينىدە بولۇپ ،بۇ قېتىم %7 چۈشۈپ كەتكەن .

    دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن رودىرىگىس 24-ئۇرۇندا بولۇپ ،بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزۈپ « ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى » نى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ باھاسى 53 مىليون 600 مىڭ ياۋروغا ئۆرلەپ ئالتىنچى ئۇرۇنغا چىققان .( %44 ئاشقان ) رودىرىگىستىن كېيىنكىسى بولسا گېرمانىيەلىك توپچى شۈللېر ئىكەن .فىرانسىيە ئۈمىد يۇلتۇزى پوگبانىڭ باھاسىمۇ ئۆرلىگەن .( %27 ) بۇ قېتىمقى باھا رەت-تەرتىپتىكى ئالدىنقى بەش توپچىدا ئۆزگىرىش بولمىغان .مېسسى ،رونالدو ، نېيمار قاتارلىقلار يەنىلا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن  ( مېسسىنىڭ باھاسى 103 مىليون 520 مىڭ ،رونالدونىڭ 98 مىليون 100 مىڭ ،نېيمارنىڭ 72 مىليون 100 مىڭ ) ئەمما رونالدونىڭ باھاسىنى ئالدىنقى قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا 7 مىليون 200 مىڭ ياۋرو چۈشۈپ كەتكەن .رونالدو دۇنيا لوڭقىسدا پەقەت بىر توپلا ئۇرۇپ ، ئاخىردا پورتۇگالىيە شاللىنىپ كەتكەن .ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان .

    باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن توپچى بولسا ئىتالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى بالوتتېلى ، %14 چۈشۈپ كەتكەن .ئۇنىڭدىن باشقا بىرازىلىيەلىك توپچى خۇلىك ۋە ئىسپانىيەلىك توپچى فابىرگاسنىڭ باھاسىمۇ چۈشۈپ كەتكەن .بۇ ئىككىسىنىڭ 10 ۋە 9 پىرسەنتتىن چۈشۈپ كەتكەن . ئىككى توپچى دۇنيا لوڭقىسدا ناچار ئوينىغان . ( تۆۋەندە رودىرىگىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا كىرگۈزگەن ئالتە توپىنى كۈرۈپ باقايلى )



397ce67921016933d3dd87b83a5a3633dd91e6b9.jpg

توپ تەپكۈچى تەرجىمىسى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىقى ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتۇتىدەك ، نەۋرە ئاچام پەقەت ئەگە تەككىلى ئۇنمايۋاتىدۇ دىسە ئاچىڭىزنى بىرەسى ئالاي دىگەنما دىگەندەك ، مىسسىنىمۇ بىرەسى  ئالاي دەپ پۇل سانمىسىمۇ مىسسىنىڭ تويلىقى مانچە پۇل دەپ باھالاپ قۇيدىكەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +110 يىغىش سەۋەبى
كۇلۇب + 10 قالتىس!
مىلەن + 50 نەقلا كەپتۇ..........
سەنسىز + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چۈشۈپ كەتتىڭىز دىگەن گەپ موللاق ئاتتىڭىز دىگەن گەپ ھە...

نىمە بولغان؟
- پارا يەپ سالغانما؟
- چىرىكلەشكەنما؟؟؟
- ھە،، ھىلىقى تۇل خوتۇننىڭ سۈيى ئىغىر كەپتۇدە
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار قالتىس ھېسابلاپ قويىدىكەن جۇمۇ ، ئەمدى قالغىنىنى بۇ پەسىل كۆرىمىز !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى  چۈشسۇن  بىر  مۇچەنگە  ئالماس  بولۇپ  كەتسە  قولىغا  پۇچۇق  ناندىن  بىرنى  تۇتقۇزۇپ  قۇياپ
مەھەللىىدىكى  باللار  بىلەن   ياق  تاشئالما   ۋاي  ياق  نىمىتى  ھىلقى ماۋۇ  داۋانچىڭ بىر نىمە  بىرنىمە  دىگەن  كولۇپقا  ئېكىلىپ  توپ  تەپكۇزمىز
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقۇسىدا ھەممە توپچى ئادەتتىكى ئادەملەردەك بىلنىدىكەن ،لېكىن كۇلۇپتا شۇنداق مەنمەنچى ھاكاۋۇرلىشىپ قالدىكەن.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسنىڭ باھاسى خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ؟
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ چۈشەنمىدىم بۇلار قانداق ھېسابلايدىغاندۇ ؟ بۇ ياكى تاللا بارىزىدا تىزىپ قويۇپ ساتىدىغان مۇقىم باھا بولمىسا ؟
مىلان سېتىۋالغان رونالدو بىلەن پارىژ ياكى شەھەرلىكلەر سېتىۋالغان رونالدونىڭ باھاسىدا يەنىلا پەرق چوڭ بولىدۇ .


رونالدو 29ياشتىن ئېشىپ تۇرۇپ باھاسى 100مىليون بولسا يەنىلا مۇنداق ئىكەن .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ بۇنداق چىقارغان بىلەن  ئەمەليەتتە  باھاسى يەنىلام تۇراقلىق.  دۇنيا لوڭقىسدا ئىپادىسى ياخشى بولغان توپچىلارنىڭ كۇلۇپتا ئىپادىسى ئادەتتىكىچە ياكى تۆۋەن بولسا باشقا كۇلۇپلا شۇ ئۆسكەن باھاغا ئالاما ؟
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ بۇنداق چىقارغان بىلەن  ئەمەليەتتە  باھاسى يەنىلام تۇراقلىق.  دۇنيا لوڭقىسدا ئىپادىسى ياخشى بولغان توپچىلارنىڭ كۇلۇپتا ئىپادىسى ئادەتتىكىچە ياكى تۆۋەن بولسا باشقا كۇلۇپلا شۇ ئۆسكەن باھاغا ئالاما ؟
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈللىرىنىڭ باھاسى ئۈسەپتۇ . كۇلۇپقا بارسا ئىپادىسى يەنىلام شۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بولغاندا مىسسى جوڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3مىليون ئەتراپىدا پۇل تاپامدۇ نىمە ؟؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بىل پالىۋانچۇ 100مىليونلىق بالتى ئۇ بولمسا
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى يەنلا 1- دە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-21 06:42 , Processed in 0.079513 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش