تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 34

خاۋى بارسېلونادىن 7 مىليون ياۋرۇ ئايرىلىش ھەققى تەلەپ قىلماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
2509039798961851476.jpg
سۇمرۇغ خەۋىرى
خاۋى بىلەن بارسېلونانىڭ توختامى توشىدىغانغا يەنە ئىككى يىل بار . لېكىن خاۋى ئۆزى داۋاملىق بارسېلونا ئۈچۈن توپ تېپىشنى خالىمىغان . خاۋى ئەسلىدە قاتارغا بېرىپ ‹‹ئالتۇن قېزىش›› نى پىلانلىغان ، لېكىن مەزكۇر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئارلىشىۋىلىش بىلەن بۇ يۆتكىلىش ئىشى توختاپ قالغان . ئارقىدىن ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول چوڭ بىرلەشمىسى نىيۇ يۇرك شەھىرى تەرەپ خاۋى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا كېلىشم ھاسىل قىلغان .
نىيۇ يۇرك شەھىرى خاۋى بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزۈشكە ماقۇل بولغان ، لېكىن يۇقىرى مۇئاش بېرىشكە ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرگەن . خاۋىنىڭ بارسېلونادىكى مۇئاشى باجدىن سىرت 6 مىليۇن 500 مىڭ ياۋرۇ  ، لېكىن نىيۇ يۇرك شەھىرى پەقەت 3 مىليون ياۋرۇ مۇئاش بېرىشنى قارار قىلغان . ئۆزىنىڭ مۇئاشىنىڭ بۇرۇنقىدىن بەك چوڭ پەرىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خاۋى بارسېلونا تەرەپتىن 7 مىليون ئەتراپىدا ئايرىلىش ھەققى تەلەپ قىلىش ئامالىنى ئويلىغان  . باشقا نۇقتىدىن ئويلاپ باقساق خاۋىنىڭ بۇ ئويىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ . خاۋى بارسېلونانىڭ ئۆزىگە كەلگۈسى ئىككى يىللىق مۇئاشىنى تۇلۇقلاپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلغان .  
   ھازىر بارسېلونا تەرەپ خاۋىنىڭ ۋاستىچىسى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ ،  ئىككى تەرەپنىڭ مۇئاش تۇلۇقلاپ بېرىش سوممىسى بىردەكلىككە كېلىپ بولغان . لېكىن خاۋى بۇ ئىشنىڭ 7- ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن بۇرۇن ھەل بولۇشىنى ئۈمۈد قىلغان بۇلۇپ ، بولمىسا بۇ كۈندىن ئۆتۈپ كەتسە بارسېلونا تەرەپ يېڭى پەسىللىك تەييارلىققا كىرىپ كېتىدۇ . ئەگەر خاۋى شۇ چاغقىچە توختامنى بىكار قىلمىسا ، خاۋى  توختام بۇيىچە كوماندىنىڭ تەييارلىق سېپىگە كىرىپ كېتىدىكەن .
  خاۋى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئەركىن توپچى بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بۇلۇپ ، شۇنداق بولغاندا ئۇ كېلەر پەسىل ئاۋىستىرالىيىگە بېرىپ بىر مەزگىل توپ تەپمەكچى بولغان . چۈنكى يېڭى پەسىلدىكى  ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول چوڭ بىرلەشمىسى كېلەر يىلى 3 - ئايدا باشلىنىدۇ . خاۋىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىش ئىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلسى بولۇپ قالغان .شۇنداق قىلىپ  بىر دەۋىر ئوتتۇرا مەيدان پىشۋاسى بولغان خاۋى قىزىل -كۆك ئارمىيەسىدىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا .
5f6dc9883e74a64cd5c1383e0cabf837.jpg
  بۇنىڭدىن باشقا ئارۋىسمۇ بارسېلونادىن ئايرىلىشنى ئاشكارلىغان .  خاۋىغا ئوخشىمايدىغان يېرى ، ئارۋىس بارسېلونادىن ئايرىلسا پارىژ سانىت گىرمانغا يۆتكىلىش مۇمكىن .  
   ئارۋىس شۇيەر ۋاقتى تۈنۈگۈن بارسېلوناغا كېلىپ ئۆز ئاغزى بىلەن :‹‹ مەن ھازىر كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئاكتىپ ھالدا سۆھبەتلىشىشنى ساقلاۋاتىمەن ، مەن سىرتىكىلەرگە ئۆزەمنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىمنى ئىپادىلىمەكچى ، شۇنداق بولغاندىلا مەن ئاندىن كۇلۇبتا قىلىش قالماسلىقىمنى بېكىتىمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپ  بىرلىككە كېلىش كېرەك . مەن  باشقا كۇلۇبقا يۆتكىلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمەن ، لېكىن مەن چۇقۇم كۇلۇب بىلەن ياخشى پاراڭلىشىپ بېقىشىم كېرەك ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن مېنىڭ كۇلۇب بىلەن توختامىم بار ، بۇرۇندىن مەن بۇ توختامنى تۈگىتىۋىتىشنى ئويلىغان ، لېكىن گەپنى باشتىن دىسەم ، بۇ ئىشنى يەنىلا ئىككىلا تەرەپ قۇبۇل قىلالىشى كېرەك . تەكىتلەپ ئۆتسەم ، مەن بارسېلونادا ئۆتكەن كۈنلىرىمدىن بەك خوش ، بۇ نەچچە يىلنىڭياقى ئىنتايىن خوشال ئۆتتۈم ،لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتىدىغىنى  مەن بىر نىمە دىيەلمەيمەن ››دىگەن .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا نېيمارنىمۇ سىېتىۋلىپ ، بىرازىليە دولەت كوماندسىغا ئوخشىتىۋالسۇن ......خەيىر خاۋى ....
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىل لوڭقىسىز قالغانغا ھەجەپ چاك چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكىلى تۇردىغۇ ئەمدى باسا
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاۋىنى پۇل بىرىپ بولسىمۇ كەتكۈزۋىتىدىكەندە،  باسانى باسا قىلغان مۇشۇ ئىدى ئىلگىرى... ئارۋىسمۇ كۈچىگەن بىلەن يۈك تاقىلىرىنى يىغىشتۇردىغان چىراي
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلۋا يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 16:45
بولسا نېيمارنىمۇ سىېتىۋلىپ ، بىرازىليە دولەت كوماندسى ...

ئىملا خاتالىقىدىن ئىنكاسىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئىككىلىسى كىتپ قالارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پارىژلىقلار بىرازىيەلىك توپچىلارغا نېمىنداق ئامراقتۇ. ھېلىمۇ مۇداپىئەچىلەرنىڭ تېڭدىن تولىسى مۇشۇ خەق بولمىسا.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلىسى كەتسە مەيلى . شاۋىنىڭ كىتىشى ئېنىقراق. ئالۋىس كەتسە كولۇمبىيەلىك كۇاردىرادونى ئەكەلسەك ئالۋىستىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئوينايدۇ ..
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلۇنا دىن نېمانداق جىق تۇپچى كېتىدۇ  ئۇلارنىڭ ئۇرنۇنى كىممۇ ئۇينايدۇ ، يا تۈزەرەك بىكمۇ ئالمىدى بۇلار ، كېلەركى بىرلەشمە كۆرىمىزغۇ ياڭزىسنى .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋىس يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 16:51
ئىملا خاتالىقىدىن ئىنكاسىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم

پارىژ ھامان ئالغاندىكىن، باسادىن نېيمار نىمۇ سىتىۋىلىپ ،كوماندىسىنى بىرازىليە دولەت كوماندىسىغا ئوخشىتىۋالسۇن دىمەكچىتىم . ھىچ ئىملا خاتالىقىنى تاپالمايۋاتىمەن يا ..
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 17:13
بارسىلۇنا دىن نېمانداق جىق تۇپچى كېتىدۇ  ئۇلارنىڭ ئۇرن ...

بىر كوماندىدا ئالتە ئادەمگە توشسا ئويناۋەرسە بولىدىكەنغۇ ، مىسسى نېيمار ، پېدرو ، ئىنىستا ، ۋارتا بىلەن كېيىنچە سۇئارېز ئوينىمامدۇ . زاپاس ئەزاغا تېرىنىر قېتىلسا بولىدۇ .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشنەمسىلە  ئاز  قالدى  مېسسىنىڭ  كىتىدىغان  خەۋىرىنى  ئاڭلايمىز  ئەمدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-21 06:42 , Processed in 0.087553 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش