ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2362 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Яiwαyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-17 17:06
بۇ ئويۇننى بەك چۈشەندۈرمىسەممۇ ..پۇتبول ئويۇنى ئويناشقا قىزىقىدىغانلار بىرەر قۇر ئويناپ ھېس قىلىپ بولدى بولغاي
fifa online3 بۇ ئويۇنننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى دۆلىتىمىز 腾讯 تېڭشۇن شىركىتى سېتىۋېلىپ بازارغا سالغاندىن بۇيان كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ ياقتۇرپ ئوينىلىۋاتىدۇ ..
مەن ھېس قىلغان ئېسىل تەرەپلىرى :
1. تور ئويۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن كۇنۇپكا تاختىسىى ياكى ئويۇن ئويناش رولى دېگەنلەرنى بىرلا تەڭشەپ قويسىڭىز مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ .... ئويۇننى قەيەردە ئېچىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ھەربىر كىرگەندە قايتا تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق .
2. ئۆزىڭىز خالىغانچە كوماندىلارنى قۇرۇپ ..ئادەم سېتىۋېلىپ ، پۇل لازىم بولسا سېتىپ ئوينىيالايسىز ...
3. تور سۈرئىتىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس . ئەنئەنىۋى پۇتبول ئويۇنى we8 بىلەن سېلىشتۇرغاندا توردا ئۇلاپ ئوينىغاندا قېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەيدۇ ... بىر تەرەپنىڭ ناچار تور سۈرئىتى يەنە بىر تەرەپكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ..ئۆزىڭىزنىڭ تور سۈرئىتى بەكلا ناچار بوپ قالسا ئاز تولا قېتىشى مۇمكىن .
4. مۇسابىقە چۈشەندۈرىلىشىمۇ بەك ئېسىل ..مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى چۈشەندۈرگۈچىسى 贺炜 خېۋېي ( 安迪格雷 ( چۈشەندۈرىدۇ .
5. ھەقىقى تەقلىدىي ئويۇن مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ماس كېلىدۇ مۇنبەرداشلار بىلەن بۇندىن كېيىنكى پۇتبول ئويۇنى مۇسابىقىلىرىنى مۇشۇ ئويۇندا ئورۇنلاشتۇرساق بەك ئېسىل بولغۇدەك .

مۇنبىرىمىزدە بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلار قانچىلىك ؟؟
مۇنبىرمىزدىكى بىر قانچە مۇشۇ ئويۇننى ئويناۋاتقان دوستلار مەسلىھەتلىشىپ ... مۇنبىرىمىزدىكى مۇشۇ ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالدىمىزدا ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ تەتىل ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى 1. قېتىملىق fifa online3 تەقلىدى پۇتبول مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز ....
دوستلارنىڭ قىزغىنلىقى قانچىلىك بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ ئويناشنى خالايدىغانلارنى قارشى ئالىمىز ...خالىمايدىغانلار بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ يۈرمەڭلار
مۇسابىقە رايونى بىردەك 华东电信 مۇشۇ رايوندا ئۆتكۈزىلىدۇ باشقا رايونغا تىزىملاتقانلار ئامال قىلىپ مۇشۇ رايونغا كۆچكەچ تۇرارسىلەر بولمىسا ۋاقتى كەلگەندە مۇسابىقىگە قاتنىشالمايسىلەر .... يېڭى تىزىملاتماقچى بولغانلارمۇ مۇشۇ رايوندىن ئېلىڭلار نومۇرنى .
ئاخىرىدا بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقان دوستلار ئاساسلىق سەپ شەكلى ، مۇلازىمتىر رايونى ، ئويۇندىكى نامى قاتارلىقلارنى مۇشۇ تېمىغا قالدۇرۇپ قويغاچ چۈشەنمىگەن سۇئاللار ۋە ئويۇن توغۇرلۇق سۇئاللار بولسا ئوتتۇرغا تاشلاڭلار ... ئىز قوغلاپ جاۋاپ بېرىمىز 
مېنىڭ سەپ شەكلىم
|
|