ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3089 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سۇمرۇغ خەۋىرى
بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا پورتىگالىيە كىچىك گۇرۇپپىدا شاللىنىپ كەتكەن . كىرىستىياننا . رونالدو بۇ قېتىملىق مۇسابىقىلەردە پەقەت 1 توپ ئۇرغان . ‹‹ توپ كىرىش تورى ›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدە كىرودىيەلىك توپچى بوبان گەپنى ئۇدۇل قىلىپ ، پورتىگالىيەنىڭ ئۇتتۇرۋىتىشىدە رونالدونىڭ شەخسىيەتچىلىكى بىلەن باغلىنىشلىق . رونالدو كوماندىنى ياخشى كۆرگەندىن بەكرەك ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇنداقلا يەنە ئىتالىيەلىك بالوتېلىنى تەنقىدلەپ ئۇ بىر ‹‹ھاماقەت›› دېدى .
‹‹ رونالدو ئۇ بىر قالتىس توپچى ، ئۇ پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغىنى بىلەن بىرازىلىيەدە ئۆزىنى ئىسپاتلىدى . رونالدونىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئۇنىڭ كوماندا بىلەن ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيسىگە باغلىق ›› بوبان يەنە :‹‹ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىلەردە ، رونالدو 120مىنۇت مۇسابىقىنىڭ ئاخىردا مادىرىتنىڭ 4 -توپىنى كىرگۈزۈپ ساراڭلارچە تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىدى ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش پورتىگالىيە كوماندىسىدىمۇ يۈز بەردى . پورتىگالىيە كوماندىسىدىكى ئەزالار مۇسابىقىنى تەرتىپىلىك ئوينىماي ھەممىسى ئۆزىنىڭ خائىشى بويىچە ئوينىدى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ چاچ پاسۇنى بىلەن بەدىنىدىكى چەكتۈرمىلەرگە بەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئۇلار پورتىگالىيە كوماندىسىدا پەقەت رونالدولا بار ئەمەس بىزمۇ باردىگەندەك تۇيغۇنى بەردى . بىر تۇراقسىز كوماندا باشلىقنىڭ بولۇشىدىن كوماندىكى ئىتتىپاقلىق بۇزۇلدى ، بۇ رونالدو ۋە بۇ بىردەۋىر پۇتبولچىلار ئۈچۈن نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىش .››
بوبان ئارقىدىن كىچىك گۇرۇپپىدا شاللانغان ئىتالىيە كوماندىسىنى تەنقىدلەپ :‹‹ ئىتالىيە كوماندىسى تۈگەشكىلى خېلى يىللار بولدى ، ئۇلار بۇرۇن پۇتبولچىلىق دۇنياسىدا NBA ئىدى ، لېكىن ھازىر ئۇلار پۇتبول سېرىك ئۆمىكى بولۇپ قالدى . بۇرۇن ئىتالىيە كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۇتۇشنى نىشان قىلاتتى ، ھالبۇكى ، ھازىر ئۇلار قانداق توپ تېپىشنى ئۇنتۇپ قالدى . ئىتالىيەنىڭ ھازىر مۇداپىيەسى بىلەن ئوتتۇرا مەيدانى بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمدا بالوتېلىدەك بىر ھاماقەت بار ، شۇنىڭغا ئۇلارغا ئۇتتۇرۇش ئاللىبۇرۇن پىشانىسىگە پۈتۈلگەن . ئىتالىيە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدى ›› دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغان . |
|