ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3128 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-17 14:00

شىنلاڭ تەنتەربىيىسى چىللە ئېيىنىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى:
ئالەيگىرى رەسمى ھالدا يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا چىقتى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ پېئېرلو بىلەن ئالەيگىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرسىگە ئايلاندى.ئىتالىيە ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرلىرىگە قارىغاندا ،پېئېرلونىڭ ئىتالىيەنىڭ دۇلىن كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
—(پېئرلو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى.ئارىمىزدا باشقا ھىچقانداق ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئەمەس.ھالبۇكى 3يىلدىن كىيىنكى يەنە بىر قېتىم ئۇچۇرشىش مىنى خوشال قىلدى.ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىشنى تولىمۇ خالايمەن).،،،،،مانا بۇ يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇلى ئالەيگىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاخپارات ۋاستىلىرىغا قىلغان سۆزى.
دەرۋەقە بۇ ئىككسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھازىر ھەرگىزمۇ مەخپىيەتلىك ھىسابلانمايدۇ.پېئېرلونىڭ ئالەيگىرنىڭ ئارقا بەل ئوينىماي سول تەرەپكە مايىل ئوتتۇرا مەيدان ئوينىشىنى تەلەپ قىلىشى كوماندىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغان.
ئالەيگىرى ئاللاقاچان دۇلىن خەلقئارا كۇلۇبىنىڭ تەكلىبىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە سۆھپەتلەشكەن بۇلۇپ ،كىتىش ۋە قېلىش مەسلىسىدە قاتتىق ئويلىنىش باسقۇچىدا تۇرۋېتىپتۇ.
ئەمما ئالەيگىرى بىرىنچى ئايدا ئاللابۇرۇن توختام ئۇزارتىپ بولغان بۇلۇپ،توختام مۇددىتى 2016يىلغىچە بولغان.
ئەمما باش مەشقاۋۇل كونتىنىڭ تۇيۇقسىز مەشقاۋۇللۇق ئورنىدىن قالدۇرلۇشى ۋە ئالەيگىرنىڭ يۇۋىنتۇسقا باش مەشقاۋۇل بۇلىشى،پېئېرلونىڭ كوماندىدا داۋاملىق قېلىش ياكى كىتىشىنى يەنە بىر قېتىم قارار قىلىشتەك ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويغان.ھازىر ئەھۋال ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ.
—Mediasetنىڭ مۇخپىرى لائىخادى سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ.:پېئېرلونىڭ كۇلۇپ بىلەن بولغان ھازىرقى مەسلىسى كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغىرتىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرى بۇلۇپ،ھەرئىككلا تەرەپ چۇقۇم سوغۇققان بۇلىشى كېرەك،يۇۋىتۇس ھەرگىزمۇ پېئېرلونىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئۈمۈد قىلمايدۇ:،
بۇ يەردە يەنە شۇنداق بىر مەسلە مەۋجۇتكى.دۇنيا لوڭىسنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتكەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ئىلگىركى باش مەشقاۋۇلى پىراندىلى
بولسا،ھازىر مەنچىنىڭ ئورنىغا تۈركىيە زەردارى گالاتاساراينىڭ باش تېرىنېرلىق ۋەزىپىسنى قۇلىغا ئالغان.پىراندىلى بىلەن پېئېرلونىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ,ئاخپارت ۋاستىلىرى بىردەك پېئېرلونىڭ گالاتا سارايغا يۆتكىلىپ كىتىغانلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. |
|