ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 200 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بىزنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى كىچىك تازلارغا قايسىڭ رونالدو قايسىڭ مىسسى دىسەم قايلاپ تۇرىدۇ؟! ھەقاسىڭ نىمىشقا توپ تىپىسەن دىسەم توپ تەپسەك خوش بولىمىز دەيدۇ ، شۇنىڭغا قارغاندا بۇلار توپنى ۋاقىت ئۆتكۇزۇش ئۇچۇنلا تىپىدىكەن، ئويۇنكەن بۇلارغا. بۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى كۆپىنچىسى كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققان بولغاچقا بالىسىنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرسىمۇ ئويۇنغۇ بۇ دەپلا كارى بولمايدۇ. ئەمىليەتتە پۇتبۇلنىڭ ئاللاقاچان بىر كەسىپ بولۇپ ئىقدىسادى قىممەت يارتىدىغانلىقىنى بۇلار بىلمەيدۇ. بىزمۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا شۇنداقتۇق! ھازىرمۇ شۇنداق! كاللا ئاددىي! خەق بالىسىنى سەن قىزىقساڭ دەپ شارائىت يارتىپ بىرىدۇ! بىزچۇ؟ خەقنىڭ بالىسى 12-13 ياشتا قىزىقىپ 6-7 يىلدا راۋۇرۇس مەشىق قىپ چولپان بولىدۇ ، ياكى مىليونىزغا ئايلىنىپ ئائىلسىنى باقالايدۇ، بىزچۇ؟ ئويلىساق ئۆزىمىز ئەستايىدىل ئەمەس! ئىرادىمىز بوش،
بىزدە پۇتبۇلغا قىزىقىدىغانلار جىق، سەۋىيە تۆۋەن. پۇرسەت ئاز، يەنە تىخى ئۆزىمىزنى داڭلاپ بىر نىمە قىلىۋىتىمىز ، ھەي بۇ ئىشلارنىزە... گەپ پۇرسەت ئازلىقىدا ئەمەس شۇ بالىدا جان تىكىپ مەن پۇتبۇل بىلەن جان باقىمەن شۇڭا مەشىقلا قىلىشىم كىرەك دەيدىغان ئىددىيە يوق! پۇتبۇل مىنىڭ ھاياتىم دەيدىغان نىشان يوق! پەقەت ۋە پەقەت پۇتبۇل تىپىش مىنىڭ خۇشاللىقىم دەيدىغانلا بەخىت تۇيغۇسى بار! مۇشۇلارنى بىرلەشتۇرۇش ئۇچۇن بالىمىزنى ياخىشى تەربىيلىمىسەك ئۇمۇ سىز بىلەن مەندەك مۇنبەر ئويناپ مەن مەستەنە دەپ ئۆتۇپ كىتىدۇ! ئاھ! نىمىدىگەن ئىچىنىشلىق! .... |
|