elan ornielan orni
كۆرۈش: 2047|ئىنكاس: 66

ۋىزىسىز روسيەگە كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 12:04  

U5214P1T1D30510634F23DT20140713035635.jpg
روسيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11- چىسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، روسيەدە 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ›› مۇسابىقسىدا رېپىر ، تېرىنىر ، پۇتبولچى ۋە توپ مەستانىلەرنىڭ  ۋىزىسىزلا روسيەگە كىرىشىنى يولغا قويغانلىقنى ئېلان قىلغان .
U5214P1T1D30510634F21DT20140713035635.jpg
2018- يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسنىڭ چىقىمى 20مىليارت دوللادىن ئىشىشى مۇمكىن

   روسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11 -چىسىلا لاتىن ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئاتلانغان بولۇپ ، پۇتىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا :‹‹ بىز بۇيىل سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بىلەن مىيىپلار  تەنھەركەت يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋالدۇق ، بۇ بىزنىڭ چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىلايدىغىنىمىزنى ئىسپاتلىدى .  2018 - يىلى روسيە دۇنيا لوڭقىسى جەريانىدا بىز مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ مەستانىلىرىغا  ۋىزاسىزلا روسيەگە كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق ›› دەپ ئاشكارلىغان .
   پۇتىن :‹‹ 2014 - يىلى دۇنيا لوڭقىسنى ئۆتكۈزگەن ساھىبخان دۆلەتتىن بىز مەلۇم جەھەتلەردە تۇلۇق تەييارلىق قىلىشنى ئويلىغان ، شۇڭلاشقا بىز فېدېراتسىيە قانۇنىنىڭ ۋىزا بېرىش تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، 2018 - يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشماقچى بولغان چەتئەللىك دوستلار ، رېپىرلار ، پۇتبولچىلار ،تېرىنىلار ۋە مەستانىلارغا  ۋىزىسىز روسيەگە كېلىپ ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بېرىشىگە پۇرسەت بېرىمىز .  بۇنداق ئىشنى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ھەرگىزمۇ تاپالمايسىلەر››  دىگەن  .  
   2010 - يىلى روسيە  2018 - يىلى  روسيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن بۇلۇپ ، مۇسابىقىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ تەخمىنەن 20مىليارت دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقنى ھېسابلاپ چىققان . تەكىتلەشكە تىگىشلىكى ،2018 - يىلى روسيەدە ئۆتكۈزۈلدىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم  روسيە دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدىغان مۇسابىقىلا بولماستىن ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شەرقى ياۋرۇپادا ھەم 2006 - يىلى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقسىدىن كېيىن تۇنجى ياۋرۇپادا ئۆتكۈزىلىش ئىكەن .

ئۇنتۇلغۇسىز دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىش

   پۇتىن :‹‹ 2018 -يىلى روسيە تۇنجى قېتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى تەنھەركەت مۇسابىقىسنىڭ ئۆتكۈزۈش ساھىبخان دۆلىتى بولدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوش  . بىز شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى ، پۈتۈن كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقسىنى ئۇنتۇلغۇسىز بىر سورۇن قىلىپ چىقىمىز ھەم  روسيەچە  مىھماندوستلىقىمىزنى نامايەن قىلىمىز ›› دەپ سۆزلىگەن .
  7- ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە پۇتىن لاتىن ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئاتلانغان . ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى كۇبا .  7 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە ، پۇتىن بىرازىلىيەنى زىيارەت قىلماقچى . 13 - چىسلا پۇتىن بىرازىلىيەنىڭ ئايال زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولۇپ ، .ئارگېنتىنا بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنى كۆرگەن ھەم مۇسابىقىدىن كېيىنكى يېپىلىش مۇراسسىمىدە 2018 -يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلدىغان ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان .
پۇتىن بۇ قېتىملىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقسىدا روسيەكوماندىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپىدا شاللىنىپ كېتىشىگە سۆز قىلىپ :‹‹  بىز بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلاندۇق ، لېكىن ئۇلار تىرىشتى . تىرىشقاندىكىن كىيىن چۇقۇم ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك ›› دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغان .  

                                                                                                                                                                      سىنا خەۋىرى
سەۋىيەم چەكلىك .تەرجىمىدە سەل مۈجىمەللىك بولسا توغرا چۈشىنىڭلار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-16 12:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇس قاۋانلىرىنىڭ يۇرتىغا بېرىشقا ئەرزىمەيدۇ ، سۈزۈكراق دىلبۇزۇردا كۆرگەن ياخشى . ئاللا ئۆمرىمىزنى بەرسە ، تىنچ-ئامان بولساق 2022 قاتارنىڭكىنى بېرىپ كۆرەپ دېگەندەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ ۋىزىسىز چىقالارمىزمۇ . بولمىسا قورغاستىن قازاقىستانغا چىقىپلا روسسيگە بېرىپ كەلسەك دەيمىنا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:21:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بولدىغان گەپ قىپتۇ ...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باغراش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 12:26  

مۇنداق ياخشى سىياسەتلەر يەنەبىزگە كەلگەندە ئاقماي قالىدۇ ، ئېقىپ قالسا بېرىپ كۆرۈپ كەلسەك ياخشى بولاتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 12:21
بىزنى روسلار ۋىزىسىز چېگىرىدىن كىرگۈزگەن ھالەتتىمۇ ھ ...

توغرا. بىزنى بەك قوغدىمىسا بولمايدۇ. شۇنداق كۆيۈنۈش ئالدىدا داغدام كېتىپ بارىمىز ئەمەسما    
بەك بولمىسا شىنپىنجىڭدىكى مىللەتنى ئۆزگەرتەمىز،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:25:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بىزمۇ كىملىكىمىزنى كۈتۈرۈپ بېرىپلا مۇسابىقە كۈرۈپ كەلگەن بولساق ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر پاسپورت بېجىرمەكنىڭ تەسلىكى چۇقۇم بىر مەمۇرى كاپالەت بېرىشى كېرەك ، نىمىدىگەن تەسلشىپ كەتكەن ئىشلار بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەر ئۇمۇد كۇتمىسەكمۇ بۇلدۇ جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:26:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلا كوماندىنىڭ مەستانىلىرى پاسپورتسىز بارامدىكەن ياكى ھەممە دۆلەتنىڭ ئەزالىرىمۇ؟ئەگەر  دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقانلا كوماندىنىڭ مەستانىلىرى قاتنىشىدىغان ئىش بولسا ئۇنداقتا ماۋۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كوماندىسىنىڭ قاتنىشىشى ئېغىر ئاياق خوتۇننىڭ تۇغمىقىدىنمۇ تەس بۇلامىكى!来自: iPhone客户端
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 12:28:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روسيە تەرەپنىڭ ۋىزىسىز كىرسەڭلار بولىدۇ دىگىنى پاسپورتىڭلار بولمىسىمۇ بولىدۇ دىگىنى ئەمەس. پاسپورت بولمىسا جۇڭگۇدىن ھىچ قايسى دۆلەتكە چىققىلى بولمايدۇ. روسيەدە مۇسابىقە كۆرگىسى بارلار ئانچە-مۇنچە پاسپورتنىڭ يولىنى قىلىپ قويغاچ تۇرساڭلار بولغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 18:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش