akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3328|ئىنكاس: 51

ئون ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن 2018 گە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 01:14  

« ئاخرلاشتى » !
بۇ سۆز تۈگىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغاندەك قىلسىمۇ ، ماھىيتىدىن ئىلىپ ئىيتساق ، بىر ۋاقىتتا يېڭىدىن باشلىنىش دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ .
30 نەچچە كۈن داۋاملىشىپ ، دۇنيا خەلقى ۋە كۆپ سانلىق توپ مەستانىلىرى قەلبىدە  ، گاھى غوراپتەك ئاچچىق ، گاھى ھەسەلدىنمۇ تاتلىق ھىس تۇيغۇلارنى قالدۇرۇپ ، 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلاشتى .
دەل مۇش ۋاقىتتىن باشلاپ ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چوڭ چاقى روسىيەگە قاراپ دومىلاشقا باشلىدى ، تىخى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاچچىق-تاتلىق ھىس تۇيغۇلىرى تاراشقا يۈزلنمەستىن  ، بۇ تەرەپتە ھەممە يىڭىدىن باشلىنىشقا تەرەددۇت قىلىپ بولغان ئىدى .


0.jpg


بىز تۆۋەندىكى ئون ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى دەستەك قىلىپ روسىيەگە ، 2018 كە نەزەر سىلىپ باقايلى ، قىنى دوسلار ئەگىشىڭلار !


1. چىمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ قىلىش

1.jpg


دۇنيا لوڭقسىى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، چىپىيۇنلۇقىنى ساقلاپ قىلىش  ، ناھايىتتى مۈشكۈل بىر ئىش ، بۇ يىلقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ، ئالدىنقى قىتىمىلىق چىمپىيۇن ئىسپانىيە كوماندىسنىڭ ، چىمپىيۇنلۇققا يىقىنلاشماقتا يوق ، گۇرۇپپىدىنمۇ ، بىر مەيدان ئاۋال شاللىنىپ كىتىشى ، بۇ نىڭ پولاتتە دەلىلى .
ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك ، بۇ يىلقى چىمپىيۇن كوماندا گىرمانىينىڭ ھەر تەرەپتىن يىتىلگەن جەڭگىۋار قوشۇنى ، قابىل يىتەكچىلىرى بۇ شەرەپكە لايىق . ئەمما تۆت يىلدىن كىيىن بۇلار ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ ياكى تىخمۇ كۈچىيىپ ، چىمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ قالالامدۇ ؟ شۇنداق ، ياكى ناتايىن . بۇ سۇئالغا بەلكىم تۆت يىلغىچە نۇرغۇنلىرىمىز تالاي قىتىم يۇقىرقى ئىككى خىل جاۋابنىڭ خالىغان بىرىنى بىرىشىمىز مۇمكىن ، ئەمما ھەققى جاۋاپقا تۆت يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈنلەردە مۇشەررەپ بولىشمىز ئىنىق . بۇ قىتىمقى ھاياجانلىق تارىخى دەۋىرلەرگە شاھىت بولغان بىزلەرنىڭ ، ئىگىسى ئامان ئىسەنلىكىنى بەرسە ، 2018-يىلى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىغا يەنە تەڭ شاھىد بولالىشىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .



2.قايتۇرما زەربە بىرىش

2.jpg


بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسى ئىسپانىيە ، ئىتالىيە ، ئىنگىلاند قاتارلىق بىر قىسىم ئەنئەنىۋى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشتى دىيىشكىمۇ بولىدۇ ، كوستارىكا ، مىكسىكا ۋە يەنە بىرقىسىم ئاجىز دەپ قارالغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ناھايىتتى ياخشى  باشلىنىش بولدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ . گوللاندىيە ، بىرازىلىيەلەر ئىشىك ئالدىدا توختاپقالدى .
مەغلۇبىيەت ناھايىتتى ئاچچىق بولىدۇ ، ئەمما ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەككى ئۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ .
تۆت يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، يۇقىردا ئىسمى ئاتالغان ئەنئەنىۋى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىچىدىن ، راۋرۇس تەييارلىنىپ قايتۇرما زەربە بىرىپ ، كونا يىڭى زەردارلارنى يىقىتىپ ، پۇتبول دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولىغا ئالىدىغان بىرەر قىرى يولۋاس چىقامدۇ يوق  ؟



3.باش كۆتۈرۈش

3.jpg

پۇتبول دۇنياسىدىكى  ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۆرىشى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ ، بولۇپمۇ دۇنيا لوڭقىسىدەك ، تۆت يىلدا بىر ئىلىپ بىرلىدىغان جاھان ئۇرۇشىدا ھىسىيات ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس  ، ھەممە ئۆز شان شەرىپى ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ .
مانا مۇشۇنداق كەسكىنلىك ئىچىدە ، كوستارىكانىڭ كۈچلۈك كوماندىلارنى ئۆرۈپ تاشلاپ ، سەككىز كۈچلۈككىچە بۆسۈپ كىرىپ، قارا تۇلپار ئاتىلىشى ، بىلگىيە ، كۇلۇمبىيە قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلشى ، نىگىرىيە ، ئالجىرىيە قاتارلىق ئانچە كۈلۈك بولمىغان كوماندىلارنىڭ ، گىرمانىيە ، ئارگىنتىنا دىگەندەك كۈچلۈك رەقىبلىرىنى تەمتىرتىپ ھۆرمەتكە سازاۋاەر بولۇشىنى بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى دىسەكمۇ ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ .
ئالدىمىزغا قاراپ بىشىمىزنى كۆتۈرۈپ يىراققا نەزەر سالساق ، كىلەر قىتىملىق باش كۆتۈرۈش كىمگە نىسىپ بولار ؟


4. ئالتۇن توپ

4.jpg

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى  ، مۇسابىقە جەريانىدا ئىپادىسى ھەر تەرەپتىن ياخشى بولدى دەپ قارالغان ، ئارگىنتىنا پۇتبول تەنھەركەتچىسى  مىسسىغا بىرىلدى .  بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلىشىشىتىن بۇرۇن ، توپ مەستانىلىرى ھەرخىلپەرەزلەرنى قىلىشقان بولۇپ ، شەرتكە چۈشىدۇ دەپ قارالغان بىر قانچە توپىچىلار رەتكە تىزىلغان ئىدى ، ئەمما نەتىجىدە ، باھالاش ھەييىتىدىكىلەرنىڭ بىلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە ، مىسسى 13 بىلەتكە ئىرىشىپ بۇ قىتىمقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرشتى .
پۇتبول دۇنياسىدا داڭلىقلاردىن بولۇپ كىلىۋاتقان ، مىسسىي ، رونالدۇ ، سۇيارىز ، روببىن ، ۋان پىرىس ..... يىڭى يىتىشىپ چىىۋاتقانلاردىن  نىيمار ، بىل ، پوگبا يەنە رودىگىز ...قاتارلىقلار پۇتبول ئەھلىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ ، ھەممىگە ھوزۇر بىغىشلاپ كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، يەنە يىڭى - يىڭى خىياللارنى سۈرۈشكە مەجبۇرمىز ....  يۇقۇرقىلاردىن يەنە كىملەر بۇ مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولالايدۇ ؟ ياكى كىملەر يىتىشىپ چىقىپ شان-شەرەپنى ئالدىغا تارتالايدۇ ؟



5.دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى

5.jpg

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولسا ، گىرمانىيەنىڭ رىۋايەتلىك ھۇجۇمچىسى كىلوزنىڭ ئىكى توپ ئۇرۇپ ، رونالدو سەككىز يىلنىڭ ئالدىدايارتقان ، 15 توپلۇق ئۆتكەلنى بۇزۇپ ، مەرگەنلىكتە يىڭى رىكورىت يارىتشى بولۇپ قالدى .
ئەمدى كەينىمىزگە ، يىنىمىزغا ۋە ئالدىمىزغا قارايدىغان بولساق ، بۇ رىكورىتقا يىقىنلىشالايدۇ ۋە بۇزالايدۇ دەپ قارىغان توپچى ، يەنە گىرمانىيلىك توماس مولىر !
موللىر تىپىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى ياش قۇرامى ۋە مەيداندىكى ئىپادىسغا ئاساسلانغاندا ، تۆت يىلغىچە يارلىنىش كۆپ بولۇپ ، ئىپادىسىدە چىكىنىش بولمىسىلا ، روسىيەدە موللىر يەنە بىزنى ھاياجانلارغا باشلىشى مۇمكىن . لىكىن بۇنىڭ ئىنىق جاۋابى يەنىلا 2018 دىكى روسىيەدىن تىپىلىدۇ .



6. خوشلىشىش

6.jpg


يەنە تۆت يىلدىن كىيىن ، بىز ھازىرقى داڭلىقلاردىن يەنە كىملەرنى يىشىل چىملىقتا كۆرەلەيمىز ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتتى ئاددى ، بىز كۆپ قىسىم ياخشى توپچىلارنى كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، خۇددى بۇ يىل كاكا ، رونالدۇ ، تىۋىز ، ناسىرى ، روبىنھو ........قاتارلىق بىز قاتنىشالايدۇ دەپ قارىغان ، ئەمما رەھىمسىزتاللاش ئالدىدا قاتنىشالمىغان چولپانلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى .
ھازىردىن باشلاپ دۇنيا توپ مەستانىلىرى ناھايىتتى بەك قىزىقىۋاتقان بىر چولپان بار ، ئۇ بولسىمۇ - كىرىستىيان رونالدو .
ئۇ قاتنىشالامدۇ يوق ؟ ئۇنىڭ خاراكتىرىدىن ئىلىپ ئىيتساق ئۇ چوقۇم روسىيەگە بىرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ، پۇتبول دۇنياسىدىكى كەسكىن رىقابەت كۆرىشى تەرەپتىن ئىلىپ ئىيتسا ، ئۇ بەلكىم بارالماسلىقى مۇمكىن .   بۇنىڭ جاۋابىنى زامان ۋە ماكان ئاشكارلايدۇ .



7. ئۈچىنجى قۇتۇپ

7.jpg

پۇتبول ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سىھرى كۈچى بىلەن ھەمىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان بولسا ، ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن پۇتبولنى سەنئەتكە ، كىشىلەرنىڭ بەھرىلىنىشىگە يۈزلەندۈرۋاتقان شەخىسلەر بولسا مەستانىلەرنى قۇتۇپلاغا بۆلىۋەتتى .
پۇتبول مەستانىچىلىكىدە قۇتۇپ بار دىيىلسە ، يىقىنى بەش -ئالتە يىل مابەينىدە روشەن ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندى ، يەنى مىسسىي ۋە كىرىستىيان رونالدودىن ئىبارەت پۇتبول ساھەسىدىكى گىگانىت چولپانلار ئەتىراپىغا ئۇيۇشقان چوڭ ئىككى قۇتۇپ پەيدا بولدى . بۇلار بىر-بىرگە بىسىم ۋەغەيرەت ئاتا قىلىپ ، چوڭ بىر رىقابەتنىڭ تۈرۈتكىسدە قول تۇتۇشۇپ ،ناھايىتتى چوڭ ئىلگىرلەشلەرنى پەيدا قىلدى .
بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدى كەينىدە يىشىل چىملىقتا ، ۋە مەستانىلەر ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىرقىسىم ئىش پالىيەتلەر شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ، پۇتبول دۇنياسىدا ئۈچىنجى بىر قۇتۇپ شەكىللىنىۋاتىدۇ ، تەرەققى قىلۋاتىدۇ ، ئۇلار ، موللىر ، نىيمار ........ ھەتتا يىڭىدىن يىتىشىپ چىققان رودىگىز دىگەندەك .
بىز يەنە شۇنداق دىيەلەيمىز ، پۇتبولنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ، ئەركەكلەر ئويۇنى دەپ ئاتالغان بۇ ئويۇنننىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ ، مونوپوللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىزگە يىڭىچە  ھوزۇرلارنى ئاتا قىلغۇسى !



8.چىكىنىش

8.jpg

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چوڭ چاقى دۈگىلەپ روسىيەگە بارغىچەبولغان ئارلىقتا ، نۇرغۇن كارۋانلار سەپەردىن قىلىشى مۇمكىن . كۈمۈش شاھ دەپ ئاتالان گوللاندىيە كوماندىسىنى مىسالغا ئالساق ، بۇ قىتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا ، كوماندىنى يىتەكلەپ يىرىم ھەل قىلغۇچقا ئىلىپ كىرشتىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلادىن روببىن ، ۋان پىرىس ، سىنەيدىر قاتارلىق چولپانلار 2018-يىلىغىچە 35ياش ئەتىراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كىتىشى مۇمكىن . گوللاندىيەنى ھازىرقدەك ياخشى ھالەتتە ئىلىپ ماڭغان جەڭچىلەرنىڭ بىراقلا چىكىنىشى دۆلەت كوماندىسىغا قانداق بىسىملارنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن ؟ زور بىسىمنى ئۈستىگە ئالالايدىغان تالانىت ئىگىلىرى يەنە يىتشىپ چىقالامدۇ يوق ؟



9.ئاسىيا

9.jpg

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى (ياپۇنىيە ، كورىيە ، ئىران ، ئاۋىستىرالىيە ) كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىدە شاللىنىپ دۆلىتىگە قايتقاچقا ، كىيىنكى كەسكىن مۇسابىقىلەردە بىز ئۇلارنىڭ سىماسىنى كۆرەلمىدۇق.
ئالدىنقى يىللارغا سىلىشتۇرغاندا ، بۇ يىل ئاسىيا كوماندىلىرىنىڭ ئىپادىسى خىلىلا ناچار ، ئۇتالمايلا گۇرۇپپىدىن شاللاندى .
2018-يىلىغا بارغاندا ، بۇ پاسسىپ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولامدۇ يوق ؟



10. يىڭىلىق

10.jpg

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى پۇتبول يىقىنى زامان تارىخىدىكى بىر قىتىملىق ئىنقىلاپ دىيىشكىمۇ بولىدۇ .
ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەردە ئاندا-ساندا كۆرىلىپ تۇرىدىغان ، ناھايىتتى ئىنىق خاتالىقلارغا بۇ قىتم ئاساسەن يول قويۇلمىدى . بۇركۈت كۆز تىخنىكىسى ، تۇمانلاشتۇرۇپ پۈركۈش تىخنىكىسى ، تەنھەركەتچىلە ئايغىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىنزور ، ئۇنىڭدىن باشقا ، يۇقرى تىمپىراتۇردا توپچىلارغا سۇ تولۇقلاش دىگەندەك .
يۇقارقى تىخنىكىلار بىر تەرەپتىن رىپىرلارغا ۋە تەنھەركەتچىلەرگە چوڭ قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم كىشىلەر تەرپىدىن ، پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىندى دەپ قارلدى .
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشغا ئەگىشىپ ، دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى كاتتىباشلار ، بۇ تۈزۈملەرنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يۇچۇقلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىيتتى .
دىمەك ، بىز 2018-يىلى يەنە يىڭى تىخىنىكىلاردىن ھوزۇرلىنالامدۇق قانداق؟


(كىشى ئىسىملىرى نۇقۇل شۇ كىشىگىلا ۋەكىللىك قىلمايدۇ ، مىسالغا ئىلىندى )

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قوللاش!
ئەلبارىس + 100 قالتىس! بەك تېتىملىق ت.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:24:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ تىنىچلىقنى بەرسە 4 يىلدىن كىيىن ئوغلۇم بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرىمىزدە... ما يىل مۇسابىقە ئەمەس، جەۋھىرىنى بولسىمۇ كۆرەيلى بالام دىسەم پەقەت گەپ ئاڭلىمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolantekin1981 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 19:23  

2018-يىلىدىكى رۇسىيە دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە يەنە بىز ئويلىمىغان نۇرغۇن نەتىجىلەر يۈز بىرشى مۇمكىن ،رۇسىيە دۆلىتىمىزگە يېقىن ،بەلكىم دۆلىتىمىز كۇماندىسى بىر موجىزە يارتىۋىتەمدۇ تېخى ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:24:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ماۋۇ تىما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسېل  تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-15 19:25:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 19:24
ئاللاھ تىنىچلىقنى بەرسە 4 يىلدىن كىيىن ئوغلۇم بىلەن ئو ...

تۆت يىلدىن كىيىن خوتۇن ئالغىدەك بولسا تىخمۇ ئۇنىمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:27:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامما لىكىن دەششەت تەھىلل قىپىسز .......... يىزىقچىلىق .پۇتبول بىلىمىڭىزگە قايىل بولىدۇم ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-15 19:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت مويسىپىت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر  ھىسلار يۇشۇرۇلغان ئىسىل تىما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-15 19:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەركەنىت يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 19:27
ئامما لىكىن دەششەت تەھىلل قىپىسز .......... يىزىقچىلىق .پۇت ...

رەھمەت ، ئاشۇرۋىتىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش