elan ornielan orni
كۆرۈش: 3434|ئىنكاس: 172

موللىر ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا نارازى بولدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]


      تېڭشۈن تورى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋرى،بىرازىليە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ پەردىسى يىپىلدى.مىسسى باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى چىمپىيۇن بولالمىغان بولسىمۇ،ئەمما خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا ئالتون توپ مۇكاپاتىنى بەردى،بۇ خىلى كۆپ تالاش تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ئاس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى بولغان توماس موللىر مىسسىنىڭ بۇ شەرىپىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن،ھەتتا ئۇلار ئالتون توپنى كۆتىگە تىقىۋالسۇن دەپ سەت گەپ قىلغان.
       مىسسى بۇ دۇنيا لوڭقىسىدا 4 توپ ئۇرۇپ بىر ياردەمچى پاس چىقارغان،بۇ ئۇنىڭ   ئالدىنقى ئىككى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىگە قارىغاندا ئىلگىرلىشىنىڭ روشەن بولغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما ئەمما شاللاش باسقۇچىغا كەلگەندە مىسسىنىڭ ئىپادىسى دىگەندەك بولمىدى، بىر توپ ئۇرۇپ بولسىمۇ كوماندىسىغا ياردەم قىلالمىدى،بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا گۇمانىنى قوزغىدى،ھەتتا ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ باشلامچىسى ماسچىرانو ،مىسسى ئەمەس دىگۈچىلەرمۇ پەيدا بولدى،مارادونامۇ ئالتۇن توپنى ئىلىشقا مىسسى لايىق ئەمەس بەلكى رودىگىرىز لايىق ئىدى دەپ قارىدى.ھەتتا پۇتبول بىرلەشمىسى رەئىسى بىلاتتىرمۇ:بۇ قارارنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم،مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا بۇنى قۇبۇل قىلغىلى بولاتتى، ناۋادا ئارگىنتىنا چىمپىيۇن بولغان بولسا ئالتۇن توپنى مىسسىغا بىرىشنى ئاندىن ئويلاشساق توغرا بولاتتى ،دىگەن.
      ئەڭ نارازى بولغىنى توماس موللىر ئۇ مۇسابىقىدە 5 توپ ئۇرۇپ 3 ياردەمچى پاس چىقاردى،بۇ نەتىجىسى مىسسىنىڭكىدىن خىلىلا يۇقىرى.ئۇ زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ:مەن بۇ ئىت پوقى مۇكاپاتقا ئازراقمۇ قىزىقمايمەن،ئۇلار ئۇ مۇكاپاتنى كۆتىگە تىقىۋالسۇن،بىز دىگەن دۇنيا چىمپىيۇنى ،دىگەن.ئۇنىڭ گىپىنى يىنىدا ئاڭلاپ تۇرغان چوشقىچاق موللىرنىڭ گىپىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن.
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-15 19:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 19:09:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 01:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 19:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتنى  مىسسى ئالسا بولمايدۇ دەيدىغانغا  نىمە ئاساسىڭلار بار  ؟   قايسى بىرسى مۇشۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا  ئاخىرقىچە  كۇماندا ئۈچۈن 1-نۇمۇرلۇق شەخىس بۇلۇپ ئوينالىدى؟ قايسى بىرسى كۇماندىغا نىسپەتەن ئۈنۈمى يۇقىرى توپنى ئۇرالىدى  ؟ قايسى بىرسى بىر كۇماندىنى تۇتۇپ  2- قىلالىدى  شۇنىڭغا جاۋاپ بىرىدىغانلار بارما ؟ موللىرى دىگەن تەلۋە  گىرماننى  ئۆزى يالغۇز چىمپىيون قىپتىما  ؟ھەلقىلغۇچتا توپ سىلىپتىمۇ  گىپىم بار دەپ نارازى بۇلاۋەرمەڭلار ئاۋۇ يەردىكى خەق كاللىسى بىزدىن نەچچە ھەسسە ئىشلەپ  تەرەقىياتى بىزدىن ئىشىپ كەتكەنلەر  ئەگەر بىز ئاشۇلارنىڭ ئاتاق دادا دەۋاسىنى قىلىۋەرسەك  چاچ تارايدىغاننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا چاچ تارىغىنىنى ئەسلىمەي قالمايمىز  ئۆۈڭلار بىر توپچىنى  بىر كۇماندىنى ئاساس قىلىپ مۇسابىقە كۆرمىگەچكە  ئالتۇن توپنى خەققە بىرەلمەيۋاتىسلەر سىلەرگە شۇنى دىسەم ئالتۇنتوپ نى ھەقىقى ئىگىسىگە بىرىپ بولدى  ، ئەمدى بىزنىڭ بۇ مۇنبەردە ئىگىزدىكى بۇيى يەتمىگەن شاپتۇلغا  قۇلىمىزنى سوزىۋەرگەننىڭ پايدىسى يوق ،   موللىرىنىڭ كەمتەر بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن بولمىسىا  ھامىنى خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىسەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:43:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسېل  گۇي  ئېسېل  سۆزلەپتۇ  گەپ  قىلىشلىرىمۇ  گىستاپۇچىلارغا  ئۇخشايدۇ بۇنىڭ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +71 يىغىش سەۋەبى
ئازىغ + 50 ناچاردىن بىرسى كەتتى!
پارتىزان + 10 قوللاش!
nuri + 1 قالتىس!
چۈش + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:52:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا قىزىقماسلىق باشقا گەپ ، ئاددىلىق تەلەپ قىلىش باشقا گەپ.
گەرچە مىسسى بۇ مۇكاپاتنى ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئېلىۋالمىغان بولسىمۇ لېكىن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقەتنى قايرىپ قويۇپ ، شۇنچە كۆپ ئادەمنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ، كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرىدۇ.  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +290 يىغىش سەۋەبى
مەھشەر + 10 خۇلاسىسى
ئوغلانى + 80 قوللاش!
kara-yakxanba + 50 قوللاش!
پارتىزان + 50 قوللاش!
چوكىنات + 100 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 19:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاق دادىسى ماندا بىر تەسەللى بىرىپ بېشىنى سىلاپ قويدى دەپلا چۈشىنىڭلار بولدى...

مىسسىنىڭمۇ ئالغۇسى يوق بۇ مۇكاپاتنى.. يان بېسىش بەكلا چېنىپ قالدى دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 19:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسنڭ ئىلىشىنى توغرا دىگەنلەرنىڭ ئوزىگە ئايان ........................

         ئوزەڭلارنى قىينىماڭلار ...................مۇللىر مۇتلەق ئۇستۇنلۇكىتە بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-16 11:01:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 01:28
نەدە بارلىقىنى مەن ئۇزۇن يىل پۇتبۇلغا مەستاننە بولۇپ  ...

ئىنىم ئۈزەڭ شەرتىنى دەپسەن ، شۇ سەن دىگەن شەرىتكە مىسسى چۇشىدۇ باشقىلارنىڭ چۇشدىغىنىنى بىلمەيسەن ، مىسسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى لىكىن سەن دىگەندەك ھەلقىلغۇچلۇق ۋاقىتتا كوماندىنى يار لىۋىدىن تارتىپ ئەكىلەلمىدى ، ئەكىسچە گوتزى گېرماننى يار لىۋىدىن تارتىپ ئەكەلدى سىنىڭچە قايسىسىنىڭ تۆھپىسى چوڭراق تۇردۇ ؟ گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 125مىنۇت ۋاقىتتا پۇتۇن كوماندا بىر توپمۇ ئۇرالمىدى ، نوقتا توپتا رومىرو ئارگىنتىنانى قۇتقۇزۋالدى بۇ يەردە كىمنىڭ تۆھپىسى چوڭدەك تۇردۇ ؟ مۇكاپاتنى سىنىڭ بەرمەيدىغىنىڭ ماڭا  بەش قولدەك ئايان بغىنىدەك سىنىڭ شەرتىڭنىڭ ئۇزەڭدىن باشقا ھىچ قانداق نىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغىنمۇ ماڭا بەش قولدەك ئايان ، مىداللارنىڭ سەرخىل تۇرغىنىغا كۈزۇڭ قىزىرۋاتامدۇ ئىنىم ھى ھى ھى  ،  كۆپ كوماندىنى ياقتۇرۇشنىڭ ماندا ھىكايىسى بار ، ئاڭلا مەن دەسلەپتە مادىرىت مەستانىسى بولغاندا ، مادىرىتتىن باشقا ھىچ قانداق كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرمەيتىم ، مادىرىتنىڭ ئۇتقان مۇسابىقىسىنى كۆرسەملا بولدى دەپلا ئويلاپ يۇرەتتىم ، ۋاقىت ئۇزەرغانسىرى ئۇزۇڭدە مۇسابىقىگە قارتا نەتىجىنى ئەمەس جەريانغا قىزىقىدىغان بۇلۇپ قالدىكەنسەن شۇنىڭ ئەگىشىپ باشقا كوماندىنىڭمۇ مۇسابىقىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلايدىكەنسەن  ئاندىن سىنىڭ ياقتۇردىغان كومانداڭ مىنىڭكىدەك جىقلاپ قالدىكەن ، سەن تىخى مىنىڭ شۇ باشتىكى ۋاقتىم بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا شۇڭا بەسانىڭكىدىن باشقا كوماندىغا قىزىقمايسەن ئىنىم كىيىنچە ئاكامنىڭ دىگىنى راسكەن دەپ قالسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 22:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ ئۆزەڭلارغا چۇشلۇق كۆز-قارىشى بار،لىكىن رىئاللىقتىن ئايرىلىپ ئۆزەڭلارنىڭ گىپىنى راس دەپ تۇرىۋالساڭلار بولمايدۇ
مۇنبەردىكى مۇشۇ زىددىيەتلەرنىڭ بىردىنبىر يىلتىزى، بىزدىكى "ئۆزىمىزنى ئېتىراب قىلماسلق". ھەممىسى ئۆزى ياخشى كورگەن ئادەمىڭ تەرىپىنى قىلىپ تۇرىۋېلىش.
ئالىدىغان مۇكاپات بىر ، مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلار ساماندەك،لىكىن مۇشۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
مېسسىنى كوماندىنىڭ تۈۋرۈكى دەپسىلەر، خوش،ئەمسە رودېرېگېزچۇ؟ ئۇنىڭ كوماندىسىدا ئۇنىڭدىن باشقا قايسى چولپان بار؟ روبېنچۇ؟ ئۇنىڭ گوللاندىيىدىكى رولىچۇ؟ بۇلارنىڭ كوماندىدىكى رولى ھەرگىزمۇ مېسسىدىن تۆۋەن ئەمەس.
مۇللېرنى ياراتمايدىكەنسىلەر تېخى، بۇ مۇكاپاتنى تېخنىكىسىغا ،تىزلىكىگە، ئالدىىغا قاراپ بەمەيدۇ.ئىپادىسىگە قاراپ بىرىدۇ.
ئوزەڭلار ياخشى كورىدىغان توپچىنىڭ بىر يىرىنى بولمايدۇ دەپ كورسىتىپلا قويسا جان تىكىدىكەنسىلەر، قۇبۇل قىلالمايدىكەنسىلەر، باشقىلارنىڭ دىگىنىنىڭ ئاساسى بارمۇ يوق دەپ ئويلاپ باقمايدىكەنسىلە،خۇددى دۇنيادا ئۆۈڭلار ياىشى كورىدىغان توپچىدىن باشقا بىرى يوقتەك ،باشقىلارنى 0 قىلىۋىتىدىكەنسىلەر.
خەق نىمە دىسە دىسۇن، جان تىكىپ ئۇلارنى قوغداپ بۇ يەردە ئۇرۇشۇشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟  
خوش، مىسال، كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ مۇنازىرىسى مۇنبەردىكى جېدەلنىڭ تۈپ يىلتىزى، مانداق قىلىڭلار بولمىسا،بىرەر كۈنى ۋاي ۋاي غا يىغىلىپ ئىككى گوروپ بۇلۇپ مۇنازىرىلىشىڭلار، كىم ئۇتسا فىفا شۇ تەرەپدارلارنىڭ توپچىسىنى پۇتبول شاھى قىلىپ تەيىنلەپ بېرىپ قالار. بۇنى بوش بۇپقالدى دىسەڭلار پالتا-پىچاقنى ئېلىپ چىقىپ دوئېلغا چۈشۈڭلار، قېنىمىز قىزىق مىللەتقۇ بىز، نورمال ئەھۋال،قارشى تەرەپنى چانىۋېتىڭلار.ئاندىن فىفا يەنە بىر قېتىم يۇقارقىدەك قارار چىقىرىپ بەرسۇن. دۇنياۋى تالاش تارتىشنى مۇنبەردە ھەل قىلىۋېتىپ  مىللىتىمىزنى خەلقاراغا تۇنۇتىۋېتەرسىلەر.
يەنە بىر گەپ ،مۇنبەر بارغانسرى كىنولاردىكى ئوردا تۈسىنى ئېلىپ قالدى، نوپۇزغا ئەگىشىش، ئۆزىنى كورسىتىش بىر قەدەر ئېغىر، شۇڭا نۇرغۇن ئېسىل، مۇنەۋۋەر ئەزالارنىڭ كۆڭلى قانغان چىراي، مۇنبەردىن جىمىپلا كەتتى.

ئەمدى تېمىغا كىلەي، مەن پەرۋەر نىڭ كۆز قارىشىغا قۇشۇلمايمەن. ئادەتتە ئاز سانلىق بىلەن كۆپ سانلىق ئوتتۇرۇسىدىكى زىدىيەتتە كۆپ سانلىقنىڭ توغرا دەپ قارىلىدۇ (بەزى ھاللاردا بۇنداق بولمىسىمۇ ). دىمەك ك
ۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ كۆز قارىشى بىردەكلىككە ئىگە دىگەن گەپ،شۇلارنىڭ توغرا بۇلۇشى ئېھيتىماللىققا ناھايىتى يېقىن.
لىكىن ئاز سانلىق كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىنى توغرا دەپ قارايدۇ ۋە پاكىت كورسىتىدۇ،بۇمۇ مۇ توپتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن توغرا،لىكىن رېئاللىقتا بۇنى قۇبۇل قىلىدىغانلار پەقەتلا سىلەر.
يۇقارقى مېسسى بىلەن مۇللېرنىڭ دەتالاشى دەل مۇشۇنىڭغا چۈشىدۇ.
مېسسىنى ھىمايە قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ ئىنتايىن ئادىل ( بەلكىم مېسسى مەستانىلىرى ئىچىدىمۇ بۇنى ئادىلسىزلىق دەيدىغانلار كوپ بۇلۇشى مۇمكىن.). خوش، ئۇنداقتا ئۆزەڭلار خوش بۇلۇپ ئولتۇرساڭلارلا كۇپايە، ئەكسىچە مېسسىنى كۈچەپ كوپتۈرۈپ كەتسەڭلار ھېسابتا ئوسال قىلىپ قويغان ، ئاقلىغان بۇلىسىلەر. ئېسىمىزدە بولسۇن، دۇنيا پۇتبولى مېسسى بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق مەستانىلەر مېسسىنىىڭ مەستانىسى بۇلۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. كۆپچىلىككە يارىغىنى ئەڭ ياخشى.

قارىسام باشقا ئەزالار جېدەللىشىپ قالمايلى دىدىمۇ  قانداق ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. ھىچكىم رەددىيە بەرمەپتۇ .شۇڭا كۆز قارىشىمنى دەپ باقتىم.

نى زامانلار بۇپتىكەن مۇنبەردە بۇنچىلىك خەت بېسىپ باقمىغىلى،  ئۇرۇشقىلى،جېدەللەشكىلى ئاۋارە بۇلۇپ يىزىپ يۈرگىنىم يوق،يولدىن ئۆتكەچ ئارىلىشپ قالدىم مۇنازىرىگە.
ھە راس، مۇنبەردىكى كىمنىڭ مەستانىسى بۇلايلى، مۇنازىرە بۇلۇپ قالسا،كۆز قارىشىمىز ئوخشىمىسا مۇنبەردە بىز پەقەت ئەڭ ئېغىر بولغاندا مۇنازىرىدىكى رەقىب،  ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس. شۇڭا باشقىلارنى دەپ بۇ يەردە يقا سىقىشمايلى، بۇلۇپمۇ  مېسسى-كرىستىيانو رونالدو مەستانىلىرى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
tagderem + 50 + 1 گاچا ئادەمنىمۇ سۆزلى.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىقمايدىغان ئادەم نىمىشقا نارازى بولىدۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولغاندا موللىر ياكى رودىگىز نىڭ بىرسىگە بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھونتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 18:49  

شۇ  ئەمەسمۇ  ، ھە قىلغۇچ  پەيىتتە  كاغا  كەلمىگەن  ئادەمگە  ئالتۇن  توپنى  بىرىپ  نىم  قىلىدۇ .،.
سەۋىر  قىل  مۇللىر  ، بۇ  قېتىم  سىنىڭ  قالتىس  ئىپادەڭگە مۇسابىقە  كۆرگۈچىلە  شاھىد ،.
لوڭقىنىڭ  ئۆزى  ئۇندا  مۇكاپاتنى  نەچچە  قاتلايدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:47:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېنىدىن ‏ئۈتۈپ كەتكۈدەك ماۋۇ گەپ   ھاھ ھاھ ھاھ ھاھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:50:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللىر مېسسى بىلەن تۆھپە تالىشىشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:53:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەمگە قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:56:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز قالدى سەنمۇ يېڭى تارىخ يارىتىدىغانغا ، شۇ چاغدا قاندىغى ساڭا بەرمەپ باقسۇنا ئۆزەملا ئېلىپ بېرىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم :  موللېر،نېيمار،رودىگىرىس،بېنزىما،ۋان پىرىس،شۈرلې قاتارلىقلار نىڭ  بۇقېتىمقى دۇنيا موسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ھەرگىز مىسسىنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس دەپ قارايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 18:59:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلسام مەنمۇ مېسسىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىغا قارشى. چىمپيون بۇلالمىسا بۇنداق مۇكاپاتنىڭ نىمە پايدىسى.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 23:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش