elan ornielan orni
كۆرۈش: 3000|ئىنكاس: 78

مارادونا: مىسسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئىلىشقا مۇناسىپ ئەمەس.

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 19:02  

maradona.jpg


2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىى گىرمانىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.
گىرمانىيە كوماندىسى زور تىرىشچانلىق بىلەن مىسسى باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسىنى قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىدە گوتىزنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن شاللاپ 24 يىل كۈتكەن تۆتىنجى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئىرىشتى.
ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن  پۇتبۇل شاھى مارادونا  ئارگىنتىنا تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇنداق دىدى: ئارگىنتىنا ھەقىقەتەن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ، ئارگىنتىنانىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئىرىشىش ئارزۇيى  ئەسلىدە گىرمانىيەنىڭكىدىن كۈچلۇك ئىدى. كوماندىمىز يىرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىنتايىن جاپالىق بولغان بىر مەيدان جەڭنى باشتىن كەچۈردى ۋە لوڭقىغا ئىرىشىش ئارزۇيى تىخىمۇ كۈچەيگەن لىكىن توپچىلىرىمىز بىرازىلىيەنى ئاسانلا يەڭگەن ۋە قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت،نۇختا توپ ئوينىمىغان ۋە بىر كۈن ئارتۇق دەم ئالغان گىرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئەسلىدە لوڭقىغا ئىرىشىشكە تىگىشلىكى بىز ئىدۇق .
ئاخىردا مارادونا مىسسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىگە قارىتا مۇنداق دىدى :خەلقئارالىق پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى يەنە بىر خاتا قارارنى چىقاردى، مىسسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئىلىشقا مۇناسىپ ئەمەس چۈنكى ئۇ بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئاران تۆت توپ ئۇردى بىراق شاللاش باسقۇچىدا بىرمۇ توپ ئۇرالمىدى. ئەسلىدە موللىر ياكى رودگىلىس ئالسا مۇئاپىق بولاتتى بۇ مۇكاپات مىسسىغا پەقەت تەسەللىي بىرىش ئۈچۈن بىرىلدى بۇ خەلىقئارالىق پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يەڭ ئىچىدىكى سودىسى خالاس!
ئۇ يەنە بۇ قىتىملىق ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئۈمۈتسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ :شۇنداق  ماررىئو گوتتىزنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن دۆلىتىمىز توپچىلىرى ۋە مەستانىلىرى قاتتىق ئازاپلاندى ، مەن ئۈچۈن ئىيتقاندىمۇ بۇ ئىنتايىن ئىغىر زەربە بولدى بىز ئەڭ ئاخىرقى پەيىتتە كەتكۈزۈپ قويدۇق ئەسلىدى نۇختا توپ تىپىشكەن بولسا باشقىچە بولىشى مومكىن ئىدى.

mise.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-14 18:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elyas7 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:07
ئىسپانىيەدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ماكا گىزىتىنىڭ ‹ سىزچ ...

مۇشۇ نۇقتىدىن ئەخلى ھۇشى جايىدا ئادەم خىلى ئىشنى چۇشېنۋالدۇ ،
ئامما بىزنىڭ مۇنبەردە بىلەت تاشلاپ قالغان بۇلسا بۇلدى 99 پىرسەت مىسسىغىلام تاشلايدۇ خۇددى چۇڭ دادىستەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 20:05:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 13:02
ئۇكام كونا ئەزا تۇرۇپ ئۇششاق باللاردەك تەھلىل قىلدىك ...

ئاكا بولۇشتىن تامايى بار لېكىن ئۇنىڭغا مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇنىڭغا يېتەلمىگەن بالىما سىز ، بۇ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ئالدىراپ بىرسىنى ئاكا ياكى ئۇكام دەپ چاقىرمايمىز بىلىپ قىلىڭ.

ئاجىز كوماندا يوق دېگىنىمىز ئۇ ئۆزىمىز تېپىۋالغان گەپ لېكىن نەتىجە ئاجىز كۈچلۈكنى بەلگىلەپ قويىدۇ.  
موللېر توپ ئورغان دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىبى 4 - 15-18-
مىسسى توپ ئۇرغان دۆلەتلەرنىڭ دەرىجىسى بولسا 16-20-28

قاراپ باقساڭ ھېس قىلالايسەن ، ئارگىنتىنانىڭ ھۇجۇم سېپى بىلەن گېرماننىڭ ھۇجۇم سېپىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟ شۇنداق بولغاندا كىمگە توپ ئۇرۇش پۇرسىتى كۆپ كېلىدۇ ؟
ئالدىغا كىلىپ قالغاننى ئۇردى دەپ قوي ، ئەمسە سەن پۇتبولچى بولساڭ بولامدۇ ؟ بېلىڭنى تۇتۇپ تۇرساڭ ئالدىڭغا توپلار ئۇچۇپ ئۇچۇپ كەلسە ، ئاقسا ئۇرۇپلا قويساڭ ، دۇنياغا تونۇلۇپ كەتمەمتىڭ نەچچە كۈندە.
مىسسى بۇ قېتىم ناچار ئوينىدى ئەمەس بەلكى نۇرمال ئوينىدى ، ئاخىرى توت مەيداندا مېنى مىسسى دەپ قالدۇق  ئىران نىگىرىيەنى بوزەك قىلغاندا كېيىن كۆرىمىز دەپ قويغان ئىدۇق ئەمەليەت ئىسپاتلىدى مىسسى توپ ئورالمىدى ، ئىپادىسى ياخشى بولاۋاتقان دىمارىيامۇ يوقاپ كەتتى.  ئارگىنتىنادىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەق دەپ قالساق ئۇ دەل ماسچىرانو.
مۇللىرىنىڭ بەش توپىنى مىسسىنىڭ تۆت توپىنى ۋاقتىڭ بولسا قايتا كۆرۈپ باق.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 19:02:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 19:40:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1998-يىلى فىرانسىيە چىمپىيۇن ،رونالدو(ئالتۇن توپ)
2002-يىلى بىرازىلىيە چىمپىيۇن ،كاھىن(ئالتۇن توپ)
2006-يىلى ئىتالىيە چىمپىيۇن، زىدانى (ئالتۇن توپ)
2010-يىلى ئىسپانىيە چىمپىيۇن، فورلان(ئالتۇن توپ)
2014-يىلى گېرمانىيە چىمپىيۇن، مىسسى (ئالتۇن توپ)

يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى تىللايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 20:18:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:20:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 12:42  

كۈچەپ ئوينىغانغىلا بېرىدىغان مۇكاپات بولسا ، ھەممە ماھىرغا بەرسە بولىدۇ ، كېم كۈچەپ توپ تەپمىدى ؟  بەزى مۇسۇلمان توپچىلار روزىدار توروپمۇ توپ تەپتى تېخى .
مۇللىرنىڭ ئورغان بەش توپى مىسسىنىڭكىدىن كۆپ ھەم قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، پۇرتۇگالىيەگە ، ئامىرىكا ، بىرازىلىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارغا توپ ئۇردى ،
مىسى بولسا كىچىك گۇرۇپىدىكى نىگىرىيە ، ئالجىرىيە ، بوسنىيە قاتارلىق ئاجىز كوماندىلارغا توپ ئۇردى ھەم توپ سانىمۇ مۇللىردىن ئاز.
تامنى سۆيگەننىڭ يۈزى دەپلا بەردىدە ئۇ ئالتۇن توپنى ،ئەسلى موللىر ئەڭ مۇۋاپىقتى .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elyas7 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:07
ئىسپانىيەدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ماكا گىزىتىنىڭ ‹ سىزچ ...

ماركا گېزىتىڭلار ئىسپانىيەنى بولۇپلا مادرت مەستانىلىرى ئاساس قىلىپ سايلام ئېلىپ بارىدۇ شۇڭا ئۇلار بەلكىم س . رونالدو لايىق دەپ ئويلاپ مېسسىنى لايىق ئەمەس دېگەن گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 13:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى 100دە 100 پىرسەنت كېلىدىغان نۇقتا توپنى رېپىر دادىسى قويۇپ بەرگەن بولسا ، بوسنىيە ئۆزىگە توپ ئۇرۇپ بەرمىگەن بولسا ، ئەسلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئاجىز گۇرۇپتىنمۇ چىقالماي ئۆيىگە قايتىدىغان قەغەز يولۋاستى بۇ .

بىرات چوڭ دادىسى يەنە خىجىل بولماي دۇنيا لوڭقىسىغىمۇ رېپىر قويغان . ھەققەت يەنىلا رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كەلدى . بىرات چوڭ دادىسى پاكىنەككە ئالتۇن پەلەينىمۇ بېرىۋەتكىسى بار ئىدى تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-15 00:31:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھشەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 00:34  

مەن مۇشۇ مۇكاپاتنى تارتقانقان ۋاقىتتىمۇ دېگەن ، مېسسىدىن باشقا مۇۋاپىق نامزات يوق بۇ مۇكاپاتقا . يېقىندىن بېرى شەخس مۇكاپاتلىرى قانداق تەقسىم قىلىنىۋاتىدۇ ، كۆرىۋاتىمىزغۇ ... بىرىنچى بولۇپ قارايدىغىنى توپچىنىڭ نامى ۋە داڭقى ، ئىككىنچى بولۇپ قارايدىغىنى ئاندىن مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى . مېسسى مۇسابىقىدە بىر ئۈلۈش تىرىشسا مۇللېر ئىككى ئۈلۈش تىرىشمىسا شەخس مۇكاپاتىدا يەنىلا مېسسىغا ئۇتتۇرغىنى ئۇتتۇرغان ....

لېكىن بۇ  بىر مەغلۇبىيەتچىلەرگە بېرىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتىرىدىكى بىر مۇكاپاتقۇ ئەمدى . بۇنى تالىشىپ كېتىش مېنىڭچە ئارتۇقچە . مېسسى ئالسا سىزگە نېمە پايدا ئالمىسا نېمە پايدا ؟
ھەق ناھەقنىڭ ئايرىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بۇنچىلىك كىچىك مۇكاپاتلارغا ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ ، يىل ئاخىرىدا بېرىدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق ھېلىقى مۇكاپاتقىمۇ ناھەق ئىشلار ئارلىشىدۇ تېىى ، شۇ چاغدىكى ناھەقچىلىككە بولسىمۇ ئازراق جىسمانى كۈچىمىزنى ساقلاپ قويمىساق بولماس ...

مەن مېسسىنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىغا قايىل بولدۇم . مېسسى كوماندىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق ئورنى بولغان سېنتىردىن ئوڭ تەرەپكە چىقتى . مانا مۇشۇ ئىشىلا مېنى قايىل قىلدۇرغان . گۇرپىدىكى ئىپادىسىنى دىمىسەممۇ ھەممە ئادەم كۆردى .

مېسسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىمۇ مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن كۆپ ياخشى ئوينىدى تېخى . مەن كۈچلۈك كوماندىلارغا ئۇچرىغان مېسسىنىڭ بولۇپمۇ گېرمانىيەگە ئۇچرىغان مېسسىنىڭ بۇنچىلىك ئوينىيالىشىغا ئىشەنمىگەن . لېكىن بىر ئادەم نېمە قىلالايتتى ؟ ئۆزىنىڭ كۇلۇبلىرىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغان ئاۋۇ دەلدۈشلەر ئازراق بولسىمۇ كۈچ بېرەلمەي بىرى جىددىلىشىپ ئوچۇق ۋارتاغا ئۇرالمىدى ، بىرى مۇسابىقىنى كۈچەپ ئوينىدىم دەپ خەقنىڭ يۈزىنى تاتىلاپ يۈرسە ... بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بالاڭزا خېلى راس گەپ قىلىدىغان بوپ قالدى مۇشۇ يېقىندىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ   دېمسىمۇ  رودگىلىس  ئېلىشى كىرەكتى !!!!!   بوپتۇ  بۇ بۈرگىمۇ ئاز  كۈچىمىدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋاي يەنە چۇڭلار تۇغرا گەپ قىلىدۇ جۇمۇ مەنچىمۇ نەق ئاشۇنداق مارادونا كۇڭلۈمدىكى گەپنىڭ ھەممىسىنى دەپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاداش                نىمە دەيدۇ            ئەمدى     ئادەمنىڭ    ئاچىقىنى   كەلتۇرۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسىمۇ بەك كۈچىدى، ھەقىقەتەن ئېلىشقا تېگېشلىك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-14 18:07:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ماكا گىزىتىنىڭ ‹ سىزچە مىسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى لايىقمۇ؟› دىگەن تەشكۈرشىچە 7.14-كۈنى چۈشكىچە 22000 ئادەم بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان . نەتىجىدە 92% بىلەت تاشلىغۇچى تورداش ‹ مىسسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا لايىق ئەمەس › دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zumrat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:06
مېسسىمۇ بەك كۈچىدى، ھەقىقەتەن ئېلىشقا تېگېشلىك .

قارشى ئالىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسىمۇ ياخشى ئوينىدىغۇ مارادونانىڭ ماۋڭ دىگىنى بولمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:10:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 18:18  

بەك  لاۋزى قېرىكەن بۇ.  گېپى توغرا  بولسىمۇ    بۇ گەپنى بۇ قېرى  دىمەسلىكى كېرەكتى  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:12:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن توپ ئېلىشقا ئەڭ لايىق ئادەم موللىر ئىدى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 18:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيان خېلى توغرا گەپ قىلدىغان بوپ قاپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 20:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش