elan ornielan orni
كۆرۈش: 1990|ئىنكاس: 31

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ھەممىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. مەن بۈگۈن مەيدانغا مۇناسىۋەتسىز، پەقەت بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىلەن ئىقتىساد ۋە پەن - تېخنىكا جەھەتتىن  يازدىم. ئاۋۋال گېزىتىمىزگە بېرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ مۇنبەردە ئېلان قىلدىم. چۈنكى، توپنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار يەنىلا سىلەر ئىكەنسلەر:
بىر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 64 تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ كىشىلەرنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىۋېلىشىدىكى سەۋەب نەدە؟ بۇ نوقۇل تەنتەربىيە مۇسابىقىسىلىمۇ ؟ بۇنىڭغا يەنە نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟
تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ

بۈگۈنكى دەۋردىكى پۇتبول ھەرىكىتىنى «پۇل بېسىش ماشىنىسى» غا ئوخشاتساق تېخىمۇ توغرىراق بولۇشى مۇمكىن.
2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قارايدىغان بولساق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى يانچۇقلىرىنى تومپايتتى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەنگلىيەدىكى بىر تەنتەربىيە تەتقىقاتى ئورنىنىڭ دوكلاتىدا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭ 4 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ 2006 – يىلىدىكى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 2010 – يىلىدىكى 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلىلا ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇ كىرىم ئاساسلىقى تېلىۋىزىيەدە تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىن ۋە  «ئادىداس»، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىياتسىيەسى»، «سونىي»، «ماك دونالد»، «كوكاكولا»، «خيۈندەي»، جۇڭگو «يىڭلى» قاتارلىق 20 گە يېقىن ئاساسلىق قوللىغۇچى شىركەتلەردىن كەلگەن. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تېلېۋىزىيەدە تارقىتىش ھوقۇقى جەمئىي 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان، دۆلىتىمىزدىكى بىۋاسىتە تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان بىردىنبىر تارقىتىش ۋاسىتىسى بولغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 730 مىليون يۈەن ئەتراپىدا) چىقارغان، يەنى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى تارقىتىش ھوقۇقى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 مىليون يۈەن خەجلىگەن. قوللىغۇچى شىركەتلەر خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە جەمئىي 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېلان ھەققى تۆلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن يەرشارى مىقياسى بويىچە ھەمكارلاشقان تۇنجى كارخانىسى بولغان جۇڭگو «يىڭلى» گۇرۇھى (ئېنىرگىيە كەسپىنى ئاساس قىلغان) تەخمىنەن 85 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 500 مىليون يۈەن) چىقارغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بېلەت كىرىمىمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئەرزان بېلىتى 90 ئامېرىكا دوللىرىدىن، ئەڭ قىممەت بېلىتى 990 ئامېرىكا دوللىرىدىن سېتىلغان (بۇ مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى بېكىتكەن باھا بولۇپ، قاراڭغۇ بازاردىكى بېلەت باھاسى نەچچە ئون ھەسسە قىممەت بولغان، بەزى مۇسابىقىلەرنىڭ بېلەت باھاسى 50 مىڭ يۈەنگە چىققان). بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرىچە بېلەت باھاسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بېلىتىدىن %10 ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى تەخمىنەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولغان.
دېمەك، بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ خۇشال بولىدىغىنى، يانچۇقى ئەڭ تومپىيىدىغىنى شەك – شۈبھىسىزكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بولغان. دەرۋەقە، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چىقىمىمۇ كۆپ بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقىمۇ نۇرغۇن خىراجەت كېتىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە كوماندىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات، كوماندىلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان كوماندىغا 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئىككىنچى بولغان كوماندىغا 25 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئۈچىنچى بولغان كوماندىغا 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، تۆتىنچى بولغان كوماندىغا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن كوماندىغا 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىققان كوماندىغا توققۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگىلا قاتناشقان كوماندىغا سەككىز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر كوماندىغا مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ھەققى ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىلگەن. ئۇنىڭدى باشقا، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۇلۇبىغىمۇ ھەق تۆلىگەن. يۇقىرىقى مۇكاپات ۋە باشقا ھەقلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 576 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسىدىن 156 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپ بولغان.
ساھىبخانىلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بىرازىلىيەمۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن نەپلەنگەن. بىرازىلىيەنىڭ 2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكى 2007 – يىلى 30 – ئۆكتەبىردە جاكارلانغانىدى. «پۇتبول پادىشاھلىقى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بىرازىلىيە شۇ ۋاقىتتىلا 2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى. بىراق، بەزى ئامىللار تۈپەيلىدىن بىرازىلىيەنىڭ ئومۇمىي ئاجراتقان مەبلىغى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان.
بەزى نوپۇزلۇق ئورگانلارىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە مۆلچەرىگە قارىغاندا، گەرچە چىقىم ئارتىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بىرازىلىيە ئۈچۈن يەنىلا پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىكەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئايدا بىرازىلىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچى ۋە تاماشىبىنلار 600 مىڭدىن ئېشىپ، بۇلارنىڭ بىرازىلىيەدىكى ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ، ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى سەككىز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسېفنىڭ مۆلچەرىچە، بىر ئايلىق مۇسابىقە بىرازىلىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 0.5 نۇقتا ئۆستۈرۈپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بىرازىلىيە بانكىسىنىڭ پەرىزىچە، بۇ يىل بىرازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئىقتىسادنىڭ بۇنداق ئېشىشدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆتتىن بىر ئۈلۈش ھەسسىسى بولىدىكەن. بىرازىلىيە ساياھەتچىلىك، قاتناش، باج ۋە دۆلەت ئوبرازى قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردا ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش، تەرەققىي قىلىش ھالىتىگە كىرىدىكەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، لاتارىيە، تەنتەربىيە بويۇملىرى شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى سودا سوممىسى ۋە پايدىسىمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپ بولغان.
دېمەك، ئىقتىساد يەرشارىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش نوقۇل ھالدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىشلا ئەمەس، بەلكى تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخنى نىشانلاشتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ «دەرەخ» نى قانچىلىك كۈچ بىلەن «ئىرغىتىش»، قانچىلىك «تىللا تۆكۈۋېلىش» ساھىبخانا دۆلەتنىڭ قۇدرىتىگە، پەم – پاراسىتىگە باغلىق.
01.jpg
پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى

پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىساد بىلەنلا ئەمەس، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا بىلەن بىرىكىشىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.
1934 – يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم رادىيودا نەق مەيداندىن ئاڭلىتىلغاندىن بۇيان، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تەرەققىياتى رادىيو – تېلېۋىزىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا چەمبەرچاس باغلانغان. 1954 – يىلى 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزوردا قويۇلۇشقا باشلىغان، مۇسابىقە گەرچە بىۋاستە تارقىتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل دۇنياغا دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىبارەت كاتتا مەرىكىنىڭ شۆھرىتىنى يېيىشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. 1958 – يىلىدىكى 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلىپ، دۇنيا تېلېۋىزىيە تارىخىدىكى يېڭىلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. ئەلۋەتتە، ئۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقە كۆرۈنۈشى رەڭسىز بولۇپ، مۇسابىقە كىشىگە خۇددى پاتقاقلىقتا ئوينىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەنىدى. 1974 – يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى سابىق فېدىراتىپ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. يۇقىرى تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە فېدىراتىپ گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تۇنجى قېتىم رەڭلىك تېلېۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش تېخنىكىسىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە «رەڭلىك پۇتبول» نى كۆرسەتكەن. 1978 – يىلىغا كەلگەندە دۇنيا لوڭقىسى يەرشارى مىقياسى بويىچە تارقىتىلغان، پۈتكۈل دۇنيادىكى 96 دۆلەت ۋە رايوندىكى 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇ كاتتا مەرىكىگە جۆر بولغان، مەملىكىتىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئاممىمۇ بۇ مۇسابىقىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا مۇۋەپپەق بولغان. 2002 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا تارقىتىلغان، 2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ئۈچ ئۆلچەم (3D) تېخنىكىسىنى تەنتەربىيە تارقىتىش تېخنىكىسىغا كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسىنى خۇددى يۇقىرى سەۋىيەدىكى كىنو فىلىملىرىگە ئوخشاش بەدىئىي سەۋىيەگە يەتكۈزگەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە 3D شەكلىدە تارقىتىلىپ، ئەڭ زامانىۋىي تېخنىكا بىلەن بىرىكىشىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
قارايدىغان بولساق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تارقىتىش تېخنىكىسىدىن باشقا، سىنغا ئېلىش ۋە ئاۋازغا ئېلىش تېخنىكسىدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بولغان. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، بىر مەيدان دۇنيا لوڭقىسىنى سۈرەتكە ئالىدىغان تېلېكامېرانىڭ سانى ئېشىپ، سۈپىتى ئۆستۈرۈلگەن. 2006 – يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى 28 دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېكامېرا سۈرەتكە ئالغان بولسا، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى سۈرەتكە تارتىش تېزلىكى ئادەتتىكى تېلېكامېرادىن ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇلغان، پەۋقۇلاددە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 38 دانە تېلېكامېرا سۈرەتكە ئالغان. تېلېكامېرا يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلان، دىرىژابېل، پولات سىم قاتارلىقلاردىنمۇ ئورۇن ئېلىپ، ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ مۇمكىن بولمىغان نادىر كۆرۈنۈشلەرنى تاماشىبىنلارغا سۇنغان. يۇقىرى ئېنىقلىكتىكى كۆرۈنۈش، نەچچە مىڭ ھەسسە ئاستىلىتىلغان ئاستا كۆرۈنۈش ۋە يىراقتىن تارتىلغان ئومۇمىي كۆرۈنۈشلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئادەتتىكى تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىن بەدىئىيلىك يۇغۇرۇلغان سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىنى، پۇتبول مەدەنىيىتىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە سۈرەتكە ئېلىپ، تاماشبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
03.jpg
مەيدان شارائىتى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىم – كېچىكى، رېپىرلار بويۇمى ۋە مۇسابىقە توپى قاتارلىقلارمۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سورۇنىغا ئايلانغان. تەنتەربىيە بويۇملىرى شىركەتلىرىنىڭ رىقابىتى ۋە تېخنىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. بىز بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىشلىتىلگەن توپتىنمۇ يۇقىرى تېخنىكىنىڭ نۇرلۇق سىيماسىنى كۆرەلەيمىز. 2006 – يىللىق دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 14 پارچە رەختتىن تۈزۈلگەن «كوللېكتىپ يۇلتۇزى» ناملىق توپ 32 پارچە رەختتىن تۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋىي توپقا خاتىمە بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىشلىتىدىغان توپ تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ زامانىۋىي ۋە تېخىمۇ نەپىس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن توپ مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئىشلىتىلگەن توپنىڭ نامى «سامبانىڭ شان – شەرىپى» (brazuca) بولۇپ، بۇ توپنى تەنتەربىيە ئىگىلىكىنىڭ باشلامچىسى بولغان «ئادىداس» شىركىتى ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ لايىھەلەپ چىققان. توپ ئالتە پارچە كېرىست شەكىللىك رەختتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوخشىمىغان ئالتە خىل بىرىكتۈرمە ماتېرىيالنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. توپنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 421 گىرام، ئايلانمىسى 69.1 سانتېمىتېر كېلىدۇ. بۇ توپ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېيىتقاندەك «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇمىلاق، ئەڭ ئۆلچەملىك، ئەڭ مۇكەممەل» توپتۇر. بۇ توپ نەچچە ئون مىڭ قېتىملىق فىزىكىلىق، خىمىيەلىك سىناقتىن ۋە نەملىك، تېمپىراتۇرا، ئېگىزلىك پەرقى، شامال كۈچى قاتارلىق نۇرغۇن ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ توسقۇنلىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مەيدانغا كەلگەن.
02.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +256 تۆھپە +11 شۆھرەت +11 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
توپ تەپكۈچى + 100 + 10 + 10 + 10 ياخشى يېزىلغان
alhan + 5 قالتىس!
temsack + 1 + 1 + 1 قوللاش!
ئاتلان7 + 50 قالتىس!
ۋەتەنجان + 100 ئېسىل يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-14 21:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 11:54
ئۆزىل دىگەن بالا لوڭقا كۆتۈرۈش مۇراسىمىدا كىيمىنى سىل ...

ئۆزىنىڭ ئىتقادىنى ئۆزىنىڭ يولى بىلەن ياشايدىغانلارنىڭ ئۆز ئىتقادىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزىمىزنڭكىگە چاغلاپ قاچانغىچە يۈرەمىز؟
بىر سالىھ مۇسۇلماننىڭ ئىش-ئىزلىرىغا مەستانە بولماقچى بولساڭلا، پۇتبۇل تەنھەركەتچىسى خاتا تاللاش.
مەسجىدى ھەرەم، مەسجىدە ئەقسالاردىن چىقىپ قىلىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-14 12:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 12:08
ئابلەتجاننىڭ يازمىسىنى ئاۋال بىزنىڭ ھوزۇرلىنىشىمىزغا ...

ھاھاھا، ماۋۇ گەپ كەپتۇ.
بۇرۇنقى توپتىن تېخىمۇ ئۆلچەملىك دېمەكچى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 11:54:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل دىگەن بالا لوڭقا كۆتۈرۈش مۇراسىمىدا كىيمىنى سىلۋىتىپ بەك قىلىقسىزلىق قىلدى ھەممىسىنىڭ ئۇچىسىدا بىر چىرايلىق كوماندا كىيمى ئەمما ئۆزىل بىلىكىدىكى چەكمىنى كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈنمىكى مايكىسىنى كەيمىدى ئەسلى مۇشۇنداق داڭلىق شەخىسلەر يەنى مۇسۇلمان توپچىلار ياخشى ئەدەپ ئەخلاقى ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۈلگە بولسا ياخشى بولاتتى ئىسىت...... پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ لەنەت ئوقۇيدىغانلار ئىچىدە بەدىنىگە چەكمە چەككۈزگەنلەرنىمۇ تىلغا ئالغان.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 11:57:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تىما بوپتۇ ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم .تىمىڭىزغا رەھمەت ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 13:54  

دۇنيا لوڭقىسى ھەقىقەتەن   تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكەن، كىرىم جەھەتتە يەنىلام پىفا  جىق پايدىغا ئېرىشىپ كەتتى. دۇنيا لوڭقىسىدىن تۇشكەن پۇلنى  ئاۋىرقىدىكى ،ياكى  ئوتتۇرا شەرقتىكى دولەتلەگە ياردەم قىلغان ،بولسا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شۆھرىتى ھەسىلەپ ئاشقان بۇلاتتى. ئەپسۇس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:08:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجاننىڭ يازمىسىنى ئاۋال بىزنىڭ ھوزۇرلىنىشىمىزغا سۇنغانلىقىغا ئالاھىدە رەخمەت!!!بۇنۇڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق يوسۇندا پىكىرلىشىپ تۇرايلى!!!ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە يۇمىلاق توپ تېپىش پۇرسىتى بولماپتىكەندە...ھەي روبىت باگىيو سەندىن ئاغرىنماي توپتىن ئاغرىساق بولىدىكەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت نۇرغۇن نېمىنى چۇشىنىۋالدۇق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:18:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدە پۇتبولنىڭ ئىقتىساد،پەن-تېخنىكا،سىياسى قاتارلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن ،بۇ خىل مۇناسىۋەت بارغانسىرى قويۇقلاشماقتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە 4 يىلدىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ ھاياجانلىنىش نېسىپ بولغاي...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تىما بوپتۇ ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم .تىمىڭىزغا رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:36:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما بوپتۇ قەلىمىڭىز گە كۆپ رەھمەت!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 12:43:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسپى يازغۇچىمۇ نىمە سىز ؟ گېزىتخانىدا ئىشلەمسىز ؟  سىز دىگەندەك بۇنداق ماقالىلەرنى ئەڭ ئەستايىدىل ئوقۇيدىغانلار مۇشۇ مۇنبەردىن چىقىشى مۇمكىن ... تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ! ئىشلىرىڭىز ئاسان بولغاي !
بەك تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بوپتۇ ... ئەمدى بىرازىلىيە شۇ قىلغان كىرىمىنى خەلققە ئازراق بولسىمۇ ئىشلەتمىسە خەلقنىڭ ئاغزىنى ئەتكىلى بولماسمىكىن ؟!   
كىلەر قېتىم يەنە قانداق يىڭى پەن تېخنىكىلار قوشۇلىدىكىن ؟؟؟؟
شۇ توپنى بىر تېپىپ باققۇم بار ... مېنىڭچە پۇتنى ئاغرىتمايدىغان توپ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 00:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش