ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 194 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار. 7- ئاينىڭ 14- كۈنى سەھەر سائەت 3 تە( دىيارىمىز ۋاقتى سەھەر سائات 1دە) پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا دۇنيا چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ. بۇ مۇسابىقە توغۇرسىدىكى تۈرلۈك قىياسلا مۇنبەرنى قىززىتىۋەتتى. مەنمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ئىشتىراكچىسى بولغاچقا بۇ مۇنازىرىدىن چەتتە قالمىدىم ، گەرچە مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بىلەرمەنلىك بىلەن ئالدىن توغىرا خۇلاسە چىقىرىش قىيىن بولسىمۇ، لىكىن مەن ئۆزىمنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن خىيالدا بۇ تىمىنى يوللاپ قويدۇم . مەن 1998- يىلىدىكى فرانىسىيە دە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن تارتىپ پۇتبولغا مەستانە بولغانمەن. ھازىرغىچە 16 يىللىق مەستانىلىق تارىخىم بار. پۇتبول مۇلاھىزىلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مەن بۇ تېمامدا گەرچە ئارگىنتىنا مەستانىسى بولمىساممۇ مىسسىنى ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئۇتىشىدىن بەكراق ئارگىنتىناغا مايىل بولۇپ قالغانلىقىمنى كەچۈرىڭلا. شۇڭا مەن ئارگىنتىنانىڭ ئۇتشى توغىرسىدا ئانچە توغىرا بولمىغان بۇ مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن. بۈگۈن كېچىدىك مۇسابىقىدا گېرمانلارنىڭ ئۇتۇشى 51%، ئارگنتىنانىڭ ئۇتۇشى 49% بولىشى مۈمكىن. چۈنكى گېرمانىيەنىڭ 3 سېپى تەڭشەلگەن، ھەم تەجىرىبىلىك ماھىرلار بىلەن تولغان بۇجەھەتتە ئارگىنتىنادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىراق ئۇلار 1998-يىلىدىكى چىمپىيۇن فرانسىيىنىڭ ‹‹ھۇجۇمچىسىز ›› ئويناش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەينى يىلى فرانسىيەمۇ نەتىجە قازانغان . گېرمانىيەمۇ شۇنىڭ پايدىسىنى كۆرەۋاتىدۇ. ئەمدى ئارگىنتىناغا كەلسەك ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سەپ ھۇجۇمچىلىرى گېرمانىيەنىڭ ھۇجۇمچىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. ئەگەر ئارگىنتىنا چىمپىيۇن بولىمەن دېسە بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۈستۈنلىكى بار.
1- ئارگىنتىنا 24يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇندالدى، چىمپىيۇن بولالمىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئويناپ 2- بولسىمۇ ئارگىنتىنا خەلقى بۇ نەتىجىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىۋىرىدۇ . شۇڭا بۇجەھەتتە ئۇلار دا روھى بېسىم يوق، روھى جەھەتتە ئۈستۈنلىككە ئىگە، سەللا كۈچەپ قويسا چىنپىيۇنلۇققا ئىرىشىپ كېتەلەيدۇ.
2- ئەگەر باش تېرىنىر سابىللا بۇرۇنقى مۇسابىقىلاردىكى ئويناش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ، مىسسىنى ئالدى بەل ئونىتىۋەرمەي دىمارىيانى ئالدى بەل ئوينىتىپ. مىسسىنى ئوتتۇرمەيدان ئالدى ھۇجۇمچىلىققا، ئاگۇڭيرۇنى ئوڭ تەرەپ ھۇجۇمغا، ھىگۇئايىننى سولتەرەپ ئالدى ھۇجۇمغا قويسا. كۈچلۈك ھۇجۇم سېپى بىلەن گېرمانىيەگە كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلسا گېرمانلار چۇۋۇلۇپ چىقىپ ھۇجۇم قىلىشقا پىتىنالمايدۇ. ھۇجۇم ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ قايتارما ھۇجۇم قىلىپ، ھۇجۇمدىكى ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ گېرمانلارنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ.
3- ئەگەر يەنە بۇرۇنقىدەك مىسسىنى ئالدى بەل ئوينىتىپ ئىھتىيات بىلەن ئويناپ، مىسسى باشقىلار غا پاس يەتكۈزۈپ بېرىپ، يۇۋاشلىق بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلالماي ئويناپ ئۇتتۇرۋەتسىمۇ بەرىبىر 2- بولىدىغان گەپ، بۇنداق ئۇتتۇرۇپ 2- بولسا تاماشىبىنلارنى رازى قىلالماي 2- بولغىچە. مىسسىنى ھۇجۇمغا سېلىپ ئازادە ئوينىسا مىسسى پۇرسەت تېپىپ 2-3 توپ كىرگۈزىۋىتىپ ‹‹مانا مەن مىسسى ھايات ›› دەپ ئۆزىنى نامايان قىلىۋىتىپ يېڭىلسىمۇ بەرىبىر 2- بولىدىغان گەپ، مانداق يېڭىلىپ 2- بولسا بارلىق مەستانىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدۇ. ئۆزىمۇ قالتىس خوشال بوپ كېتىدۇ ، ئارەگنتىنالىقلارمۇ ئۇنىڭدىن سۆيىنىدۇ.
4- گېرمانىيەگىمي ئەلۋەتتە توپ ئۇرۇش پۇرسەتلىرى چىقىدۇ. بىراق ئارگنتىنالىق 3نەپەر ھۇجۇمچى نىيۋىلنى قايمۇقتۇرۇپ 1-2 توپنى گېرمانىيە دىن ئارتۇقراق ئۇرۇپ ناتىجىنى ئارگېىنتىنا4؛3گېرمانىيە قىلىپ ئۇتىۋالالىشىدا گەپ يوق . ئارگىنتىنانىڭ مۇداپىئەسىمۇ ئاجىز ئەمەسكەن. مۇداپىئەنىمۇ كۈچەيتىپ ھۇجۇمنى تېخمۇ ئۈنۈملۈك كۈچەيتسە، ئالدىنقى سەپتە توپ كونتۇرۇل قىلىش ھوقۇقىنى قولقغا ئېلىۋالسىلا گېرمانىيەنى ئامالسىز ھالەتكە چۈشىرىشكە بولىدۇ. گېرمانلار يەردىن توپ كىرگۈزەلمىسە، ھاۋادىن توپ كىرگۈزەلەيدىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە ،ئۇلانىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى ئارگنتىنالىقلار كونتۇرۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا ئارگىنتىنالىقلار پۇت تېىخنىكىسىدا گېرمانىيەدىن ئۈستۈن بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى، ئوپ ئېلىپ يالغۇ زچەكلەنگەن رايۇنغا بۆسۈپ كىرىش ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىش كىرەك. قانداقلا بولمىسۇن مىسسى چوقۇم ھۇجۇم ئوينىسا پاسسىپلىقتىن قۇتۇلۇپ ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار دا 3 ئۈستۈنلۈلۈك، بىر ئاجىزلىقلا شەكىللىنىدۇ. ئۇ چاغدا ‹‹چۆمۈچمۇ ماي ، قازاىمۇ ماي›› دېگەن گەپ ، مۇشۇنداق .ئويناپ مۇسابىقىنى تازا قىزىتىۋىتىپ 1990 -يىلىدىكى قىساسنى كىلىشتۈرۈپ ئالسا ئارگىنتىنالىقلار بۇلارنى بىرازىلىيەدىن ئارگىنتىناغا دولىسىدا كۆتىرىپ ئېلىپ كېتىدۇ، ناۋاد مۇشۇنداق ئويناپ يېڭىلىپ 2- بولۇپ قالسىمۇ رەقىپلىرىمۇ قايىل بولىدۇ. ئەڭ خەتەرلىكى ‹‹ ئاكۇپ جېڭى ›› قىلىپ يېڭىلىپ قالسا ئۆزىگە ئۆزى قىلغان بولىدۇ. ‹. جاندىن كەچمىگىچە، جانانغا يەتمەس›› ،‹‹ قورقۇنچاق مىرادىغا يېتەلمەس›› دېگەن گەپ بار. يېتىپ ئۆلگەندىن ئېتىپ ئۆلگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ قالغىنى باش رىپىر سابىللا قانداق ئويلىدى بۇ بىزگە قاراڭغۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ قويدۇم ھەممە ئىش مۇتلەق بولىۋەرمەيدۇ. مۇنبەرداشلارنىڭ يەنە ياخشى ئىنكاسلار ئارقىلىق تولۇقللىما بېرىشىنى كۈتىمەن. |
|