elan ornielan orni
كۆرۈش: 2252|ئىنكاس: 62

بىرازىليە -گوللاندىيە(ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .

دىيارمىز ۋاقتى 7-ئاينىڭ 13-كۇنى سەھەردە دۇنيا لۇڭقىسىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۇينالدى ، ئاخىرىدا 3-0 نەتىجە بىلەن گۇللاندىيە بىرازىليە ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ، بىرازىليەنى يەنە بىر قېتىم شەرمەندە قىلدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ 2-مىنۇتتا ۋان پېرىسنىڭ پاس بىرىشى بىلەن روبېن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىردى، دىياگو سېلۋا ئارقىدىن تارتىپ يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، ئاستا كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا دىياگو سىلۋا چەكلەنگەن رايون سىرتىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان، ئەمما روبېن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە يىقىلغان، بۇ بىر خاتا ھۆكۈم بولدى. ئارقىدىن ۋان پېرىس نۇقتا توپنى كىرگۈزدى، گوللاندىيە 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
17-مىنۇتتا روبېن ئوڭ تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ توپ بۆلۈپ بەردى، دېگۇزمان پاس بەردى، داۋىد لۇيىس ئۈسۈپ چىقىرۋەتكەن كاللا توپ يىراققا بارمىدى، بىلىند 11 قەدەم ئەتىراپىدىن توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 2-0 گە چوڭايتتى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە گوللاندىيە 2-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشىپ ئاياقلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 60-مىنۇتتا رامىلىس ئوتتۇرا يولدىن بۆسۈپ كىرىپ ، چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئۈستىدە ۋارتاغا تەپكەن توپ قېيىپ كەتتى،
75-مىنۇتتا خۇلىك چەكلەنگەن رايون سول تەرەپتىن تەپكەن توپ ئازراق قېيىپ كەتتى. 91-مىنۇتتا روبېن ئىتتىرىپ بەردى، يانمات سول تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ پاس بەردى، ۋىنالدۇم چەكلەنگەن رايوندا توپنى ۋارتارنىڭ ئوڭ ئاستى تەرەپكە تىپىپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقىملىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا گوللاندىيە 3-0 نەتىجىدە برازىلىيەنى ئۇزىتىپ قويۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

1.jpg
2.jpg
3.jpg
4.jpg 5.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-13 11:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنسىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 11:29  

يەنە بىر قېتىم شەرمەندە بۇلدى ھەي كاكا بىلەن رۇنالدىنخۇنى ئالمىغاننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تاتتى سىكىلاردى ،
گۇللاندىيە ئارگىنتېنا بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدە مۇشۇنداق ئوينىغان بۇلسا كاجكى 2- ياكى ، 1-بۇلۇشىدا ئۇمۇت باتتى خەيىر ، ئەمدى ئاشۇ قىممەتلىك بىر مەيدان مۇسابىقىنى پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن كۇرۇپ دۇنيا لۇڭقۇسىنى ئاخىرلاشتۇرايلى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:08:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە كوماندا ئەزالىرىنى چالما كىسەك قىلىش كىرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:12:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە پۇتبول مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىرازىلىيەنى گەرچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا 3-لىكنى ساقلاپ قالسىكەن دېگەن ئۈمىدتە تۇرسام يېڭىلىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان. ھەي ئادەمنى ھەجەپ ئوتتا قويدى دېسە.....ھەي... نىيمار مەيدانغا چۈشەلىگەن بولسىچۇ كاشكى...
ئۆلگۈر زۇنىگا قاغىشتەككۈر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە يەكشەنبە بولىۋەرمەيدۇدە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:14:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېدەك ۋە دېدەك مەستانىلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمەن .يەڭ دىسە شۇندامۇ يەمدۇ بىچارىلەر دېدەكلەر ئەمدى نەچچە يىلغىچە ئىسىنى تاپالمايدىغان بولدى سىكلارىمۇ يۈزىنى ئوبدانلا تۈكىۋالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:16:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيەگە بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۈشكۈل بىر سەپەر بولدى، بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىن باشلاپ تاكى 3-لىكنى تالاشقۇچە.
ئەسلى مېكسىكىغا ئۇتتۇرۇپلا چېكىنسە بولاركەن بۇ خەق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:16:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
neymar10 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 10:12
بىرازىلىيە پۇتبول مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىرازىلىيە ...


نېيمار بولسىمۇ بىر ئادەمنىڭ قۇلىدىن نىمە كىلەتتى باشتا قىلغان ساختىلىقلىرىنىڭ دەردىنى تارتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2مەيداندا 10توپ ، بىرازىلىيەنىڭ ئىشتىيى بەك سازكەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىليەنى جېنىنى تىكىپ بولسىمۇ ئۇتامدىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن،بولغۇلۇق بوپ بولدى،
تۆتىنچى بولۇشمۇ خېلى ياخشى نەتىجە.
ئالدىنقى ئىككى نۆۋەت تۆتنىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمىگەن،بۇندىن كېيىن ساۋاقلارنى ياخشى قوبۇل قىلىپ،ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
84يىللىق ئەلا نەتىجە،7مەيداندا 14توپ ئىستىمال قىلىش،تارىختىكى ئەڭ شەرمەندە بىرازىلىيە

7مەيداندا 15توپ ئۇرۇش ،تارىختىكى ئەڭ ۋەھشى گوللاندىيە

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
سەنسىز + 20 قەرىزىڭ قايىتتى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-13 11:52:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە بۇ يىل تاكتىكىدىنلا كەتكۈزۈپ قويدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 13:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش