elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 987|ئىنكاس: 38

گوللاندىيە-بىرازىلىيە ( مۇلاھىزە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 20:43  

timg-2.jpeg

     ئەتە ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 2 دە 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقۇسىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى گوللاندىيە بىلەن بىرازىلىيە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بەلكىم بۇ مەيدان مۇسابىقە گوللاندىيە مەستانىللىرى ئۈچۈن يىغلاپ ، ياش تۆكۈپ كەتكۈدەك مۇسابىقە بولمىسىمۇ ، بىراق بىرازىلىيە مەستانىللىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئار نۇمۇسنى ، قەلبىدىكى ئاچچىق ھەسرەتنى ئارام تاپقۇزدىغان ، كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى 7-1 نەتىجىگە بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقان يۈركىگە ئازراق بولسىمۇ تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى بولىدىغان مۇسابىقە ، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گوللاندىيە ئۇتىۋالسا گوللاندىيە ھەرگىز ھەل قىلغۇچقا كىرگەندىكىدەك خوش بولىشى ناتايىن ، مەستانىلەرمۇ شۇنداق !

     بۇ مەيدان مۇسابىقە گوللاندىيە ئۈچۈن جاننى تىكىپ ئوينىغىدەك مۇھىم مۇسابىقىمۇ ئەمەس ،  بىراق ئۇلار ھەرگىز ئۇتتۇرۋىتىمىز دەپ ئوينىمايدۇ ئەلۋەتتە ، بىراق شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلىكىن ، بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بىرازىلىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ،  ھەتتا جاننى تىكىپ ئوينىغۇدەك مۇسابىقە ، بىرازىلىيە يەنە ئۇتتۇرۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ ، يەنە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىكى تىل-ئاھانەت ، مەستانىلەرگە يۈز كېلەلمەسلىك تۇيغۇسى ، ھەتتا بىرازىلىيە زۇڭلىسىنىڭ سايلام ئىشلىرىمۇ مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ ، ئەگەر بىرازىلىيە ئۇتتۇرۇپ قويسا ، مەستانىلەر تېخىدىنمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ پۈتكۈل بىرازىلىيەنى ئوتتۇرا شەرىققە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكىن ، ( بەلكىم ھەل قىلغۇچنى باشقا دۆلەتتە ئويناپ قالامدۇ تېخى )  بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر خالاس !

       ئەگەر بىرازىلىيە ئۇتسا خەلقنىڭ ئازار يېگەن قەلبى ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ ، قالايمىقانچىلىق ئازراق چىقىشى مۇمكىن ، ئەكسىچە بولسا بىرازىلىيە تېخىدىنمۇ قالايمىقان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ ،  شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇش ئۈچۈن بىرازىلىيە ھەر قانداق ۋاستىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن ( بەلكىم گوللاندىيە تەرەپكە مەسلەھەت سېلىش ، سوۋغات-سالام بېرىش ، ھەتتا پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىگە مەسلىھەت سېلىش ئارقىلىق گوللاندىيە تەرەپ بىلەن كېلىشكەن ئاساستا گوللاندىيە تەرەپنىڭ ئۇتتۇرۇپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، ۋەياكى رېپىرلارنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىش ، يۇقارقى ئىشلارنى قەتتىي بولمايدۇ دەپ ئېيتالمايمىز )   ، ئۆز مەيدانىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بار ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىشى مۇمكىن ، شۇڭا سىياسەت ، ۋەزىيەت نوختىسىدىن بىرازىلىيەنىڭ ئۇتۇشى ئەڭ يۇقىرى ،   شۇڭا لاتارىيە ئالغاندا گىرماندىن 7نى يىگەن يەردە گوللاندىيەدىن يېڭىلمامتى ئەمەس ، مۇنداق نوختىلارغىمۇ دېققەت قىلىپ لاتارىيە سېتىۋالساق ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن نوختىغا چۈشۈرەلەيمىز  ،  ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بويىنچە ئېيىتقاندا بۇ قېتىملىق 3-لىككە بىرازىلىيە ئېرىشكۈسى ....

يۇقارقىلار شەخىسنىڭ كۆز قارىشى ، قالايمىقان ئىنكاسلارنى قىلمىساڭلار ، ئازراق بولسىمۇ پايدىسى يەتسە دەپ يوللىدىم ،  تىمامدا ئازدۇر كۆپتۇر سەۋەنلىكلەرنىڭ بولىشى مۇقەررەر ، بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلەر تۈزتىۋالسام ....

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:09:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل مەن ئويلىغاندەك ئويلاپسىز مەنمۇ بىرازىليەنى جاننى تىكىپ ئوينايدۇ دىگەن قاراشتا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 16:37:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە بىلەن ئوينىغاندا كوماندىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى يوق، كاپىتانى يوق، ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى يوق ھالەتتە %70 تەلەي ئۈستىگە گىرمانىيە يېڭىۋالدى، بۇ نەتىجىنى بۇنىڭدىن كىيىن دەستەك قىلىۋالمىساقمۇ بولار. ئەمەلىيەتتە بىرازىلىيە كوماندىسى گىرمانىيەدىن بىر مەيداندا 7 توپ يىگۈدەك ئۇنچىۋالامۇ ئاجىز ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 16:47:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىرازىليە مەستانىسى بولغان بولسام مەنمۇ پىسەنتىمگە ئالمايتىم بۇ مۇسابىقىنى. بىرازىليە بەلكىم ئاساسلىق ئادەملىرنىمۇ سالماسلىقى مۇمكىن بۇ مۇسابىقىگە. ئىككى تەرەپنىڭ كىلشۋېلشنىغۇ قەتتى ھاجىتى يوق. كىلشۋېلىش ھاجەت بولغان تەقدىردىمۇ بىرازىليە كىلشمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. كىلشۋالسا 5 يۇلتۇزلۇق بىرازىليەگە ئوخشىماي قالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 13:54:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 14:05  

ئھتىمال  دىدەكلەر  نىمىسلاردىن  ئالالمىغان  ئۆچىنى  دىڭىز  قاراقچىلىرىدىن  ئېلشى مۆمكىن

يەنە  بىر  ئېھتىمال  دىىڭز  قاراقچىلىرى  پامپاسلىقلارنى  ئۇتالمىغان  ئاچىقىنى  دىدەكلەردىن  ئېلشى مۆمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 14:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 13:54
ئھتىمال  دىدەكلەر  نىمىسلاردىن  ئالالمىغان  ئۆچىنى  دىڭ ...

ھەر قانداق ئىشلارنى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ ، بىراق بىرازىلىيە ساھىپخان ھالەتتە ئارقا-ئارقىدىن ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايدۇ ، شۇڭا بىرازىلىيە گوللاندىيەگە ئۇتتۇرۇپ بەر دەپ ئىدىيىۋي تەربىيە ئېلىپ بارامدۇ تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:14:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتتى نەزەر 7:1نەتىجە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ قايتا سايلىنىش مومكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىشقا يەتكىدەك نەتىجە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:20:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا كوماندىسى بىلەن جەنۇبى ئامرىكا كوماندىسىنىڭ يەڭ ئىچىدە كىلىشەلىشى ناتايىن. شۇنداقلا گوللاندىيە بىلەن بىرازىليەنىڭ كىلىشىۋالالىشمۇ ناتايىن.
بىرازىليە زۇڭلىسى ئاللىقاچان قوللاشتىن قېلىپ بولدى، ئۆتكۈزمەيمىز دېسە زورلاپ ئۆتكۈزدى، مانا ئەمدى ئېچىنىشلىق شاللىنىپ ئولتۇردى، مەستانىلەر كۆرۈشنى خالايدىغىنى چىمپىيونلۇق ، 3-لىك ئەمەس. چىمپىيون بولالمىغاندىكىن 3- بولغاننىڭمۇ ئەھمىيىتى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 14:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 14:20
ياۋروپا كوماندىسى بىلەن جەنۇبى ئامرىكا كوماندىسىنىڭ ي ...

تېخى زۇڭلىلىقتىن چۈشۈپ كەتكىنى يوق ، بىراق 3-لىكنىڭ 4- بولغانغا قارىغاندا ئاسمان-زىمىن ئەھمىيىتى بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 14:23
تېخى زۇڭلىلىقتىن چۈشۈپ كەتكىنى يوق ، بىراق 3-لىكنىڭ 4-  ...

چۈشۈپ كەتتى دېمىدىمغۇ ؟ قوللاشتىن ئېنىق قالدى. بىرازىليە ئۈچۈن ئەھمىيىتى بار بولىشى مۇمكىن، مەستانىلەر ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيتى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:28:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىملىق تەسەللى مۇسابىقىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-12 14:30:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 14:23
تېخى زۇڭلىلىقتىن چۈشۈپ كەتكىنى يوق ، بىراق 3-لىكنىڭ 4-  ...

چۈشۈپ كەتمىدى،ئەمما 11-ئايدىكى سايلامدىكى نۇرغۇن بېلەتتىن ئايرىلىپ قالدى دىيىشكە بولىدۇ.4-بولسا يەنىمۇ نۇرغۇ بېلەتتىن ئايرىلىشى مومكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 14:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 14:27
چۈشۈپ كەتتى دېمىدىمغۇ ؟ قوللاشتىن ئېنىق قالدى. بىرازى ...

ئەھمىيىتى بار يوقلىقىنى مۇسابىقىدە ئۇتقان ۋە ئۇتتۇرغان چاغدىكى كەيپىياتقا قارايمىز ، بىرازىلىيە يەنە ئۇتتۇرۋەتسە ھازىرقىدىنمۇ ئەسەبىيلىشىپ كېتىشى ئېنىق ،  بۇنىڭ ئۆزى دەل ئەھمىيىتى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ  ،   ئەكسىچە مۇسابىقىدە ھازىرقى كەيپىياتى بىلەن ئوخشاش كەيپىياتتا بولسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش