تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 501|ئىنكاس: 11

ئالبىرتو گلاردىنو خىڭداغا قۇشۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 21:32  

QQ截图20140117112933.jpg


   خىڭدا كۇلۇبى ئورگان تورى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىتالىيە رىيانا كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئالبىرتو گلاردىنو بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يۆتكىلىش سوممىسى 5 مىليۇن ياۋرۇ بولۇپ، توختام مۇددىتى 2 يېرىم يىل بولغان. خىڭدادا 38-نومۇرلۇق كىيىمنى كېيىدۇ.
   ئۇ بۇ يىل 32 ياش بولۇپ، 17 ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم پىياسېنزا كۇلۇبىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2002-يىلى پارما كۇلۇبىغا 12 مىليۇن يارۋۇلۇق باھا بىلەن قۇشۇلغان. ئۇ پارماغا قۇشۇلغان تۇنجى پەسىلدىكى پەقەت 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 4 توپ كىرگۈزگەن. 2003-2004-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە بىراقلا پارتىلاپ، 34 مەيدان مۇسابىقىدە 23 توپ كىرگۈزگەن. 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ يەنە 38 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 23 توپ كىرگۈزۈپ ئىتالىيە كۈمۈش ئاياق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم بىرلەشمىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ۋە ئىتالىيەلىك مەرگەن بولغان. 2005-يىلى ئىتالىيە AC مىلەن كۇلۇبىغا 24 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قۇشۇلغان. تۇنجى پەسىلدە 17 توپ كىرگۈزگەن. 2006-2007-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئېرشىتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، فىلورىنىسا كۇلۇبىغا يۆتكىلىشنى تاللاپ، فىلورنىسادا ئاساسلىق ئوروننى ئالدى. 2008-2009-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە گلاردىنو 33 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 19 توپ كىرگۈزۈپ، فىلورنىسانى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى 4 نىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدە 5 توپ كىرگۈزدى. ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 7-ئايلانمىسىدا گىلاردىنو 2 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 100 توپلۇق قەدىمىنى باستى. ئىككى پەسىل ئۆزىنىڭ مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلدى. 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە 8 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن رىيانا كۇلۇبىغا قۇشۇلۇپ، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا بولويىنا كۇلۇبىغا ئىجارە بىرىلدى. ئۇ بىرلەشمىدە 33 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزدى. 2013-2014-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ رىيانا كۇلۇبىغا قايتىپ، 36 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 16 توپ كىرگۈزگەن. ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا 55 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 18 توپ كىرگۈزگەن.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارشى  ئالدۇ  پۇل  دىگەن  ساماندەك

خەلىق  پۇلىنىڭ  كۆرسىنىڭ  ئۆرلىشىگە  ئەگىشىپ  چەتئەللىك  داڭدارلارنىڭ  دۆلىتىمىزگە  بەسبەستە  كىلشى  ھەيران  قالارلىق  ئەمەس
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى يامان ئەمەسكەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇزۇكرەك    نۇمۇرنى   بەمەي     38  دەپ  تاينى   يوق   نۇمۇرنى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىڭدا تىخىمۇ كۈچلەندىدە ئەمدى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىچ كەتكەندىن كېيىن گىلاردىنو ئەزەلدىن ئامراق 11 - نومۇرنى بەرسە بولىدۇ بۇلارمۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم بولسا كاكا ئېزىپ تېزىپ كىلىپ قالمىدى.....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرىسى قېرىلار ساناتورىيەسىگە كەپتۇدە
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزغىن قارشى ئالمىز پۇلنى جىقراق تاپاسە
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى يامان ئەمەسكەن
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇزۇكرەك    نۇمۇرنى   بەمەي     38  دەپ  تاينى   يوق   نۇمۇرنى
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا ياخشىراق نۇمۇر بەرىسىچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-14 10:09 , Processed in 0.076254 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش